9-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتى خىتاينىڭ ئامېرىكاغا سىڭدۈرۈۋاتقان تەسىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى، ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) بۇ يىغىندا ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، «بىز بۈگۈن بۇ يەردە خىتاينىڭ بىزنى جەڭ قىلمايلا بويسۇندۇرۇش ۋە بىزگە ئۇلارنىڭ دېگىنىنى قىلدۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. چۈنكى ئۇلار بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئىچىمىزدىن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق تاكتىكىسىنى بىز ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان».
ئامېرىكا خوۋېر تەتقىقات ئورنىنىڭ نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىسى گلېن تىففېرت (Glenn Tiffert) خىتاينىڭ ئامېرىكانى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ تارىخىي ئەنئەنە ئىكەنلىكىنى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنى شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئامېرىكاغا يامان نىيەتلىك سىڭىپ كىرىشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سۇيىقەست ئەنئەنىسىدىن كەلگەن. خىتايدا ئۇلار بىرلىكسەپ بۆلۈمى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بۆلۈم جەمئىيەتتە تەسىرى بار شەخس ۋە جەمئىيەتلەرنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۆزگەرتىدۇ؛ ئۇلارنى كومپارتىيە ئۈچۈن ئىشلەشكە بۇيرۇيدۇ، ياكى ئۇلارنى يوقىتىپ، كومپارتىيەگە قارشى يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىدۇ. ھەر بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ بىرلىك سەپنى كۈچلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتى بار. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ باشقا ئورگانلىرىمۇ بىرلىك سەپ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ تەشۋىقات بۆلۈملىرى خىتايدىكى كونا-يېڭى تاراتقۇلار ۋە تور مېدىيالىرىنى نازارەت قىلىدۇ ھەمدە توردىكى ساختا ئۇچۇرلارنى بىزگە تارقىتىدۇ. خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ چەت ئەللەرگە قاراتقان ئاساسلىق ئىستىخبارات ئورگىنى بولۇپ، پارتىيەنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل بۆلۈملىرى چەتئەلدىكى پارتىيەلەر ۋە رەھبەرلەر بىلەن، بولۇپمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېڭىدىن چاقنىغان سىياسىي چولپانلار بىلەن مۇناسىۋەت قۇرىدۇ. بۇ ئورگانلار بىۋاسىتە ھەرىكەت قىلىدۇ، ئەمما ئۇلار كۆپ ھاللاردا مىڭلىغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلاردىن شەكىللەنگەن ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ۋاسىتىلىك ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ. بۇ تەشكىلاتلار ئىلىم ساھەسى، خەير-ساخاۋەت، سودا-تىجارەت، مەدەنىيەت، مىللەتلەر ۋە دىن ساھەلىرىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ».
گلېن تىففېرت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتىدە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان كۈچلەرنى ياخشى تونۇمىغاندا، كىمنىڭ قەيەردە ئامېرىكا جەمئىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، كىمنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى قانۇن ۋە دېموكراتىيە يوچۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ياخشى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. خىتاينىڭ يامان تەسىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىدە، ھەر قايسى شىتاتلار ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئامېرىكانىڭ ئاجىز نۇقتىلىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھەر قايسى شىتاتلارنىڭ ئىشسىزلىقنى تۈگىتىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش دېگەندەك بوشلۇقلىرىدىن بەك پايدىلىنىدۇ.
كىشىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان قىلمىش، خىتاينىڭ قارىماققا قانۇنلۇق كۆرۈنگەن، ئەمما يامان غەرەزلىك ھەرىكىتىدىن ئىبارەتتۇر».
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن ئىشلىرى ئالىي مەسلىھەتچىسى سارا كۆك (Sarah Cook) بۇ يىغىندا خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئامېرىكاغا سىڭىپ كىرىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ «ئەركىنلىك سارىيى» تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەلقئارادا 6 قىتئە، 30 دۆلەتنى قاپلىغانلىقىنى، كوممۇنسىت خىتاي ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىلىرىنىڭ چەتئەل تاراتقۇلىرىغا، ھەتتا ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئادەتتىكى تەشۋىقات ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى، بەلكى بۇلارنىڭ كەينىدە كۆپلىگەن مەخپىي، چىرىك ئىشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، ساختا ئۇچۇر تارقىتىش، نازارەت قىلىش ۋە قورقۇتۇش، ئىچكى قىسىمدا خەۋەر مەزمۇنىنى كونترول قىلىش، ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىدىغان كوممۇنىست خىتاي مودېلىنى ئېكسپورت قىلىش دېگەندەك بەش خىل تاكتىكىنى ئىشقا سېلىپ كەلمەكتىكەن.
ئۇ خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى تىك-توك، ۋىچات قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرىدىن كەڭ تۈردە پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆزىنىڭ تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ساختا ئۇچۇر تارقاتماقتا. ئۇلار ئامېرىكا تور دۇنياسىدا تەسىرى بار شەخسلەرگە پۇل خەجلەپ ياكى باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە پايدىلىق ئۇچۇرلارنى، مەسىلەن، شىنجاڭ مەسىلىسى ۋە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا دائىر نەرسىلەرنى تارقىتىشقا ئۇرۇنماقتا. ئومۇمەن ئېيتقاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا، جۈملىدىن 2024-يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنتلىق سايلىمى مەزگىلىدە تېخىمۇ كۈچىيىدۇ».
ئامېرىكا فېدېراتسىيە مەركىزىي تەكشۈرۈش ئىدارىسى جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن دىرېكتورى ئالان كوھلېر (Alan Kohler) بۇ يىغىندا بەرگەن ئىسپاتىدا، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ھەققىدە توختىلىپ: «چەتئەللەرنىڭ يامان غەرەزلىك سىڭىپ كىرىشى ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى» دېدى ھەمدە مەزكۇر ئىدارىنىڭ خىتاي ۋە باشقا ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئامېرىكىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا دائىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاخبارات توپلاۋاتقانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، جاسۇسلۇققا قارشى خىزمەتنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، ئاممىۋى ۋە خۇسۇسىي ساھەلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاخباراتتىن ھەمبەھىرلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھاۋا شارى گەرچە روشەن دەلىل بولسىمۇ، چەت ئەلدىن كېلىدىغان يامان غەرەزلىك تەسىر، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىنىڭ تەھدىتى يوشۇرۇن بولىدۇ» دېدى.
يىغىننىڭ كېيىنكى قىسمىدا، مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى، ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارك ۋارنېر (Mark Warner) ۋە مەزكۇر كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرى سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى. بۇ سوئاللاردا ئاساسەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ يامان تەسىرىنى ئېلىپ كېلىشتىكى رولى، تىك-توك قاتارلىق ئەپ دېتاللىرىنىڭ «رەقەملىك ئەپيۈن» ھالىتىگە كەلگەنلىكى، خىتايدىن كەلگەن زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئامېرىكا ياش-ئۆسمۈرلىرىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى، خىتاينىڭ ئامېرىكادا يەر سېتىۋېلىشى، ئامېرىكادىكى خىتايغا مايىل تاراتقۇلار، خىتايدىن مەنپەئەت كۈتۈۋاتقان شىركەتلەر ۋە ھوللىۋودنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلىشىشى قاتارلىق تېمىلار ئورۇن ئالدى. مۇتەخەسسىسلەر ئۇلارنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا، ئامېرىكادىكى ھەر قاتلام، ھەر كەسىپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە خىتاينىڭ ئاستىرتىن سىڭىپ كىرىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلمىي ۋە پاكىتلىق ئۇسۇلدا چۈشەندۈردى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مۇھىم تەكلىپلەرنى بەردى.