مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (43) : «ئون بىر بىتىم» ۋە «بىرلەشمە ھۆكۈمەت» توغرىسىدىكى جىددىي تارتىشمىلار

0:00 / 0:00

1945-يىلى 10-ئايدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» لەر ئۇزۇن يىللىق سىياسىي مۇساپىرەت ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندە، ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ۋەكىلى ئۈرۈمچىدىكى غەربىي بىنادا سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇراتتى.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق مىللەتچىلەر گۇرۇھىدىكى سەرخىللار ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى «تىنچلىق سۆھبىتى» گە قاتناشتۇرۇلمايدۇ، ئەمما ئۇلار كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە 8 ئايغا سوزۇلغان «تىنچلىق سۆھبىتى» نىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئىلى تەرەپ سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ ماناس دەرياسى بويىغا كېلىپ بولغان مىللىي ئارمىيەنىڭ سۈر-ھەيۋىتىنى قالقان قىلىپ، مۇستەقىللىق تەلىپىنى، ھېچ بولمىغاندا ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھالبۇكى، «تىنچلىق سۆھبىتى» ئۇزۇنغا سوزۇلغانسېرى، ئۇنىڭ نەتىجىسى بۇغرانى شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.

1946-يىلى 6-ئايدا «ئون بىر بېتىم» ئىمزالىنىپ، «شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت» تەشكىللىنىش ئالدىدا گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رويخەتكە ئېلىنغان 25 نەپەر ھۆكۈمەت ئەزاسىنىڭ تىزىملىكى ۋە كونكرېت ۋەزىپىلىرى
1946-يىلى 6-ئايدا «ئون بىر بېتىم» ئىمزالىنىپ، «شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت» تەشكىللىنىش ئالدىدا گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رويخەتكە ئېلىنغان 25 نەپەر ھۆكۈمەت ئەزاسىنىڭ تىزىملىكى ۋە كونكرېت ۋەزىپىلىرى (تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيى)

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، بۇغرا باشچىلىقىدىكى «ئۈچ ئەپەندى» لەرنىڭ ئىلگىرى گومىنداڭ مەركىزىگە سۇنغان شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئالىي مۇختارىيەت تەلەپ قىلىش لايىھەسى بىلەن «ئون بىر بىتىم» دىكى ئەمەلىي ماددىلار ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئارىلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەيدۇ.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇغرا باشچىلىقىدىكى «ئۈچ ئەپەندى» لەرنىڭ ئالىي مۇختارىيەت لايىھەسى بىلەن «ئون بىر بىتىم» نىڭ ماددىلىرى ئوتتۇرىسىدا جىددىي پىرىنسىپاللىق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى؛ بولۇپمۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئۆز ئەسلىمىلىرىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۈلھ كېلىشىمىنىڭ كونكرېت ماددىلىرىغا بولغان نارازىلىقى، ئەندىشىسى ۋە ئۈمىدسىزلىكلىرى ئىپادە قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

دەرۋەقە، 8 ئايغا سوزۇلغان «تىنچلىق سۆھبىتى» دىن كېيىن، بۇغرا باشچىلىقىدىكى «ئۈچ ئەپەندى» لەر ئىلى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئۆلكىلىك بىلەشمە ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئالىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي-ئىدېئولوگىيەلىك پەرقلەر ۋە ۋەتەننىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە قايسى تاشقى كۈچكە تايىنىش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلار ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈنسايىن كۈچەيتىپ بارىدۇ. مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، گەرچە ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن «ئۈچ ئەپەندى» لەر ئوتتۇرىسىدا مەپكۇرەۋىي توقۇنۇشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئوتتۇرىسىدىكى شەخسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئالاھىدە دىققەت چېكىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

1946-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى «شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت» نىڭ ئەزالىرى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندا، تەمىرات (قۇرۇلۇش) نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلەنگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرامۇ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان. بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئىككى تىلدا ئىمزا قويغان قەسەمنامە ھۆججىتى
1946-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى «شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت» نىڭ ئەزالىرى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندا، تەمىرات (قۇرۇلۇش) نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلەنگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرامۇ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان. بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئىككى تىلدا ئىمزا قويغان قەسەمنامە ھۆججىتى (تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيى)

1946-يىلى 6-ئاينىڭ باشلىرىدا «ئون بىر بىتىم» نىڭ قوشۇمچە نۇسخاسى ئىمزالىنىپ، ئارقىدىنلا يېڭىدىن تەشكىللەنگەن «شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت» نىڭ تەركىبى ئېلان قىلىنىدۇ. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرى غۇلجادا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارقىتىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىلى ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسى تەشكىل قىلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا خاتىرەلىرىدە «ئون بىر بىتىم» نىڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى مۇختارىيەت تەلەپلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىغانلىقىدىن ئۆكۈنىدۇ.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، خۇددى بۇغرا تەكىتلىگەندەك، ئىلى ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان «بىرلەشمە ھۆكۈمەت» نىڭ مىلىتارىست شېڭ شىسەي دەۋرىدە قۇرۇلغان «بىرلەشمە ھۆكۈمەت» تىن ھېچ پەرقلەنمىگەنلىكىنى، ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنىڭ خۇددى خوجانىياز ھاجىغا ئوخشاشلا «مۇئاۋىن رەئىس» لىك ئورۇن بىلەن قانائەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

بىر قىسىم تارىخىي ماتېرىياللار ۋە شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدە، مۇھەممەت ئەمىن بۇغرانىڭ ئەسلىدە «ئون بىر بىتىم» دىن كېيىن تەشكىللەنگەن ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىللە مۇئاۋىن رەئىسلىككە كۆرسىتىلگەنلىكى، ئەمما سوۋېت تەرەپنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئۇنىڭ ئورنىغا بۇرھان شەھىدىنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، بۇ ئەھۋالنىڭ تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيىدا يېقىنقى يىللاردا مەخپىيەتلىكى بىكار قىلىنغان گومىنداڭ دەۋرىدىكى بىر قىسىم ئارخىپ ھۆججەتلىرى ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەلىللەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

گومىنداڭ ھەربىي ئىستىخباراتىنىڭ خادىمى ۋەن سۇڭ تەرىپىدىن 1948-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى جياڭ كەيشىگە يوللانغان مەخپىي دوكلاتنىڭ بىر بېتى. ئۇنىڭدا 1946-يىلى 6-ئايدا ئىلى تەرەپنىڭ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى «ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە كۆرسەتكەنلىكى، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشى بىلەن ئۇنىڭ ئورنىغا بۇرھان شەھىدىنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
گومىنداڭ ھەربىي ئىستىخباراتىنىڭ خادىمى ۋەن سۇڭ تەرىپىدىن 1948-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى جياڭ كەيشىگە يوللانغان مەخپىي دوكلاتنىڭ بىر بېتى. ئۇنىڭدا 1946-يىلى 6-ئايدا ئىلى تەرەپنىڭ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى «ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە كۆرسەتكەنلىكى، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشى بىلەن ئۇنىڭ ئورنىغا بۇرھان شەھىدىنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. (تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيى)

1948-يىلى گومىنداڭ ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ جياڭ كەيشىگە يوللىغان مەخپىي دوكلاتىدا، 1946-يىلى «ئون بىر بىتىم» ئىمزالىنىپ، «شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت» تەشكىل قىلىنىش ئالدىدا، ئىلى تەرەپنىڭ ئەسلىدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى مۇئاۋىن رەئىسلىككە كۆرسەتكەنلىكى، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىدە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئورنىغا «سوۋېت تەرەپكە ئىشەنچلىك ئەرباب» ھېسابلانغان بۇرھان شەھىدىنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئۆلكىلىك تەمىرات نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ قالغانلىقى بايان قىلىنغان.

(داۋامى بار)