ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان تايلاند ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ ناچار ئوبرازىنى ياخشىلاش ھەرىكىتىگە يانتاياق بولغان

«تايلاند ئولۇسى» (The Nation Thailand) خەۋەر تورىنىڭ 20-مارت خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋاچاياچاي بىلەن ئەدلىيە مىنىستىرى تاۋې سودسوڭ باشچىلىقىدىكى تايلاند ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن ھېيتگاھ جامىسىنى زىيارەت قىلغان. جامىنىڭ ئىمامى تايلاندتىن خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ «ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇشال ھالدا جەم بولغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا ياخشى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW) 18-مارت كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىۋاتقان تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەييارلاپ قويغان ناخشا-ئۇسسۇل ۋە يالتىراق سەھنىلىرىگە ئالدانماسلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ناچار ئوبرازىنى ياخشىلاش ھەرىكىتىگە يانتاياق بولماسلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئۇلار يەنە تايلاند ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زىيانكەشلىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا ئاشكارا ئاخبارات ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى مايا ۋاڭ، تايلاند ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى ھەققىدە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ھېلىھەم خىتايغا ماسلىشىپ تەشۋىقات ئويۇنى ئويناۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال كۈنى 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا مەخپىي قايتۇرۇپ بېرىشى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، شۇنداقلا ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو تايلاندنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «ئەڭ قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى» جاكارلاش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بار تايلاند ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.