نەنسىي پېلۇسى: «خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتۇر»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلۇسى 12‏-فېۋرال كۈنى تىبەتلەرنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «تەشەككۈر ئامېرىكا» ناملىق يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشىدىكى مەقسىتى ئۇنىڭ تىبەتتە ئېلىپ بارغىنىدەكلا ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان سودا مەنپەئەتىنى دەپ ئۇنىڭ دەپسەندىچىلىكىگە سەل قارىسا ئامېرىكا دۇنيادا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئەخلاقىي كۈچىنى يوقىتىپ قويىدىكەن.

«تەشەككۈر ئامېرىكا» ناملىق مەزكۇر پائالىيەتنى تىبەت مەركىزى مەمۇرىيىتىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى، خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى، ۋاشىنگتون رايونلۇق تىبەت جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلار تەشكىللىگەن بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يېقىنقى 60 يىلدىن بېرى تىبەتلەرگە بەرگەن ياردىمى ۋە قوللىشىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. پائالىيەتكە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئىشلار باش ئەلچىسى سام بروۋىنبەك، شۇنىڭدەك ئاۋام پالاتاسىنىڭ تىبەتلەرنى قوللاپ كېلىۋاتقان بەلگىلىك ساندىكى ئەزالىرى قاتناشقان. ئۇلار سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ھازىرقى ۋەزىيەتكە بولغان ئەندىشىلىرىنى، ئامېرىكىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى 3‏-نومۇرلۇق شەخس، ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلۇسى قاتناشقان ھەم سۆز قىلغان. ئۇ كرىستوفىر سىمىت، تام سوۋزې قاتارلىق جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزالىرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ قوللىغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ پائالىيەتتە قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ لاگېر قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنى قاماشتىكى مەقسىتىنىڭ خۇددى تىبەتتە قىلغاندەك ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ: «تىبەتتە يۈز بەرگەن ئىشلار ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا قارشى تۇرۇلمىسا ئەمگەك لاگېرلىرىدىكى بىر مىليون ئۇيغۇر ئاسسىمىلياتسىيەگە تۇتۇلىدۇ. بۇ لاگېرلارنىڭ نىشانى تىبەت مەدەنىيىتىنىڭ يېتۈك خاسلىقىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئوخشاش مەقسەتكە ئىگە» دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغانىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پرېزىدېنت دىنىي ئەركىنلىكنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى بىز ھەممىمىز ئالقىشلىدۇق. بىز خرىستىئانلارنىڭ، كاتولىكلەرنىڭ ۋە يەھۇدىي جامائەتلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى تىلغا ئالدۇق. لېكىن مەن مىنىستىر پومپېئو بىلەن كۆرۈشكەندە: 'بىز نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقمايمىز؟ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقايلى، دېدۇق ۋە ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقتۇق. چۈنكى، بىزنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشىمىزدىكى سەۋەب تىبەتنىڭ دىنىي باستۇرۇشقا، مەدەنىيەت جەھەتتىكى باستۇرۇشقا ئۇچراپ كېلىۋاتقىنىغا نەچچە ئون يىللار بولدى. بىز دارامسالاغا بېرىپ ئۇ يەردە بالىلارنى، تىبەت مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تىلىنى قوغداپ قېلىشتا قانداق مۇكەممەل ئىشلارنىڭ قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق.»

تام سوۋزې جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت بىلەن «2019‏-ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى سۇنغان دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى لاگېرلارغا قاماشتەك قىلمىشىنى نوقۇل تەنقىد قىلىپ قويۇش بىلەن بولمايدىغانلىقى، بۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قايتا-تەربىيەلەش ۋە تەقىبلەش مېتودى ئالدى بىلەن تىبەتتە يولغا قويۇلغان. مانا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا دۇنيادا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا تەقىبلەش ئېلىپ بارماقتا. خىتاي كومپارتىيەسى ھەرىكەت قوزغاپ، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ھەم دىنىي ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى تەنقىد قىلىپ قويۇش بىلەن بولدى قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ بىزنىڭ ئامېرىكىدا ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز ۋە تەدبىر ئېلىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا.»

تام سوۋزېنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي نوقۇل ئۆزىنىڭ خەلقىگە تەھدىت سېلىپلا قالماي، مەۋجۇت دۇنيا تەرتىپىگىمۇ تەھدىت سالماقتا ئىكەن. ئۇ خىتاينىڭ پاراللېل دۇنيا تەرتىپى ۋە قىممەت ئۆلچىمى قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «خىتاي يالغۇز ئۆزىنىڭ خەلقىگىلا تەھدىت سالمايۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى كۈچى، ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ پاراللېل دۇنيا تەرتىپى بەرپا قىلىش، ئۆزىنىڭ پاراللېل قىممەت ئۆلچىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۇنيا سەھنىسىگە قاراپ سىلجىماقتا. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىق ئالاھىدىلىكى ۋە مەنپەئەت توقۇنۇشى، شۇنداقلا ئىقتىسادى كۈچىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى بوزەك قىلماقتا ۋە ئۇنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى جىمىقتۇرماقتا. خىتاي دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىنى قوللايدىغان ئەڭ چوڭ مەنبەگە ئايلاندى» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىش ئەركىن دۇنيانىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەن. ئۇ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر قانۇننىڭ خىتاينى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ۋە كارخانىلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. تام سوۋزې مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭغا قارشى تىرەجەشنى داۋاملاشتۇرۇش ئامېرىكىدىكى بىزلەر ۋە ئەركىن دۇنياغا باغلىق. مەن ئۆتكەن يىلى ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مىكگوۋېرن بىلەن تىبەت ساياھەت قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىدا رول ئوينىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. ھازىر مەن پارتىيەلەردىن ھالقىغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسەت قانۇنىنى ماقۇللاپ، خىتاينى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە كارخانىلىرىنى، جۈملىدىن سابىق تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونى جاۋابكارلىققا تارتىشقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتىمەن. مەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى نەنسىي پېلۇسى بىلەن بىر قانۇن لايىھەسىگە ئورتاق بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن. خىتايدىكى تىبەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان مۇئامىلە ھەقىقەتەن تراگېدىيەلىكتۇر».

پائالىيەتتە يەنە ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئېگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى كارىل گرېشمان سۆز قىلىپ، بۇرۇن نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاي تەرەققىي قىلسا، ئەركىنلىشىدۇ، دەپ قارىغانلىقى، بىراق ھازىرقى رېئاللىق ئۇلارنىڭ خاتالاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. گرېشمان مۇنداق دېگەن: «ئۇزۇن يىللارغىچە نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ئەگەر خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلسا، ئۇ ئەركىنلىشىپ، خەلقئارا سىستېمىنىڭ مەسئۇلىيەتچان بىر شېرىكىگە ئايلىنىدۇ، دېگەنگە ئىشىنىپ كەلدى. ئەپسۇسكى بۇ ئەمەلگە ئاشمىدى. تىبەتنىڭ تەجرىبە ساۋىقى بىزگە نېمە ئۈچۈن بۇنىڭ بىز ئۈچۈن بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. چۈنكى، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت بۇنىڭدىن نۇرغۇن يىللار ئاۋۋال تىبەتكە بېسىپ كىرىپ ئۇنى ئىشغال قىلغاندىلا ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى ھەم خەلقئارا دېموكراتىك ئۆلچەملەرگە ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقى نامايان بولغان.»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزالىرى 12‏-فېۋرال يۇقىرى سۆزلەرنى قىلغان دەل شۇ كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەلقئارادىكى مەزكۇر نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىكى 2 مىليوندەك ئەزاسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى فرانشىسكو بېنكوزمې 12-فېۋرال ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەزكۇر قانۇننى تېزرەك ماقۇللىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.