ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى تەبرىكلەندى

پەيشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى خىزمەت بىناسىدا ئەركىن مەزكۇر رادىئو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللانغان قارارغا ئاساسەن 1996-يىلى قۇرۇلغان. ئۇ ئاخباراتچىلىقنىڭ ئەڭ ئاساسىي پرىنسىپى بولغان تەرەپسىزلىك قائىدىسىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي، بېرما، لائوس، ۋيېتنام، كامبودژا قاتارلىق 9 دۆلەت ۋە رايونغا ئاڭلىتىش بېرىپ كەلمەكتە. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋاشىنگتوندىكى 250 تىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسى، بۇنىڭدىن سىرت ئەنقەرە، خوڭكوڭ، كامبودژا، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئىشخانىلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئاۋازى بوغۇلۇۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئاۋازى، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسى ۋە تەرەپسىز، چىن خەۋەرلەرگە ئېرىشىدىغان ساناقلىق مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

پەيشەنبە كۈنى ئاخشام ۋاشىنگتوندىكى خىزمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىگە مەركەز ۋاشىنگتوندىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنلىرى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق قېرىنداش رادىئو، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن كەلگەن مېھمانلار بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. ئامېرىكا رادىئو-تېلېىۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا مەسئۇل كومىتېت رەئىسى ۋېكتور ئەش ۋە مۇئاۋىن رەئىسى مايكىل مىھانلارمۇ قەدەم تەشرىپ قىلدى ۋە سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ چەكلىك شارائىتلار ئاستىدا نۇرغۇن ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، رادىئونىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئامېرىكا رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ‏ب ب گ نىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا مەسئۇل كومىتېت رەئىسى ۋېكتور ئەش رادىئو ئاڭلىتىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا ئالاقىدار ئورگانلارنىڭمۇ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پەيشەنبە كۈنى ئاخشام ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇبەيرە خانىممۇ قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

زۇبەيرە خانىم سۆزىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئاسىيادىكى ئەركىن ئاخباراتچىلىق بولمىغان ۋە دىكتاتورىلىق تۈزۈم بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئۆزىنىڭ دېموكراتىك ھەقلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى چۈشىنىپ يېتىشىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دېدى:
-ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى پەقەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭلا ئاۋازى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاسىيادىكى بارلىق ئېزىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئاۋازى. مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بولغان قوللىشىمنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ رادىئو قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا رادىئونىڭ قۇرۇلۇشى ۋە داۋاملىشىشىغا ئەجرى سىڭگەن بارلىق كىشى ۋە ئورگانلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.

زۇبەيرە خانىم سۆزىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم تەرىپىدىن رادىئومىزغا تەقدىم قىلىنغان خاتىرە بۇيۇمىنى رادىئو باشلىقى لىبىي ليۇغا تەقدىم قىلدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمى رادىئو قۇرۇلۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن يەنى 1998-يىلىدا تەسىس قىلىنغان. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيادىكى بىردىن ‏-بىر تەرەپسىز، مۇستەقىل ۋە رەسمىي ئاخبارات ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. رابىيە قادىر خانىم ئىلگىرى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ خىتايدا تۈرلۈك بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلارنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن زورلۇقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان 9 رايون ۋە دۆلەتتە ھۆكۈمەتلەرنىڭ قاتتىق بېسىمى، ھەرخىل چەكلەش ۋاسىتىلىرىگە قارىماي شۇ رايونلاردا خەلقلەر قىزىقىپ ئاڭلايدىغان بىر رادىئو بولۇپ تۇرماقتا. ئىلگىرى ئامېرىكا رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇستەقىل ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خىتايغا قاراتقان قىسقا دولقۇن ئاڭلىتىشى، بولۇپمۇ خىتايغا دائىر خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىنىڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدىغانلىقى ۋە رادىئو ئاڭلىتىشىنىڭ خىتايدىكى يېتەكچى ئاۋاز بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. 2011-يىلىنىڭ بېشىدا ب ب س، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق رادىئو ئىستانسىلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان قىسقا دولقۇنلۇق ئاڭلىتىشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى رادىئويىمىزنىڭ خىتايغا قاراتقان قىسقا دولقۇنلۇق ئاڭلىتىشلىرىنى كۈچەيتتى.