ئۇيغۇر ۋە قازاق ئالىملىرىنىڭ ئىلمىي ساھەدىكى ھەمكارلىقى ياد ئېتىلمەكتە

0:00 / 0:00

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ قازاقىستاندا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمى بويىچە مۇتەخەسسىسلەرنى تەييارلاش ئىشلىرى قىزغىن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ راۋاجلىنىشىدا قازاق ئالىملىرىنىڭمۇ تۆھپىسى بار بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا كۆپلىگەن ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. قازاق ئالىملىرىنىڭ يېقىندىن ئارىلىشىشى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تىل، ئەدەبىيات ۋە تارىخ پەنلىرى بويىچە بىر قانچىلىغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى نامزاتلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىغا ئېرىشكەن. ھازىر ئۇلار ئىلىم-پەن ۋە مائارىپ ساھەلىرىدە ئەمگەك قىلماقتا.

مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ۋە قازاق زىيالىيلىرىنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقى، بىر-بىرى بىلەن بولغان ئىلمىي ئالاقىلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلانغان ئىكەن. دەسلەپتە بۇ دوستلۇق ئىككى خەلق ئەدەبىياتىدا يارقىن كۆرۈنۈشكە باشلىغان بولۇپ، ھازىرمۇ ئۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە ھەۋەس قوزغىماقتىكەن.

ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، زىيا سەمەدى، ھېزىم ئىسكەندەروف قاتارلىق ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىرلىرىنىڭ تونۇلغان قازاق يازغۇچىسى سابىت مۇقانوف بىلەن بولغان دوستلۇقى رىۋايەتلەرگە ئايلانغان ئىكەن. مۇنداق دوستلۇق ئىلىيا بەختىيا بىلەن مۇقاغالى ماقاتايېف ئوتتۇرىسىدا، شايىم شاۋايېف بىلەن باۇرجان مامىشئۇلى ئوتتۇرىسىدىمۇ بولغان ئىكەن. ئالىمجان ھەمرايېف ئىلىم-پەندىكى دوستلۇقنىڭمۇ ئەنە شۇ ئىككى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ ئاجرالماس قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «غوجەخمەت سەدۋاقاسوف نۇرغۇنلىغان قازاق دوستلىرى بىلەن ناھايىتى يېقىن ئۆتكەن ئىدى. مۇرات ھەمرايېفنىڭ ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرىمۇ قازاق ئاكادېمىكلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىدىن ئايرىلمايدۇ. بۇ دوستلۇق قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن بىر تۈركۈم ياشلارنى تەييارلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. بىر قاتار ياشلىرىمىز قازاق ئالىملىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىلمىي ئىشلىرىنى ھىمايە قىلماقتا.»

ئالىمجان ھەمرايېف ئۇيغۇر ۋە قازاق ئالىملىرى ئارىسىدىكى دوستلۇقنىڭ، ھەمكارلىقنىڭ قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان ئىزچىل ساقلىنىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئىككى خەلق ۋەكىللىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ، نەشر قىلغان ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ مىسال بولالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ قازاق ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئوقۇشقا كەلگەن بىر قاتار ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن تارىخىي ۋەتىنىمىزدىن كەلگەن بىر توپ ياشلىرىمىز مۇشۇ يەردە ئوقۇدى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانلارغا ئېرىشتى. ئوسمان ئىسمائىل، ئايگۈل ھەمدۇللا، ئابدۇرېشىت ئابدۇلھاجى دەل شۇلار جۈملىسىدىندۇر. ئېچىنارلىق يېرى شۇكى، ئۇلار بىلەن ئالاقىلىرىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى. ھازىر قازاقىستانغا ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ چىقىشى تامامەن توختىدى. بۇ، ئەلۋەتتە، ياخشىلىق ئەمەس.»

«ئۆرلېۋ» ۋىلايەتلىك مۇئەللىملەر كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رۇسلان ئارزىيېفنىڭ پىكرىچە، مىللەتلەر ئارا دوستلۇقتا شۇ مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تونۇلغان شەخسلەرنىڭ دوستلۇقى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئۇ ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنىڭمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، قازاق خەلقىنىڭ تۈركولوگىيە دۇنياسىغا تونۇلغان چوڭ ئالىمى، ئاكادېمىك ئابدۇۋەلى قايداروف بىلەن بىزنىڭ داڭلىق ئالىمىمىز غوجەخمەت سەدۋاقاسوفلارنىڭ دوستلۇقى ئىككى مىللەت دوستلۇقىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم، تېخىمۇ سەمىمىي بولۇشىغا زور ئۈلۈش قوشقان ئىككى بۈيۈك شەخسنىڭ دوستلۇقى ئىدى. غوجەخمەت ئاكىنىڭ ۋاپاتىدىن چارەك ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئابدۇۋەلى ئاكا مەتبۇئاتتا ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى توغرىسىدا چوڭقۇر، ئەتراپلىق پىكىرلىرىنى ئېيتىپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىگە، ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارغا ئۆزىنىڭ غەمخورلۇقىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتماقتا. ئابدۇۋەلى قايداروف ئۇيغۇر خەلقىنى غوجەخمەت سەدۋاقاسوف ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى ھەم بىۋاسىتە ياخشى بىلگەن ئالىم. ئۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئەمەلىي جەھەتتىن مۇكەممەل ئىگىلىگەن ھەم ئىلمىي ئاساستا ئۆگەنگەن ئالىم. ئابدۇۋەلى قايداروف ئۆزىنىڭ نامزاتلىق ئەمگىكىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى قوش سۆزلەر توغرىسىدا يازغان بولسا، دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي ئېتىش جەريانلىرى توغرىسىدا يازغان.»
رۇسلان ئارزىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇۋەلى قايداروف قازاقىستاندىلا ئەمەس، باشقا جايلاردىمۇ ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرىنىڭ يېتىلىپ چىقىشىغا ئۆز ئۆلۈشىنى قوشۇپ كېلىۋاتماقتىكەن. ئابدۇۋەلى قايداروف قازاقىستانلىق ئالىملاردىن شېرىۋاخۇن باراتوف، شەمشىدىن ئايۇپوفلارنىڭ، قىرغىزىستانلىق گۈلنىسەم نەزەروۋانىڭ، ئۈرۈمچىدىكى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇقەددەس مىرزىنىڭ نامزاتلىق ئىشلىرىنىڭ ئىلمىي رەھبىرى بولغان. رۇسلان ئارزىيېف ئابدۇۋەلى قايداروفنىڭ ئۇيغۇر ئالىملىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىلمىي ئەمگەكلەرنى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئوقۇش قوراللىرىنى يازغانلىقىنى ھەم ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ر. سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى خالمىنەم مەسىموۋانىڭ دېيىشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق ئالىملىرىنىڭ ئىلمىي ئالاقىلىرى، ئۆز ئارا ھەمكارلىقى دۇنيا تۈركولوگىيە ئىلىمىغا كەڭ تونۇلغان ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوف، تۇغلۇقجان تالىپوف، شېرىۋاخۇن باراتوف قاتارلىق ئالىملار مىسالىدىمۇ كۆرۈشكە بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «قازاق ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە مۇتەخەسسىسلەرگە ھەممە جەھەتتىن ئەتراپلىق ئۈلگە-ئىبرەت، نەمۇنە بولۇپ كەلگەنلىكى، بىللە ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغانلىقى توغرىلىق مەتبۇئاتلاردا كۆپ ئېيتىلدى. مەسىلەن، شەخسەن مېنىڭ ئىلمىي يېتەكچىم بولغان تۇغلۇقجان تالىپوف ئاكادېمىك سمېت كېڭېسبايېفنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەم ياردىمىدە ئىلمىي ئۇنۋانلارنى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان. تۇغلۇقجان ئاكا ئىنستىتۇتلاردا ئوقۇۋاتقاندا سارسېن ئامانجولوف، تېمىرغالى نۇرتازىن، شورا سارىبايېف، رابىغا سىدىقوۋا قاتارلىق كۆپلىگەن قازاق ئالىملىرىنىڭ تەلىم-تەربىيەسىنى ئېلىپ، كېيىن بىر ساھەدە ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن.»

خالمىنەم مەسىموۋا كېيىنكى ۋاقىتلاردا، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا بىر تۈركۈم تىلشۇناس ئالىملارنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ۋالېرىي مەخپىروف، گۈلباھار سەمەتوۋا، رۇسلان ئارزىيېف، دىلنۇر قاسىموۋا قاتارلىق ئالىملار ئۆز ۋاقتىدا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئىشلەۋاتقان پەيتىدە نامزاتلىق دىسسېرتاتسىيەلىرىنى ئۇتۇقلۇق ياقلاپ، ئالىم ئاتالدى. بۇنىڭدا يەنىلا شۇ قازاق ئالىملىرىنىڭمۇ كۆپ ياردىمى بولدى دېسەم ئاشۇرۇپ ئېيتقان بولمايمەن. ئۇلار ھازىرمۇ قازاق ئالىملىرى بىلەن ئۆز ئارا دوستلۇقىنى ساقلىغان ھالدا ئىلىم-پەن ساھەسىدىن قول ئۈزگىنى يوق. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مىللىي مائارىپ ساھەسىدە، بەزىلىرى مەتبۇئاتىمىز ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى 90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىگە ئايلانغاندىن كېيىنمۇ قازاق ئالىملىرى بىلەن بولغان ئىلگىرىكى ئالاقىلىرىمىز، ھەمكارلىقىمىز توختاپ قالمىدى. تىلشۇناسلىق ساھەسىدە يەنىمۇ بىر تۈركۈم ئالىملىرىمىز مەيدانغا كەلدى. ھازىر ئەھۋال سەل باشقىچىرەك، يەنى ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىگە كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سانى ئازىيىپ كەتتى.»

خالمىنەم مەسىموۋا بۇنىڭ ئومۇمەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشىنىڭ كېمىيىپ كەتكەنلىكىدىن دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما ئاز بولسىمۇ، بار ئىكەنلىكىنى، مۇبادا بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىللىق مەكتەپلەرنى ساقلاپ قالىدىغان بولسا، كېلەچەكتە ياش ئالىملارنىڭ يېتىلىپ چىقىدىغىنىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر-قازاق ئالىملىرى ئارىسىدىكى دوستلۇق تومۇرلىرىنىڭ ھېلىمۇ ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىدە ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ دائىم قازاق ئالىملىرى بىلەن ھەمكارلىقتا ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.