سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 1943-يىلى، ماي ئېيىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى قوللاش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىغا قارىتىلغان تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تاشكەنتتە تۇرسۇن رەھىموف رەھبەرلىكىدە «شەرق ھەقىقىتى»، ئۇنىڭدىن كېيىن ئالمۇتا شەھىرىدە قادىر ھەسەنوف باشچىلىقىدا «قازاق ئېلى» ژۇرنىلى نەشر قىلىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگۈزگەن ئىدى.
مەزكۇر ئىككى ژۇرنال تەركىبىدە كېيىن نەشرىيات ئورگىنى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا دەرسلىك ماتېرىياللىرى، تارىخ-ئەدەبىيات ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىت تۈرلۈك كىتابلارنى نەشر قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتكەن ئىدى.
20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا مەيدانغا كەلگەن مەزكۇر ئىككى ژۇرنال ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك ئىدىيىسى ۋە مىللىي ئاڭ ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە بەگلىك تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.
بۈگۈنكى تارىخ ۋە مەدەنىيەت سەھىپىلىرىمىز بويىچە ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار ئالمۇتادىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوماق خانىم بىلەن « قازاق ئېلى» ژۇرنىلى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.