مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (48): «ئەرك» گېزىتى قانداق يورۇقلۇققا چىقتى؟

0:00 / 0:00

20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي كۈرەش تارىخىدا مەتبەئە ۋە نەشرىياتچىلىق، بولۇپمۇ گېزىتچىلىك مۆلچەرلىگۈسىز مۇھىم روللارنى ئوينىغان ئىدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆز دەۋرىنىڭ بالدۇر ئويغانغان ئادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن گېزىتچىلىكنىڭ شۇ مەزگىلدىكى ئاۋام خەلقنى ئويغىتىش ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيەسىنى يېتەكلەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن كىشى ئىدى.

1940-يىللاردا ئۇزۇن مەزگىللىك سىياسىي مۇساپىرەت ھاياتىنىڭ ئازابلىق جەريانلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇغرا ئۆز مەسلەكداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئالدى بىلەن خىتاينىڭ سىياسىي مەركىزى بولغان چۇڭچىڭدا، كېيىنچە شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار كۆپرەك توپلاشقان لەنجۇدا «ئالتاي» مەجمۇئەسىنى نەشىر قىلغان ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار يەنە لەنجۇدا تاش باسما ئارقىلىق «ئەرك» ناملىق ھەپتىلىك گېزىت چىقىرىشنى، شۇنداقلا بۇ گېزىتنى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلىدۇ. شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن ئابدۇللا تىمەننىڭ «ئەرك» گېزىتىنىڭ 100-سانىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان «يۈزىنچى سان-‹ئەرك›ىمىز ياشناسۇن» ناملىق مەخسۇس ماقالىسىدە «ئەرك» گېزىتىنىڭ قانداق جەريانلار بىلەن يورۇق كۆرگەنلىكى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: «1946-يىلىنىڭ باشلىرىدا ھۆرمەتلىك مۇدىرىمىز ئەيسا ئەپەندىمنىڭ تەشەببۇسى، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ پائالىيىتى بىلەن لەنجۇدا تۈركىستانلىق ياشلار نامىدىن بىرىنچى قېتىم بىر گېزىت چىقىشقا باشلادى. بۇ گېزىتنىڭ نامىنى ‹ئەرك› قويماق ھەممەسىگە مەقبۇل كۆرۈلدى، چۈنكى بىز ھەممىدىن بەكرەك ئەركىنلىككە مۇھتاج ئىدۇق. . .»

مەزكۇر ماقالىدە يەنە «ئەرك» گېزىتىنىڭ دەسلەپ ھەپتىدە بىر قېتىم، كېيىنچە ھەپتىدە ئىككى قېتىم، ئاندىن كۈن ئارىلاپ چىقىدىغان بولغانلىقى، ئاخىرىدا كۈنلۈك گېزىتكە تەرەققىي قىلغانلىقى؛ 19-سانىدىن باشلاپ تاش مەتبەئەدىن زامانىۋى مەتبەئەدە بېسىلىدىغان رەسمىي گېزىتكە ئايلانغانلىقى؛ يىغىپ ئېيتقاندا، «ئەرك» گېزىتنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئەركىنلىككە چاقىرىش ۋە ھۆرلۈك ئۈچۈن چېلىشىش»، شۇنداقلا «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كەلگۈسىگە بۈيۈك بىر ئويغىنىش ۋە ئۇپۇق يارىتىش» ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، «ئەرك» گېزىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بۇ گېزىتنىڭ تەسىس قىلىنىشىدا ئوينىغان رولى ھەققىدە مەنبەلەر ئاساسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

دەرۋەقە، «ئەرك» گېزىتى نەشىر قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋە ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنىڭ كۆپىيىشىدە، شۇ دەۋردىكى پەۋقۇلئاددە سىياسىي ۋە تارىخىي شارائىت مەلۇم پۇرسەتلەرنى ياراتقان ئىدى. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇرنىڭ تەكىتلىشىچە، 1946-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «ئون بىر بىتىم» ئىمزالىنىپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، «بىتىم» دىكى «خەلقنىڭ سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» دېگەن ماددا «ئەرك» گېزىتىنىڭ توسالغۇسىز ھالدا تەرەققىي قىلىشىغا يېشىل چىراغ ياندۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، «ئەرك» گېزىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدە سىياسىي مۇساپىرەت ھاياتىنى ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق سەرخىللار تەرىپىدىن ئالدى بىلەن لەنجۇدا نەشىر قىلىنغان، 1946-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئاندىن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىنگەن ئىدى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، «ئەرك» گېزىتىنىڭ يورۇق كۆرۈشىدىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشلەر ۋە ئۇنىڭ 100-سانىغىچە بولغان تەرەققىيات جەريانلىرىنى شۇ دەۋرنىڭ مىللەتچى ياشلىرىدىن بىرى بولغان مەرھۇم ئابدۇللا تىمەننىڭ «‹ئەرك›ىمىز ياشناسۇن» ناملىق مەخسۇس ماقالىسىدە ئەتراپلىق شەرھلىگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

«ئەرك» گېزىتىنىڭ 100-سانى نەشىر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئابدۇللا تىمەن يازغان «يۈزىنچى سان: ‹ئەرك›ئىمىز ياشناسۇن» ماۋزۇلۇق مەخسۇس ماقالە.
«ئەرك» گېزىتىنىڭ 100-سانى نەشىر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئابدۇللا تىمەن يازغان «يۈزىنچى سان: ‹ئەرك›ئىمىز ياشناسۇن» ماۋزۇلۇق مەخسۇس ماقالە. (RFA/Qutlan)

«ئەرك» گېزىتى 1940-يىللاردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ مىللەتچىلەر قاتلىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر گۇرۇھ كىشىلەرنىڭ ئاۋازى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىللىي ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن تۈركىي خەلقلىرىنىڭ بىرلىكىنى تەرغىپ قىلىدىغان تۈركچىلىك، يەنى تۈرك مىللەتچىلىكىنى؛ سىياسىي نىشان جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلاتتى. بۇ گېزىت ھەم خىتاي مىللەتچىلىكىگە ھەم سوۋېت كوممۇنىزىمىغا قارشى ئىدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «ئەرك» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن گېزىت ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ئىدى. پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئەرك» گېزىتىنىڭ ئەتراپىغا شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ بىلىملىك ۋە قەلىمى ئۆتكۈر بولغان ياش يازارلىرى بىلەن زىيالىيلىرى توپلانغان ئىدى.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ «ئەرك» گېزىتى تەسىس قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەر، بولۇپمۇ ياشلار تەرىپىدىن سۆيۈپ ئوقۇلىدىغان بىر گېزىتكە ئايلىنىشىدا، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى قەلىمى پىشقان ئوتتۇرا ياشلىق يازارلاردىن باشقا، 20-30 ياش ئارىسىدىكى ياش بىر ئەۋلاد قەلەم ئىگىلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1949-يىل 20-مارت كۈنى «ئەرك» گېزىتىنىڭ 253-سانىنىڭ باش بېتىدە «ئالتاي نەشرىياتى» ھامىيلىقىدىكى «بىلىم دەرنەكى» نىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «دەرنەكدىن ئىلمىي بايانات» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان.
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1949-يىل 20-مارت كۈنى «ئەرك» گېزىتىنىڭ 253-سانىنىڭ باش بېتىدە «ئالتاي نەشرىياتى» ھامىيلىقىدىكى «بىلىم دەرنەكى» نىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «دەرنەكدىن ئىلمىي بايانات» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. (RFA/Qutlan)

«ئەرك» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالە ۋە ئەسەرلەر مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن ئىنتايىن كەڭ دائىرىگە ۋە رەڭدارلىققا ئىگە ئىدى. ئۇنىڭدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كۈچلۈك سىياسىي ۋە نەزەرىيەۋى ماقالىلىرىدىن سىرت يەنە، ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن بىلىم خاراكتېرلىك يازمىلىرى، ھەتتا ئاتوم نەزەرىيەسىگە دائىر ماقالىلىرىمۇ ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇغرادىن باشقا شۇ دەۋرنىڭ ياش قەلەم ئىگىلىرىدىن ئىبراھىم مۇتىئى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، پولات قادىرى، چىنگىزخان داموللا ۋە ئابدۇللا تىمەن قاتارلىق ياشلارنىڭ تۈرلۈك مەزمۇندىكى ئەسەر ۋە يازمىلىرىنىڭ گېزىت سەھىپىلىرىدىن دائىم ئورۇن ئېلىپ تۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

«ئەرك» گېزىتى مەپكۇرە ۋە سىياسىي ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي سەھنىسىدە مەلۇم مەزگىل رول ئالغان «ئۈچ ئەپەندى» لەر باشچىلىقىدىكى تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ ئاۋازى بولغان ئىدى. مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، شۇ دەۋرلەردە ئۈرۈمچىدە گومىنداڭنىڭ كونتروللۇقىدا چىقىۋاتقان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرسە؛ غۇلجادا نەشىر قىلىنىۋاتقان «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئاۋازى بولغانلىقىنى؛ شۇنىڭغا پاراللېل ھالدا «ئەرك» گېزىتىنىڭ «ئۈچ ئەپەندى» لەر باشچىلىقىدىكى مىللەتچىلەر گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئۈچىنچى بىر سىياسىي كۈچنىڭ ساداسى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.