مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (44): «ئالتاي» مەجمۇئەسىدىن «ئالتاي» نەشرىياتىغىچە

0:00 / 0:00

20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىق ۋە نەشرىياتچىلىق تارىخىدا «ئالتاي» نامىدا چىقىرىلغان ئۇنىۋېرسال مەجمۇئە بىلەن كېيىنچە ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان «ئالتاي» نەشرىياتى ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئوينىغان ئىدى. خوتەن ئىنقىلابىنىڭ يولباشچىسى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ سىياسىي مۇساپىرەت ھاياتىدا 1943-يىلىدىن باشلاپ «ئالتاي» مەجمۇئەسىنىڭ باش مۇھەررىرىلىكىنى، شۇنداقلا 1946-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان «ئالتاي» نەشرىياتىنىڭمۇ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. 1948-يىلى 1-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدىكى مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا «ئالتاي» نەشرىياتىنىڭ ئىككى يىللىق تويى قۇتلانغان بولۇپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تەپسىلىي خەۋىرى ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ باش بېتىگە بېسىلغان ئىدى. ئۇنىڭدا ئالتاي نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ «بىز بۈگۈن ‹ئالتاي› نەشرىياتىنىڭ 2 يىللىق تويىنى قۇتلاۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن باغلىق بولغان مىللىي مەتبۇئاتچىلىق ۋە نەشرىياتچىلىق تارىخىمىزنىڭ 14 يىللىق تارىخىنى قۇتلاۋاتىمىز. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق، بىز ‹ئالتاي› نىڭ باش ئىدارىسىنى 1934-يىل 1-ئايدا نەنكىندا قۇرغان ئىدۇق» دېگەن سۆزلىرى ئورۇن ئالغان ئىدى.

«ئالتاي» مەجمۇئەسىنىڭ 1945-يىل 10-ئايدا لەنجۇدا نەشىر قىلىنغان 16-17-سانلىرىنىڭ مۇندەرىجىسى. (باش مۇھەررىر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، مەسئۇل مۇھەررىر ئابدۇرەھىم تىلەش ئۆتكۈر)
«ئالتاي» مەجمۇئەسىنىڭ 1945-يىل 10-ئايدا لەنجۇدا نەشىر قىلىنغان 16-17-سانلىرىنىڭ مۇندەرىجىسى. (باش مۇھەررىر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، مەسئۇل مۇھەررىر ئابدۇرەھىم تىلەش ئۆتكۈر) (RFA/Qutlan)

دەرۋەقە، «ئالتاي» مەجمۇئەسى 20-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدا خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىدە سىياسىي مۇساپىرەتتە ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئەدەبىي ۋە ئىلمىي خاراكتېردىكى ئۇنىۋېرسال مەجمۇئە ئىدى. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ قانلىق ھۆكۈمرانلىقى داۋام قىلىۋاتقان زامانلاردا سىياسىي پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە ھەرقايسىي ۋىلايەتلەردە چىقىۋاتقان يەرلىك گېزىتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، «ئالتاي» مەجمۇئەسى ھەقىقەتەنمۇ مىللىي ئېدېئولوگىيەسى ئۆتكۈر، بىلىم خاراكتېرى كۈچلۈك، ئىلمىيلىقى يۇقىرى بىر مەجمۇئە ئىدى.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1943-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى پايتەختى چوڭچىڭغا يېتىپ بارغاندا، «ئالتاي» مەجمۇئەسىنىڭ تۇنجى سانى ئالىقاچان ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئىدى. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، بۇغرا چوڭچىڭغا بارغاندىن كېيىن، ئەيسا ئەپەندى ۋە مەسئۇت سابىرىلار بىلەن بىرلىكتە بېكىتكەن 5 ماددىلىق سىياسىي پرىنسىپ بويىچە مەتبۇئاتچىلىق كۈرىشىنى دەرھال باشلىغانلىقىنى، شۇنداقلا «ئالتاي» مەجمۇئەسىنىڭ 2-سانىدىن باشلاپ باش مۇھەررىرلىكىنى ۋە ئاساسلىق يازارلىقنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

«ئەرك» گېزىتىنىڭ 1947-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى سانىنىڭ 2-بېتىگە بېسىلغان «ئالتاي نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك زور خەلق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى» ناملىق مەخسۇس خەۋەر.
«ئەرك» گېزىتىنىڭ 1947-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى سانىنىڭ 2-بېتىگە بېسىلغان «ئالتاي نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك زور خەلق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى» ناملىق مەخسۇس خەۋەر. (RFA/Qutlan)

«ئالتاي» مەجمۇئەسى 1943-يىلى رەسمىي رەۋىشتە نەشىر قىلىنغاندىن باشلاپ تاكى 1946-يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىچكى خىتاينىڭ نەنجىڭ، خەنكو، چوڭچىڭ ۋە لەنجو قاتارلىق شەھەرلىرىدە كۆچۈپ يۈرۈپ نەشىر قىلىنغان.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئالتاي» مەجمۇئەسىنى تەسىس قىلغۇچىلار «ئۈچ ئەپەندى» لەر بولسىمۇ، ئەمما شۇ يىللاردا مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ سىياسىي تەقىپلىرىدىن قېچىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ قالغان بىر بۆلۈك ياش ئۇيغۇر سەرخىللىرىمۇ مەزكۇر مەجمۇئەنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قەلەم كۈچىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

«ئالتاي» مەجمۇئەسى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئىككى تىلدا تەڭلا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ژۇرنالدىكى ماقالە-ئەسەرلەر ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، سىياسىي ئەھۋالى، يەرلىك ئاھالىلىرى، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى، شۇنداقلا ياش يازارلارنىڭ ئەدەبىي يازمىلىرى بولۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك مەزمۇنلارغا چېتىلغان ئىدى. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى بۇ نۇقتىدىن «ئالتاي» مەجمۇئەسىنىڭ ئۆز دەۋرىدە ھەقىقەتەنمۇ زور بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، «ئالتاي» مەجمۇئەسىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن مىللىي كىملىك ۋە مىللىي مەپكۇرە تىكلەشتىكى يېتەكچىگە ئايلانغان بولسا، خىتايچىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خىتاينىڭ سىياسىي ئېيتىمىغا ئېلىپ چىقىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1948-يىل 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى 156-سانى (ئومۇمىي 485-سان)نىڭ باش بېتىگە بېسىلغان «ئالتاي» نىڭ 2-يىللىق خاتىرە ئاخشامى ئەيسا بەگ ئەپەندى تەرىپىدىن بېرىلگەن دوكلات» ناملىق نۇتۇق.
«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1948-يىل 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى 156-سانى (ئومۇمىي 485-سان)نىڭ باش بېتىگە بېسىلغان «ئالتاي» نىڭ 2-يىللىق خاتىرە ئاخشامى ئەيسا بەگ ئەپەندى تەرىپىدىن بېرىلگەن دوكلات» ناملىق نۇتۇق. (RFA/Qutlan)

مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، تەيۋەن دۆلەتلىك تارىخ سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 1940-يىللارغا دائىر ئارخىپ ھۆججەتلىرىدىن مىللەتچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شۇ زامانلاردىكى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، گومىنداڭ ئىستىقباراتى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرىۋاتقان «شەرق ھەقىقىتى» قاتارلىق ئۇيغۇرچە گېزىت-ژۇرناللاردىن قانچىلىك خەۋپسىرىسە، ئۆزىنىڭ بۇرنى ئاستىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان «ئالتاي» مەجمۇئەسىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىدە پەيدا قىلىۋاتقان تەسىرىدىنمۇ شۇنچىلىك دەرىجىدە ئەنسىرىگەن ئىكەن.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ «ئالتاي» مەجمۇئەسنىڭ شۇ زامانلاردا ھەم خىتايلارنىمۇ ھەم رۇسلارنىمۇ ئوخشاشلا بىئارام قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك يازمىسىدا، ئۆزلىرىنىڭ 1945-يىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن «تۈركىستان مىللەتچى پارتىيەسى» نامىدا بىر پارتىيە قۇرۇشنى پىلان قىلغانلىقىنى، ئەمما گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ يول قويمىغانلىقى ۋە شارائىتنىڭ يار بەرمىگەنلىكى تۈپەيلى «ئالتاي» نەشرىياتىنى قۇرۇپ، ئۇنى قۇرۇلغۇسى مىللىي پارتىيەنىڭ تەييارلىق گەۋدىسى قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان. تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، بۇغرا قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» لەرنىڭ پارتىيە قۇرۇش مەقسىتى ئەينى دەۋرنىڭ شارائىتىدا ئىشقا ئاشمىغان بولسىمۇ، ئەمما «ئالتاي» نەشرىياتىنىڭ بۇ مەقسەت ئۈچۈن خېلى كۆپ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ، گەرچە بۇغرا قاتارلىق سەرخىللەرنىڭ سىياسىي پارتىيە قۇرۇش نىشانى ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ، ئەمما «ئالتاي» نەشرىياتىنىڭ قارمىقىدا نەشىر قىلىنغان «ئالتاي» مەجمۇئەسى بىلەن «ئەرك» گېزىتىنىڭ بىر ئەۋلاد ياشلارغا مىللەتچىلىك ۋە تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيەسىنى سىڭدۈرۈش، مىللىي مەپكۇرە تىكلەش، شۇنداقلا ۋەتەننىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە جىددىي ئىزدىنىش جەھەتلەردە مۆلچەرلىگۈسىز روللارنى ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

(داۋامى بار)