مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (49) : «ئىرقىمىز تۈركتۇر، دىنىمىز ئىسلامدۇر، يۇرتىمىز تۈركىستاندۇر»

0:00 / 0:00

1933-يىلى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش ھارپىسىدا نەشر قىلىنغان «ئىستىقلال» مەجمۇئەسىنىڭ تۇنجى سانىغا بېسىلغان باش ماقالىدە، «تۈركىستان-تۈركىستانلىقلارنىڭدۇر» دېگەن شوئار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كابۇلدا يازغان «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئابىدە كىتابىدا، گېنېرال مەھمۇد مۇھىتىنىڭ 1938-يىلى «ياش تۈركىستان» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «ئۆلمەك بار، دۆنمەك يوق» ناملىق ماقالىسىدە، ئەمىن ۋاھىدىنىڭ شۇ يىلى لاھوردا يازغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلاب تارىخىدىن ئەسلەتمە» ناملىق كىتابچىسىدا «شەرقىي تۈركىستان تۈرك خەلقىنىڭ ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي ۋەتىنىدۇر» دېگەن شوئار تەكرار-تەكرار ياڭرىغان ئىدى.

1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغا كەلگەندە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تەقدىرى ھەققىدىكى تارتىشمىلار مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋەكىللىكىدىكى تۈرك مىللەتچىلىرى گۇرۇھىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك مۇھاكىمە تېمىسىغا ئايلاندى. 1946-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنگەن «ئەرك» گېزىتى ئەتراپىغا شۇ دەۋرنىڭ ياش ۋە ئېنېرگىيەلىك مۇنەۋۋەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر تۈركۈم مىللەتچى سەرخىللار توپلاندى. ئۇلارنىڭ تۈپ سىياسىي غايىسى «ئەرك» گېزىتىنىڭ باش تىتولىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىگە يېزىلغان «بىز خەلقچىمىز، بىز مىللەتچىمىز، بىز ئىنسانىيەتچىمىز»، شۇنداقلا «ئىرقىمىز تۈركدۇر، دىنىمىز ئىسلامدۇر، يۇرتىمىز تۈركىستاندۇر» دېگەن ئالتە شوئارغا مەركەزلەشكەن ئىدى. يۇقىرىقى ئالتە شوئارنىڭ ئاستىدا يەنە جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مەشھۇر قىبلىنامىسى بولغان «تىلدا، ئىشتا، پىكىردە بىرلىك!» دېگەن شوئارمۇ قوشۇمچە قىلىنغان ئىدى.

پولات قادىرىنىڭ «ئەرك» گېزىتىنىڭ 1947-يىللىق 94-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئەرك شوئارى» ناملىق مەخسۇس ماقالىسىنىڭ باش قىسمى
پولات قادىرىنىڭ «ئەرك» گېزىتىنىڭ 1947-يىللىق 94-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئەرك شوئارى» ناملىق مەخسۇس ماقالىسىنىڭ باش قىسمى (RFA/Qutlan)

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، «ئەرك» گېزىتىنىڭ باش تىتولىغا بېرىلگەن «ئالتە شوئار» نىڭ ئەمەلىيەتتە «ئەرك» گېزىتىنىڭ تۈپ سىياسىي نىشانى ۋە غايىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

«ئەرك» گېزىتى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن ئۇنىڭ باش تىتولىغا بېرىلگەن «ئالتە شوئار» ئۆز دەۋرىدىكى تۈرلۈك سىياسىي گۇرۇھلارغا مەنسۇپ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. شۇڭىمۇ مىللەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ياش تارىخچى پولات قادىرى «ئەرك شوئارى» ناملىق مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، يۇقىرىقى «ئالتە شوئار» نى تەپسىلىي شەرھلەپ ئۆتكەن.

پولات قادىرىنىڭ «ئەرك» گېزىتىنىڭ 1947-يىللىق 94-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئەرك شوئارى» ناملىق مەخسۇس ماقالىسىنىڭ ئاخىرقى قىسمى
پولات قادىرىنىڭ «ئەرك» گېزىتىنىڭ 1947-يىللىق 94-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئەرك شوئارى» ناملىق مەخسۇس ماقالىسىنىڭ ئاخىرقى قىسمى (RFA/Qutlan)

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ پولات قادىرىنىڭ 1947-يىلى «ئەرك» گېزىتىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، «ئەرك شوئارى» غا تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇنداقتا، «ئەرك شوئارى» نىڭ ئىچىدىكى «ئىرقىمىز تۈركتۇر، دىنىمىز ئىسلامدۇر، يۇرتىمىز تۈركىستاندۇر» دېگەن ئالدىنقى ئۈچ شوئارنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى تارىخچى پولات قادىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزاھاتىغا ئاساسلىنىپ، يۇقىرىقى ئۈچ شوئارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن مىللىي كىملىك تىكلەشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۈچ ئامىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ «ئەرك» گېزىتىنىڭ باش تىتولىدىكى «ئىرقىمىز تۈرك، دىنىمىز ئىسلام، يۇرتىمىز تۈركىستان» دېگەن ئۈچ شوئارنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدىكى نېگىزلىك مىزان ياكى ئىدېئولوگىيەلىك پىرىنسىپنى نامايان قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇنداقتا، «ئەرك» گېزىتىنىڭ باش تىتولىغا بېرىلگەن «بىز خەلقچىمىز، بىز مىللەتچىمىز، بىز ئىنسانىيەتچىمىز» دېگەن كېيىنكى ئۈچ شوئارنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە مەزمۇنى نېمە؟ مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، بۇ ئۈچ شوئارنىڭ ھەم ئۆز دەۋرىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ئەمەلىيىتىنى ھەم ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنياۋىي يۈزلىنىشنى تولۇق ئەكس-ئەتتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلۇپ، مىللىي ئازادلىققا ئېرىشىش؛ مۇستەبىتلىككە خاتىمە بېرىپ، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ شۇنداقلا تىنچلىق، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنى ھىمايە قىلىش چۇقانلىرى ئەۋج ئالغان ئىدى. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئەرك شوئارى» دىكى «بىز خەلقچىمىز، بىز مىللەتچىمىز، بىز ئىنسانىيەتچىمىز» دېگەن ئۈچ شوئار دەل ئاشۇ دۇنياۋىي يۈزلىنىش بىلەن جىپسىلاشقان ئىدى.

تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئەرك» گېزىتى تەشەببۇس قىلغان يۇقىرىقى ئالتە شوئار ھەرگىزمۇ رۇس ياكى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىزاھلاپ كۆرسەتكەندەك «ئاشقۇن مىللەتچىلىك» ياكى «ئەسەبىي ئىسلامچىلىق» ئەمەس ئىدى. خۇددى پولات قادىرى «ئەرك شوئارى» ناملىق ماقالىسىدە ئېنىق كۆرسەتكىنىدەك، «مىللىتىمىز تۈرك دېيىش بىلەن پان-تۈركىست، دىنىمىز ئىسلام دېيىش بىلەن پان-ئىسلامىست، ۋەتىنىمىز تۈركىستان دېيىش بىلەن بۆلگۈنچى بولۇپ قالمايتتۇق، بەلكى بۇ بىزنىڭ تەبىئىي ھەق-ھوقۇقىمىز ئىدى».

دەرۋەقە، «ئەرك» گېزىتى ئۆزىنىڭ تۈپ نىشانى ۋە غايىسى قىلغان «ئەرك شوئارى» ، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى چارىكىدىن بۇيان قىرىم يېرىم ئارىلىدىن پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىغا ياڭرىغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ «تىلدا، ئىشتا ۋە پىكىردە بىرلىك» دېگەن شوئارى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلغان، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمەلىيىتى بىلەنمۇ جىپسىلاشقان ئىدى.

پولات قادىرىنىڭ «ئەرك شوئارى» ناملىق مەخسۇس ماقالىسىنىڭ 1947-يىلى ئالتاي نەشرىياتى ئىدارىسى تەرىپىدىن كىتابچە قىلىپ باستۇرۇلغان نۇسخاسى
پولات قادىرىنىڭ «ئەرك شوئارى» ناملىق مەخسۇس ماقالىسىنىڭ 1947-يىلى ئالتاي نەشرىياتى ئىدارىسى تەرىپىدىن كىتابچە قىلىپ باستۇرۇلغان نۇسخاسى (RFA/Qutlan)

خۇددى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى تەكىتلەپ ئۆتكەندەك، «ئەرك» گېزىتى ئۆزىنىڭ شوئارى قىلغان تۈركچىلىك ۋە مىللەتچىلىك ئىدېئولوگىيەسى باشقىلار تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنغان قالپىقى يوغان «ئىزم» لاردىن پەرقلىق ئىدى. شۇڭىمۇ «ئەرك» گېزىتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان مىللەتچى سەرخىللار ھېچقاچان «مىللىتىنىڭ تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپلۇقى، دىنىنىڭ ئىسلاملىقى ۋە يۇرتىنىڭ تۈركىستان تۇپراقلىرى ئىكەنلىكى» نى يوشۇرۇپ ئولتۇرمىغان ئىدى.

«ئەرك شوئارى» ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، تاران ئۇيغۇر نەشرگە تەييارلىغان تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىكى مەنبەگە نەزەر سالغايسىز:

https://www.akademiye.org/ug/?p=160157

(داۋامى بار)