قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار 29-ماي غۇلجا ۋەقەسى قۇربانلىرىنى خاتىرىلىدى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، 1962-يىلى 29-مايدا غۇلجىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەگە بۇ يىلى 55 يىل تولدى. بۇ كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتمەكچى بولغانلارنىڭ ئالدى توسۇلۇپ، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئۇلار ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومغا بارغان ئىدى. لېكىن ئۇلار خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ، كۆپلىگەن ئادەملەر ئۆلتۈرۈلدى ۋە يارىدار بولدى. بۇ پاجىئە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى قانلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ۋەقەنى ئەسلەپ، بۇ پاجىئە قۇربانلىرىنى خاتىرىلەشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار 28-ماي كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدە جەم بولۇپ، خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭغا ئالماتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر بولۇپ، يۈزدىن ئوشۇق ئادەم قاتناشتى. ئالدى بىلەن دىنىي زات مۇھەممەت ھاجىم غۇلجا ماي ۋەقەسى قۇربانلىرى ھەم شۇنداقلا ئازادلىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇدى. دەسلەپ دوكلات بىلەن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى 29-ماي غۇلجا ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەم ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى، شۇنداقلا خەلقئارا ۋەزىيەت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ماي ۋەقەسى گۇۋاھچىلىرىدىن ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، ئالماتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى ئازتېكىن ئىبراھىموف، شۇنداقلا تارىخچى قاسىم مەسىمى بۇ ھەقتە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان كۆپ ئەسىرلىك سىياسىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى. ئا. ئىبراھىموف غۇلجا ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئۆزىنىڭ 13 ياشتا بولغانلىقىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ مەكتەپ قاتناش ئىدارىسىگە يېقىن ئىدى. بىز مەكتەپتىن چىقىپلا، شۇ يەرگە باراتتۇق. بىلەتكە نەچچە يۈز ئادەم تۇرۇپ كەتكەن. ئەتىسى شۇ يەرگە قۇرمانەلى كەلدى. كىشىلەر ئۇنى ۋارقىراپ، تاشلارنى ئېتىپ، ئۇ يەردىن قوغلىۋەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ ماشىنىدا قوراللانغان خىتاي ئەسكەرلىرى كەلدى. ئۇلارغىمۇ تاشلارنى ئاتتى، ئۇلارمۇ چېكىندى.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرىنىڭ گورنىي گىگانت مەھەللىسىنىڭ تۇرغۇنى نۇرامبەك بارات مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى مەجلىسىمىز ياخشى بولدى. سۆزلىگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي بىلىمىنى خەلققە تولۇق يەتكۈزدى. بۈگۈنكى مەجلىسىمىز ياشلارغا ئۈلگە بولىدۇ. ھازىر بولسا، بۇنى ياشلارنىڭ قۇلىقىغا قۇيۇش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. بۇ ۋەقەنى بىز، ئۇيغۇرلار، بۇرۇنمۇ بىلەتتۇق. بۇنىڭغا خىتاينىڭمۇ، ئورۇسنىڭمۇ ئارىلاشقىنىنى ياخشى بىلىمىز. ئادەملەر بۇ ياققا چىققاندا ئەنە شۇ زۇلۇمدىن قورقۇپ، قېچىپ چىققانلار كۆپ بولدى.»

ن. بارات شۇنداقلا ھازىر چوڭلارنىڭ، يەنى شۇ ۋەقە شاھىتلىرىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق پائالىيەتلەرگە بولۇپمۇ ياشلارنى كۆپرەك جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇنداق قانلىق ۋەقەلەردىن ساۋاق ئېلىش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئالماتا شەھىرى تۇرغۇنى ھاكىمجان ئازنىباقىيېف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كەبى پائالىيەتلەر ئارقىلىق ۋەتەن، ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارنى ئەسلەش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «غۇلجا ماي ۋەقەسىدە نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز شۇ نەق مەيداندا قۇربان بولغان. مۇراسىمدا شۇلارنى ئەسلىدۇق.»

1962-يىلى ئەنە شۇ غۇلجىدا يۈز بەرگەن 29-ماي ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەم ئەينى ۋاقىتتا بولغان ۋەقەلەر ھەققىدە ھازىر ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ قاپچىغاي شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان، ئەينى ۋاقىتتا ئاشۇ ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى بولغان ھەم 1962-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېلىپ يەرلەشكەن ئاتاقلىق يازغۇچى يەھيا تايىروفنىڭ ئېيتىشىچە، 1953-يىلى سوۋېت رەھبىرى ستالىن ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خرۇشيېف چىققاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بارغانسېرى بۇزۇلۇشقا باشلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «سوۋېت پۇقرالىرى جەمئىيىتى» ئۆزىنىڭ غۇلجا، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىكى بۆلۈملىرى ئارقىلىق 1955-يىلدىن تارتىپ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىگە ئۆتۈپ كەتكەن سوۋېت پۇقرالىرىغا پاسپورت تارقىتىشنى ئۇيۇشتۇردى. 1962-يىلنىڭ ئەتىياز ئايلىرىدا بولسا، خەلق ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھېچ توسالغۇسىز چىقىپ كېتىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە تەشۋىقات ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلدى.

يەھيا تايىروف خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز 1962-يىلى 21-مايدا سوۋېت پۇقرالىرى جەمئىيىتىدە تىنتىش يۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئوبلاستلىق خەلق كومىتېتى رەھبەرلىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېلەت سېتىشنى توختىتىش توغرىلىق پەرمانىغا خەلقنىڭ قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خەلق ھەيران قالدى. ‹بۇ قانداق؟ ھەر بىرىمىزنى بالىدىن ئايرىدىڭلار. بىرىنى ئانىدىن ئايرىدىڭلار. ھەممىمىز ماڭىمىز دەپ تۇرغاندا بۇ ئىشىڭلار نېمە؟ قانداق چىدايمىز بۇنىڭغا؟› دېيىشتى. شۇ ۋاقىتتا قاتناش ئىدارىسى ئالدىغا ھەربىي رايوننىڭ تۆت ماشىنىسى كېلىپ توختىدى. بىر خىتاي تۇرۇپ، ‹بۇ يەردىن كەتمىسەڭلار ئوق ئاتىمىز› دېدى. قەغەزدە بولسا شۇنداق يېزىلغان. ‹سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پۇقرالىرىغا شۇ مىنۇتتىن تارتىپ ئۆز مەملىكىتىگە چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت. ئۇنىڭغا قوراللىق كۈچ ئىشلىتىلمىسۇن›. ئۇنىڭدا ئوبلاستلىق خەلق كومىتېتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئىدى».

يەھيا تايىروفنىڭ ئېيتىشىچە، ئوبلاستلىق خەلق كومىتېتى رەھبەرلىرىنىڭ قاتناش ئىدارىسىدىكى ئاھالىنى تىنچلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى نەتىجە بەرمەي، ئۇلار قايتقان. ئەمما غەزەپلەنگەن خەلق ئوبلاستلىق خەلق كومىتېتىغا قاراپ ماڭغاندا ئۇلارغا يەنە كۆپلىگەن ئادەملەر قوشۇلىدۇ. ئۇلار خەلق كومىتېتى بىناسىغا يېتىپ بارغىنىدا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، تېخىمۇ غەزەپكە كەلگەن ھەم ئىچكىرىگە قاراپ ئىنتىلگەن. بۇ پەيتتە ئۇلارنى پايلاپ ياتقان خىتاي قوشۇنلىرى ئوق چىقارغان. ئاقىۋەتتە 200دىن ئوشۇق ئادەم قۇربان بولغان. ئەتىسى ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قولغا ئېلىش ھەرىكىتى باشلانغاندا ئاھالە ئاممىۋى تۈردە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىشقا باشلىغان. بۇ ئۇيغۇرلاردا «قاچ-قاچ» ۋەقەسى دەپ ئاتالدى.

گۇمىليېف نامىدىكى ياۋرو-ئاسىيا مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سۋېتلانا كوژىروۋانىڭ «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى: ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى»ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، سوۋېت-خىتاي چېگراسىنىڭ قورغاس رايونى ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا 60 مىڭدىن 80 مىڭغىچە ئادەم قېچىپ چىققان. بۇ تەتقىقاتچى شۇ ۋەقە شاھىتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ، 1953-يىلدىن 1963-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 200 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ قېچىپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.