ئەنقەرەدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئىختىيارىي مۇخبىرلار كۇرسى ئاياغلاشتى

3-نويابىر كۈنى ئەنقەرەدە باشلانغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئىختىيارىي مۇخبىرلار تەربىيىلەش كۇرسى 7-نويابىر كۈنى ئاخىرلاشتى.

0:00 / 0:00

كۇرسقا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى قاتناشتى. 5 كۈن داۋاملاشقان مەزكۇر كۇرستا غەرب ئاخباراتچىلىقىدا خەۋەرچىلىك، خەۋەرنىڭ قۇرۇلمىسى، تۈرلىرى، خەۋەرگە باشلانما يېزىش قائىدىلىرىدىن باشقا، ئاۋاز ئېلىش، ئاۋاز رەتلەش، ئاۋاز كىرىشتۈرۈش تېخنىكىلىرىمۇ ئۆگىتىلدى. كۇرستا بۇلاردىن باشقا يەنە، ئىجتىمائىي ئالاقە قاناللىرى، بلوگ ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ فېسبۇكىغا قانداق ئەزا بولۇش شۇنداقلا رەسىم ۋە سىنئالغۇغا ئېلىش، يوللاش تېخنىكىلىرى ئۆگىتىلدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى مەمەتجان جۈمە ئەپەندى كۇرسقا قاتناشقان مۇخبىرلارغا دەرس سۆزلىمەكتە. 2012-يىلى نويابىر، ئەنقەرە.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى مەمەتجان جۈمە ئەپەندى كۇرسقا قاتناشقان مۇخبىرلارغا دەرس سۆزلىمەكتە. 2012-يىلى نويابىر، ئەنقەرە. (RFA/Erkin Tarim)

دەرسنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى تەھرىرى مەمەتجان جۈمە ئەپەندى ئۆتتى. كۇرسقا قاتناشقان مۇخبىرلار ھەممىسى بىردەك، كۇرسنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ بۇ خىل كۇرسلارنىڭ داۋاملىق ئېچىلىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىشتى.

بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كۇرسقا قاتناشقان مۇخبىرلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.