ئىلى ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشى، يات تۇپراقلاردا سىياسىي مۇساپىرەت ھاياتىنى ياشاۋاتقان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋەكىللىكىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق سەرخىللارغا مۇنقەرز ۋەتىنىنىڭ ئۇپۇقىدا پارلىغان ھۆرىيەت قۇياشىنىڭ ئۈمىد نۇرىنى كۆرسەتكەن ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت مەركىزىدە يىللارچە سىياسىي كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق سىياسىي سەرخىللار ۋەتەنگە قايتىشنىڭ جىددىي تەرەددۇتىغا كىرىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ 1944-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلىغان ۋەتەنگە قايتىش تەلەپلىرى گومىنداڭ مەركىزىدىكى ئوڭ قانات خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ، شۇ جۈملىدىن جياڭ جيېشىنىڭ شەخسەن قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. مەسئۇد سابىرى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق كىشىلەرنىڭ گومىنداڭ مەركىزىگە ئارقا-ئارقىدىن سۇنغان ۋەتەنگە قايتىش تەلەپلىرى تاكى 1945-يىلى ئۆكتەبىردە ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا «ئۈرۈمچى سۆھبىتى» باشلانغۇچە ئىزچىل رەت قىلىنىدۇ.

ئۇنداقتا، بۇغرا ۋەكىللىكىدىكى «ئۈچ ئەپەندى» لەرنىڭ ۋەتەنگە قايتىش تەلەپلىرى نېمە ئۈچۈن گومىنداڭ مەركىزىدىكى ئوڭ قانات خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ شۇ قەدەر قارشىلىقىغا دۇچ كېلىدۇ؟ مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇرنىڭ تەكىتلىشىچە، گومىنداڭ دائىرىلىرى بۇ مەسىلىدە بىر تەرەپتىن، «ئۈچ ئەپەندى» لەرنىڭ يىللاردىن بۇيان خىتاي مەركىزىدە سۈردۈرۈپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستانغا دائىر سىياسىي كۈرەشلىرىنىڭ تەسىرىدىن ئەنسىرىسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن بۇغرا قاتارلىق كونا ئىنقىلابچىلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى چاقىرىق كۈچىدىن ئەندىشە قىلغان ئىكەن.
گومىنداڭ مەركىزىدىكى ئوڭ قانات ھوقۇقدارلاردىن ئاكا-ئۇكا چېن لىفۇ ۋە چېن گوفۇ، شۇنداقلا جياڭ جېشى تەرىپىدىن مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ ئورنىغا «شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكى» گە تەيىنلەنگەن ۋۇ جۇڭشىن ماھىيەت جەھەتتىن ئەشەددىي ھەم مۇتەئەسسىپ خىتاي مىللەتچىلىرى ئىدى. بولۇپمۇ ۋۇ جۇڭشىن، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» لەرنىڭ تۈرك مىللەتچىلىكى ئىدىيەسىگە چىش-تىرنىقى بىلەن ئۆچ بىرى ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۈرۈمچىدىن جياڭ جېشىغا ئارقا-ئارقىدىن تېلېگرامما يوللاپ، «ئۈچ ئەپەندى» لەرنىڭ خىتاي مەركىزىدىن شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ چىقىشىنى توسايدۇ. بۇ نۇقتىدا پىكىر بايان قىلغان پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، «ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىسى بولغان ۋۇ جۇڭشىن تۈرك مىللەتچىسى بولغان بۇغرا قاتارلىق <ئۈچ ئەپەندى> نىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىشىنى ئەلۋەتتە خالىمايتتى» دەيدۇ.

تەيۋەندىكى «دۆلەتلىك تارىخ سارىيى» مەخپىيەتلىكىنى بىكار قىلغان گومىنداڭنىڭ 1940-يىللارغا دائىر ئارخىپ ھۆججەتلىرىگە قارىغاندا، ۋۇ جۇڭشىن قاتارلىق مۇتەئەسسىپ خىتاي مىللەتچىلىرى، تاكى 1945-يىلى ئۆكتەبىر ئايلىرىغا قەدەر بۇغرا قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» لەرنىڭ ۋەتەنگە قايتىشىغا ئىزچىل قارشىلىق كۆرسەتكەن. مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېن لىفۇ بىلەن چېن گوفۇ بۇ ھەقتە جياڭ جېشىغا يوللىغان دوكلاتىدا، «مەسئۇد، بۇغرالارنى شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلق قارشى ئالمايدۇ» دەپ باھانە كۆرسەتسە؛ ۋۇ جۇڭشىن ئۈرۈمچىدىن يوللىغان مەخپىي تېلېگراممىلىرىدا ئۇلارنى «خەتەرلىك ئادەملەر» ، «شىنجاڭدا تېخىمۇ زور مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ.
تارىخىي شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرى ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ خاتىرەلىرىگە قارىغاندا، ئىلى ئىنقىلابى پارتلاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەلىخان تۆرەمنىڭ لەنجۇغا مەخپىي مەكتۇپ ئەۋەتىپ، مەسئۇد سابىرى قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» لەرنى ۋەتەنگە قايتىشقا جىددىي دەۋەت قىلغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي ئىنقىلابتىكى كونتروللۇق كۈچىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ئەلىخان تۆرەم، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋە كوممۇنىزمغا قارشى بولغان «ئۈچ ئەپەندى» لەر بىلەن ئىچكىي ھەمكارلىق ئورنىتىشنى، بولۇپمۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرادەك دىنىي ۋە مىللىي چۈشەنچىسى كەسكىن بولغان كونا ئىنقىلابچىنى يېنىغا تارتىشنى كۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىن، دەيدۇ.

ئۇنداقتا، بۇغرا قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» نىڭ ۋەتەنگە قايتىش تەلەپلىرىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن گومىنداڭ دائىرىلىرى نېمە ئۈچۈن 1945-يىلى 10-ئايغا كەلگەندە بىردىنلا قارارىنى ئۆزگەرتتى؟ بۇغرا ئۆزىنىڭ «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىيوگرافىك يازمىسىدا «جاڭ جىجۇڭ بىزنى ئىلى تەرەپ بىلەن بولىدىغان سۈلھى مۇزاكىرەسىدە ‹مۇشاۋىرە مۇۋازىنە› (مەسلىھەت ۋە تەڭپۇڭلۇق) ئۇنسۇرى بولۇشىمىزنى كۆزلەپ، ئۈرۈمچىگە دەۋەت قىلدى» دەپ يازىدۇ. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، جاڭ جىجۇڭنىڭ «ئۈرۈمچى سۆھبىتى» باشلىنىشتىن بىرنەچچە كۈن بۇرۇنلا «ئۈچ ئەپەندى» نى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ سۆھبەتكە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «تەڭپۇڭلۇق ئامىلى» سۈپىتىدە قوللىنىش ئۈچۈن ئىدى، دەيدۇ.
پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، گومىنداڭ تەرەپ ئەڭ ئاخىرىدا «ئۈچ ئەپەندى» نىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋە كوممۇنىزمغا قارشى مەيدانىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنى ئىلى تەرەپ بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبىتىدە «بالانس ھاسىل قىلىش» ئۈچۈن قوللانماقچى بولغان بولسا؛ بۇغرا قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» بۇنى «ۋەتەنگە قايتىش ۋە ئۆز خەلقىگە بىۋاسىتە خىزمەت قىلىشنىڭ بىر پۇرسىتى» دەپ قارىغان، دەيدۇ.
ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق سۆھبەت ۋەكىلى جاڭ جىجۇڭنىڭ 1945-يىلى 10-ئايدا «ئۈچ ئەپەندى» نى ئۈرۈمچىگە قايتىشقا دەۋەت قىلىشىدا مەسئۇد سابىرى بىلەن رەھىمجان سابىرى ئوتتۇرىسىدىكى «تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، قارشى تەرەپكە بېسىم ئىشلىتىش» تەك بىر يوشۇرۇن غەرەزمۇ يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن، دەيدۇ.

دەرۋەقە، «چىن تۈلكىسى» دېگەن نامى بار خىتاي دىپلوماتى جاڭ جىجۇڭ، «ئۈچ ئەپەندى» ئىچىدىكى مەسئۇد سابىرىنىڭ ئىلى تەرەپ سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ باشلىقى رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ تاغىسى ۋە قېيىنئاتىسى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ تىنچلىق سۆھبىتى باشلىنىشى بىلەنلا مەسئۇد سابىرى بىلەن رەھىمجان سابىرھاجى ئوتتۇرىسىدىكى «تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى» دىن پايدىلىنىپ، ئىلى تەرەپ سۆھبەت ۋەكىللىرىگە پىسخىكىلىق بېسىم شەكىللەندۈرۈشنى كۆزلىگەن بولۇشى، مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى ئىدى.
(داۋامى بار)