يېقىندا ئالماتادىكى «مىر» نەشرىياتى تەرىپىدىن «دۆلەت كىملىكىنىڭ شەكىللىنىش جەريانلىرىدىكى مۇستەقىل قازاقىستان تۈركىي تىللىق خەلقلىرى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى.
مەزكۇر كىتاب مۇشۇ يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا ئالماتادىكى دوستلۇق ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن شۇ ماۋزۇلۇق يۇمىلاق ئۈستەل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان دوكلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يىغىن قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي مەدەنىيەت مەركىزى ۋە قازاقىستان ئۆزبېكلىرىنىڭ ئالماتا شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى.
كىتابتا ئورۇن ئالغان ماقالىلەردە قازاقىستاندىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، ئەدەبىياتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاندا شەكىللەنگەن مىللەتلەر ۋە دىنلار ئارا دوستلۇق، رازىمەنلىك ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر قارالغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى زۇلفىيە كەرىموۋا مەزكۇر ماقالىلەر مەزمۇنىغا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭدا بۈگۈنكى تاڭدا قازاقىستاندا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئىچىدە نوپۇس سانى جەھەتتىن كۆپچىلىكنى تەشكىل قىلىدىغان ئۈچ چوڭ مىللەت-قازاق، ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي، ئەدەبىي مۇناسىۋەتلىرى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىكى ئوخشاشلىقلارغا، ئۇلارنىڭ قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي-سىياسىي تەرەققىياتىغا قوشۇۋاتقان ئۈلۈشىگە ئائىت مەسىلىلەر قارالغان. مەسىلەن، ئىسمى پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا ئىلىم ساھەسىگە تونۇلغان ئالىم، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەھەت كامالوف «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەرلىك تارىخى ۋە قازاقىستانلىق ئوخشاشلىق» ماقالىسىدە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىغا، ئۇلارنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئىجتىمائىي-سىياسىي راۋاجلىنىشىدىكى ئالاھىدىلىكلەرگە تەپسىلىي توختالغان. قازاق ئالىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى شايزادا توختابائېۋا مۇستەقىل قازاقىستاندا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىدىكى ئوخشاشلىقلار ھەم يېڭىلىقلار توغرىسىدا بايان قىلىدۇ. تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى زاۋۇر جەلىلوفنىڭ ‹قازاقىستاندىكى ئۆزبېك مىللىتىنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكى›، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئېركىن بايداروفنىڭ ‹مۇستەقىل قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى›، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان تىلىۋالدىنىڭ، ‹قازاق-ئۆزبېك ئەدەبىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى›، دوكتور بولات باتىرخاننىڭ ماقالىلىرىدە ئۆز ئەكسىنى تاپقان.خۇلاسىلەپ ئېيتساق، مەزكۇر توپلامدا بۈگۈنكى تاڭدا قازاقىستاندا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا، تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا ئائىت مۇھىم ماقالىلەر يورۇق كۆرگەن».
قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 20 يىللىقىغا بېغىشلانغان بۇ توپلامدا ئۆز ئەكسىنى تاپقان مەسىلىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ئالىملىرىنىڭ «ئېقىمدىكى خەلق» ناملىق دۆلەتلىك پروگرامما بويىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتلار تەركىبىگە كىرگەن بولۇپ، تارىخ، ئېتنولوگىيە، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىياتشۇناسلىق ۋە ئىقتىساد ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئۆرلېئۇ» بىلىمنى ئاشۇرۇش مىللىي مەركىزىنىڭ ئالماتادىكى بۆلۈمىنىڭ خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رۇسلان ئارزىيېف مەزكۇر توپلام ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «‹مۇستەقىل قازاقىستاننىڭ مەملىكەتلىك ئوخشاشلىق جەريانلىرىدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر› ناملىق ماقالىلەر توپلىمى ھەر قانداق كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ بىرى، يەنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەتلىك كىملىكى مەسىلىسىگە بېغىشلانغان. قازاقىستاندا دۆلەت ئىگىسى قازاقلاردىن باشقىمۇ تۈركىي خەلقلەر تۇرىدۇ. توپلام مۇشۇ خەلقلەرنىڭ كىملىكىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىغا باغلىق تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلغان ماقالىلەرنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مىللەتلەر ئۆز ئارا قېرىنداش بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا دوستلۇقىنى كۈچەيتىش دۆلەتنىڭ مىللىي سىياسىتىگە باغلىق. قازاقىستان پرېزىدېنتى ن. نازاربايېفنىڭ مىللىي سىياسەتتە تۇتقان رولى ھازىرقى خېلى دۆلەتلەرگە ئۈلگە، دېسەك ئارتۇق بولمايدۇ. قازاقىستاندىكى 130 مىللەتنىڭ ئۇنداق ياشاپ ئۆتۈشى بىۋاسىتە پرېزىدېنتنىڭ تۇتقان يولىغا باغلىق. قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيىسى قازاقىستان خەلقلىرىنىڭ بىرلىكتە، ئۆملۈكتە ئۆمۈر سۈرۈشىگە تەسىر قىلىدىغان دۆلەتلىك مەھكىمە. مۇشۇ تۈركىي خەلقلەر ئىچىدىن ئۇيغۇرلارنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى دۇنيادىكى بەختلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى، دەپ ھېسابلايدۇ. مېنىڭچە بولسا، ئۇنىڭغا دەلىللەر يېتەرلىك».