ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر 2016-يىلى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە توختالدى (2)

0:00 / 0:00


2016-يىلنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تاراتقۇلار 2016-يىلدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر ھەققىدە خۇلاسە-باياناتلارنى ئېلان قىلماقتا. چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 2016-يىلى خەلقئارا تاراتقۇلاردا سۆز تېمىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا دائىر ۋەقەلەرنى تىلغا ئېلىپ، 2016-يىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2016-يىلى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش يەنىلا كۈچلۈك بولغان

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ۋە قۇرۇلتاينىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەر 2016-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ ئېغىر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى 4-ئايدا دائىرىلەر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، 2016-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا يۇرتلارغا بارغاندا بېجىرىشى تەلەپ قىلىنغان «ئاممىغا قولايلىق كارتا»نىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما 2016-يىلى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش يەنىلا كۈچلۈك بولغان.

3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدا ئاز دېگەندە 5 نەپەر تور ساھەسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئۇلار «مىسرانىم» تورىنىڭ ساھىبى ئابابەكرى مۇختەر، «مىسرانىم» تورىنىڭ كورلادىكى تور بەت باشقۇرغۇچىسى تۇرسۇنجان مەمەت مارشال، «باغداش» تورىنىڭ ساھىبى ئەكبەرجان ئەسەد، داڭلىق تور يازغۇچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ھەمدە مائارىپ ساھەسىدىكى ئىسىم-شەرىپى تېخىچە دەلىللەنمىگەن يەنە بىر تور يازغۇچىسى بولۇپ 5 كىشى ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئابابەكرى مۇختەرنىڭ 10-ئىيۇن كۈنى قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. تور يازغۇچىسى تۇرسۇنجان مەمەت مارشال 3-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ھازىر ئۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەركىزىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەرجان ئەسەد 4-ئايدا «كاماندىروپكا» غا ئېلىپ كېتىلىپ، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان.

يازغۇچى ۋە داڭلىق تەرجىمان ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر
يازغۇچى ۋە داڭلىق تەرجىمان ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر (RFA/Qutlan)


6-ئاينىڭ 9-كۈنى دائىرىلەرنىڭ گۇاڭجۇ شەھەرلىك 75-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «شىنجاڭ سىنىپى» دا ئوقۇيدىغان 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تۇتقۇن قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئادۋوكات تاڭ ئەپەندىنىڭ گۇاڭجۇ شەھەرلىك بىرىنچى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن ئېلىپ چىققان مەلۇماتىغا قارىغاندا، تۇتقۇن قىلىنغان 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھەممىسى «تېررور گۇماندارلىرى» سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، 10 نەپەر تۇتقۇننىڭ سەككىزى ئوغۇل، ئىككىسى قىز ئوقۇغۇچى ئىكەن. ھالبۇكى، گۇاڭجۇ شەھەرلىك ساقچىخانىلار بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە «تارىختىكى ئەڭ ياخشى ۋەزىيەت» تە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما 2016-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد سەۋەبلىك جازالىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئىگىلەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسىدىكى بىر كەنتتە 3 ئائىلىدىن 11 كىشى دىنىي مەزمۇندىكى لېنتا كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا 2 يىلدىن 17 يىلغا قەدەر ئېغىر قاماق قازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

كەنت سېكرېتارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جازالانغانلارنىڭ ھېچقايسىسى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرقانداق شەكىلدىكى قارشىلىق ھەرىكىتىنى ئويلىغان ياكى پىلانلىغانلار ئەمەس ئىكەن. ئۇلار پەقەت ئۆزلىرى قىزىققان دىنىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى تور ئارقىلىق كۆرگەنلەر ئىكەن.

25-ماي كۈنى ئۈۈرۈمچى ئۇلانبايدىكى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە ۋەقە يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 5 كىشىنىڭ ئۆلگەن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە 25-ماي تاڭ سەھەر ئەتراپىدا ئۇلانبايدىكى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئالاھىدە ساقچىلار تەرىپىدىن بېسىقتۇرۇلغانلىقى دەلىللەندى. ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە ئۇلانباي تۈرمىسىدىكى ساقچىلارنىڭ مەھبۇسلارنى ناماز ئوقۇشتىن توسۇشى ۋە ئىسلام دىنىغا ھاقارەت قىلىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان.

2016-يىلى خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىلغان بېسىملىرى كۈچەيتىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەر 2016-يىلىدا خىتاي ھۆكۈمتنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي، دىنىي بېسىملارنى كۈچەيتىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان بېسىملارنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2016-يىلى 23-ئاپرىل ھىندىستان ھۆكۈمىتى دارامسالادىكى مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئۆز-ئارا دىئالوگىغا تەكلىپ قىلىنغان دولقۇن ئەيساغا بېرىلگەن ۋىزىسىنى بىكار قىلغان.

26-ئاپرېل مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن خىتاي باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ «ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دولقۇن ئەيساغا ۋىزا بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق ھىندىستانغا ئېتىراز بىلدۈرگەن» لىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك 2016-يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننى، سوت گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلغان ھالەتتىمۇ 2016-يىل يىل ئاخىرىغىچە قويۇپ بەرمەسلىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، پائالىيەتچىلىرى ۋە تۈركىيە جامائىتى ئارىسىدا نارازىلىق قوزغىدى.

2016-يىلى چەتەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پائالىيەتلىرى جانلاندى

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بايانىدا يەنە 2016-گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان بېسىملىرى كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پائالىيەتلىرى كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2016-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 1985-يىلدىكى 12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار نامايىشى، 1990-يىلدىكى بارىن ئىنقىلابى، 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى، 1998-يىلدىكى غۇلجا ۋەقەسى قاتارلىقلارنى خاتىرىلەش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلگەندىن باشقا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتلىك يىغىنلىرى ئېچىلىپ، مۇھىم قارالار ئېلىندى.

2016-يىل 25-26-ئاپرېل كۈنلىرى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا چاقىرىلغان «ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى يىغىنى» دا خىتاي تۈرمىسىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. مەزكۇر گۇرۇپپا 12-دېكابىر گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يىغىندا ئىلھام توختىنى 2017-يىللىق ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا كۆرسىتىش ۋە ئۇنىڭغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ھەققىدە مۇھىم قارارلارنى ئالدى.

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى. مەزكۇر قۇرۇلتايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ھەيئىتى سايلاپ چىقىلدى. رابىيە قادىر خانىم قۇرۇلتاي رەئىسىلىكىگە، دولقۇن ئەيسا باش كاتىپلىققا سايلاندى، قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى سايلاپ چىقىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى تۆت يىللىق خىزمەت پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

8-ئىيۇل فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا 5-ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئىلھام توختى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

2016-يىلى 12-نويابىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى» نى خاتىرىلىدى. تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغىنى 13-نويابىر كۈنى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى داغدۇغىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. بۇ پائالىيەتكە 8 دۆلەتتىن كەلگەن 150 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن رابىيە خانىمغا ئالتۇندىن ياسالغان ئىستىقلال مېدالى تەقدىم قىلدى ھەمدە رابىيە خانىمنىڭ كۈرەش قاينىمىدا ئۆتكەن 70 يىللىق ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ 2016-يىلى 11-دېكابىر كۈنى«ئاماننىساخان رېستورانى» غا جەم بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقىنى قۇتلىدى. مەزكۇر پائالىيەتتە رابىيە خانىمنىڭ ھاياتى ۋە كۈرەش قاينىمىدا ئۆتكەن ئۆمۈر مۇساپىسى زامانداشلىرى تەرىپىدىن ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، جامائەت تەييارلىغان گۈلدەستىلەر تەقدىم قىلىندى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد بولغاندىن بۇيان ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى.