1917-يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىدىن كېيىن رۇسىيە ھاكىمىيىتى بولشېۋىكلارنىڭ قولىغا ئۆتۈشى بىلەن ئىنسانىيەت تارىخى يېڭىدىن يېزىلىش دەۋرىگە كىردى. دۇنيا سوتسىيالىزم ۋە كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئىككى لاگېرغا بۆلۈنۈپ، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىدېئولوگىيىلىك توقۇنۇش دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.
سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىي ئىستراتېگىيىسى دائىرىسىگە ئۇيغۇر ئېلىنىمۇ كىرگۈزگەن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن قوشنا بۇ رايون ئىزچىل تۈردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەت دائىرىسى ئىچىدە بولدى.
20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ بۇ ئۆلكىنى ئۆز تەسىر دائىرىسىدىكى رايون سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇش سىياسىي ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش جەريانىدا مىللىي ئازادلىق شوئارلىرى ۋە سوۋېت تەسىرىگە ئۇچرىغان زىيالىيلار شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى سوۋېت ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ ھېسابلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئارىلاشتۇرۇلدى. بولۇپمۇ، 1943-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دەۋرىدە ھەمدە 1950-1959-يىللىرى ئارىسىدىكى سوۋېت-خىتاي دوستلۇق -ئىتتىپاقداشلىق مەزگىلىدە سوۋېت ئۇيغۇر زىيالىيلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەسىرىنى تىكلەشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى 1943-يىلى، شېڭ شىسەينى يىقىتىپ، بۇ ئۆلكىدە سوۋېت تەسىرىنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاش تاكتىكىسى قوللىنىشنى بېكىتكەندىن كېيىن، موسكۋا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىر قىسىم ئاتاقلىق زىيالىيلارنى تەشكىللەپ، ئالدى بىلەن تاشكەنتتە «شەرق ھەقىقىتى» نامىدا ژۇرنال نەشر قىلىپ، ئۇنى مەخپىي تۈردە ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگۈزۈشكە باشلىدى.
تارىخىي مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تۇرسۇن رەھىموف، ئەرشىدىن ھىدايەتوۋ، ئابدۇمېجىت روزىباقىيېف ۋە باشقىلار ئىشلىگەن، كېيىن بۇ ژۇرنال كېڭىيىپ، ئۇنىڭ قارمىقىدا نەشرىياتى ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، كىتابلارنى چىقىرىشقا كىرىشكەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1946-1947-يىللىرى ئارىسىدا ئالمۇتا شەھىرىدە «قازاق ئېلى» نامىدا قازاقچە ۋە ئۇيغۇرچە ئەرەب يېزىقىدا ژۇرنال چىقىرىلىپ، بۇنىڭدا ئاتاقلىق سوۋېت ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن قادىر ھەسەنوف، ئەرشىدىن ھىدايەتوف، مەشھۇر روزىيېف (مەنسۇر ئەپەندى) قاتارلىقلار ئىشلىگەن ئىدى.
«قازاق ئېلى» ژۇرنىلى كېيىن ئۆز تەركىبىدە نەشرىيات ئورگىنى قۇرۇپ، 1950-يىلىدىن تاكى 1959-يىللىرى ئارىسىدا مەخسۇس تۈرلۈك كىتابلارنى نەشر قىلىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگۈزدى.
«قازاق ئېلى» ژۇرنىلىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان تەشۋىقات رولى ناھايىتى زور بولغان ئىدى. بۇ ژۇرنال سەھىپىلىرىدە ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىي ئەسەرلەر، خەلقئارا ۋەزىيەت ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىگە ئائىت ئەسەرلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىندى. ئالمۇتا شەھىرىدىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىلشۇناس ئالىمى،مەرھۇم غوجاخمەت سادۋاقوسوفنىڭ خانىمى ئوماق ھەدىمۇ ئەينى ۋاقىتتا «قازاق ئېلى» ژۇرنىلىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ ئارىلاشقان بولۇپ، ئۇ مەزكۇر ژۇرنالنىڭ رولى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.