بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىر ناۋائى تەۋەللۇتىنىڭ 580 يىللىقىدا

0:00 / 0:00

بۇ يىل 9-فېۋرال بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرى، مۇتەپپەككۇر ۋە دۆلەت ئەربابى ئەلىشىر ناۋائى تەۋەللۇتىنىڭ 580 يىللىق خاتىرە كۈنى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ نۆۋەتلىك سەھىپىمىزنى ئۇيغۇرۋە تۈركىي خەلقلىرنىڭ ئۇلۇغ شائىرى ئەلىشىر ناۋائىغا بېغىشلايمىز. ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئىران-تۇران قەۋملىرى ئارىسىدا ئەسىرلەردىن بۇيان يادلىنىپ كېلىۋاتقان بۇنداق بىر بۈيۈك مۇتەپەككۇرنىڭ ھاياتىغا بىر نەچچە مىنۇتلۇق رادىيو پروگراممىسى بىلەن مۇپەسسەل قاراپ چىقىش تولىمۇ مۇشكۈل-ئەلۋەتتە.

تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نەۋائى ئەينى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيادا مەۋجۇت زور كۈچلەرنىڭ بىرى-خۇراسان ئېلىنىڭ ھېرات شەھىرىدە مىلادىيە 1441-يىلى دۇنياغا كەلگەن. شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ نەسەبى مەسىلىدە كېيىنكى يىللاردا نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇنى تار مەنىدىكى ئېتنىك توپلۇققا مەنسۇپ دەپ قارايدىغان پىكرلەمۇ سەھنىگە چىققان.

ھالبۇكى، تۈركىيە ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ۋارىس ئابدۇراخمان چاقان ئەپەندىنىڭ ئەلىشىر ناۋائى تەۋەللۇتىنىڭ 580 يىللىقىغا بېغىشلانغان تور مۇھاكىمە يىغىندا تارىخچى مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدىكى بايانلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئەلىشىر ناۋائىي ھىراتتا «بىر ئۇيغۇر باخشى» ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئىكەن.

ۋارىس ئابدۇراخمان چاقان مۇنداق دەيدۇ: «ئەلىشىر ناۋائى شەرقىي تۈركىستاندىن ھېرات شەھىرىگە كۆچۈپ چىققان بىر ئۇيغۇر باخشى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئۇيغۇر شائىرىدۇر. ئەلىشىر ناۋائىينىڭ نەسەبى ھەققىدە مىرزا ھەيدەر كوراگانى ‹تارىخىي رەشىدى› ناملىق ئەسىرىدىمۇ قىممەتلىك مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.»

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەلىشىر ناۋائىنى دۇنياغا مەشھۇر ئالىم مەھمۇت كاشغەرىدىن كېيىن دۇنياغا كەلگەن يەنە بىر بۈيۈك سىما ۋە ئۇيغۇر مىللەتچىسى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەلىشىر ناۋائى قالدرۇپ كەتكەن ئەدەبىي مىراسلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ پارلاق يۇلتۇزلارنىڭ بىرى، دەپ ئېيتىشقا بولىدىكەن.

ئەلىشىر ناۋائى ئۆزىنىڭ مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان دۇردانە كەبى مىسرالىرى جۈملىدىن «ھەيرەتۇل ئەبرار» (ياخشىلارنىڭ ھەيرانلىقى)، «فەرھاد-شىرىن»، «لەيلى-مەجنۇن»، «سەبئەئى سەييارە» (يەتتە سەييارە)، «سەددىي ئىسكەندەر» (ئىسكەندەر سېپىلى) قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان «خەمسە» سى بىلەنمۇ مەشھۇردۇر. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ بىر قىسىم شئىېر-داستانلىرى «ئۇيغۇر 12 مۇقامى» غا تېكىست قىلىپ ئىشلىتىلگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۈيۈك شائىر ئەلىشىر ناۋائىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلى نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبلىك تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى خىرسلارغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ تىلنى ئەسلى گۈزەللىكى ۋە شۆھرىتى بىلەن كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرۇش زامانىمىزدىكى ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئەڭ مۈشكۈل، ئەمما ئەڭ شەرەپلىك ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.