2002-يىلىدىن بېرى ھەر يىلى قەرەللىك چاقىرىلىپ كېلىۋاتقان «ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 30-دېكابىر كۈنى ئاخىرلاشتى.
28-دېكابىر كۈنىدىن 30-دېكابىرغىچە داۋاملاشقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان تىلشۇناس، تارىخچى، ئارخېئولوگ ۋە جەمئىيەتشۇناسلاردىن بولۇپ 40 ئەتراپىدا تەتقىقاتچى قاتناشتى. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈركولوگلار تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە سىياسىي تارىخى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى ئىلمىي دوكلاتلىرىنى سۇندى. مەزكۇر يىغىندا ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «تۈرگىش شاھزادىسى گۇاڭشۈنىڭ مازار تېشى» تېمىسىدا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نۇرانىيە ھىدايەت ئەكرەم خانىم «مانجۇ ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدە تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلى لۇغەتلىرى ۋە مەزكۇر ئەسەرلەر توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات بەردى.
ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلات بەرگەن ئىستانبۇل يەدىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا چەتئەللىك مۇتەخەسسىس بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئەزەربەيجانلىق دوكتور ئارىف ئاجالوغلۇ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەردىن تۈركىيەگە كېلىپ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«مەن ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» غا 3-قېتىم قاتنىشىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئۈچ قېتىملىق يىغىن نەتىجىسىدە شۇنى دېيەلەيمەنكى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەر يىلى قەرەللىك ئېچىلىدىغان بىر ئادەتكە ئايلاندى. بۇ يىغىننىڭ تېمىسى نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر توغرىسىدا ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلۇۋاتىدۇ. بۇ ماقالىلەر توغرىسىدا مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ يىغىندا مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن نەرسە تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەرنى مەزكۇر دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ئاڭلاتتى ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. مەنچە ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان رايوندىكى مەسىلىلەرنى ئۆزىنىڭ ئاڭلىتىشى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا زور تۆھپە قوشۇپلا قالماستىن، مەسىلىنى تۈرك زىيالىيلىرىغا ئاڭلىتىش ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئويلايمەن. مەسىلەن،بۇ يىغىندا ئۇيغۇر تارىخى بىلەن ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ماقالىلەردىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ نەرسە ئۆگەندىم»
ئىراندىن كەلگەن دوكتور بابەك جاۋانشىر ئەپەندى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى:
«ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇنداق بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ چاقىرىلىشى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم چۈنكى بىز بۇ يىغىنغا تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلدۇق، يىغىندا ئىراندىكى تۈركلەرنىڭ ۋەزىيىتى قانداق؟ شەرقىي تۈركىستاندىكى، رۇسىيەدىكى، ئىراقتىكى ۋە سۈرىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ۋەزىيىتى قانداق؟ بۇلاردىن خەۋەردار بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەر ئېلىپ باردۇق. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقان ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ چاقىرىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. مەن ئىراندىن كەلگەن تۈرك بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان پروفېسسور دوكتور سەما بارۇتجۇ ئۆزۆندەر خانىمغا رەھمەت ئېيتىمەن.»
يىغىندا ئىلمىي دوكلات سۇنغان ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۆزىنىڭ 2002-يىلىدىن بېرى ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقات يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، يىغىندا پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، تارىخى ۋە ئەدەبىياتى توغرىسىدا قىممەتلىك ئىلمىي دوكلاتلارنىڭ ئوقۇپ ئۆتۈلۈۋاتقانلىقىنى، بۇ يىغىندا تۈركولوگىيە تەتقىقاتى توغرىسىدا بەزى يېڭى كۆز قاراشلارنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى 1935-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيەدە داڭلىق تۈركولوگلار، تارىخچىلارنى يېتىشتۈرگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىمۇ بۇرۇندىن تارتىپ تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىتىلگەن. 1990-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن 1992-يىلى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى كەسپى ئېچىلغان. 23-يىلدىن بېرى ئەزەربەيجان تىلى، تۈركمەن تىلى، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز ۋە تاتار تىلى ۋە ئەدەبىياتىدىن باشقا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى دەرسلىرىمۇ ئۆتۈلمەكتە. ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتى 2002-يىلىدىن تارتىپ، ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 2014-يىلقىسى مەخسۇس ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ئىدى.