22-دېكابىر ئەتىگەندە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەسئۇلى، تونۇلغان دىنىي ئالىم، پائالىيەتچى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم 53 يېشىدا تۇيۇقسىز ۋاپات بولغاندىن بۇيان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئوخشىمىغان شەكىللەردە مەرھۇمنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.
بۈگۈن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن باش شتابى گېرمانىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەرھۇم ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىسى ۋە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ۋاپاتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپىنى گۈللەندۈرۈشتە كۆرسەتكەن پىداكارلىقى ئۈستىدە توختالدى.
دولقۇن ئەيسا مەرھۇم دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىنىڭ خىتاي زۇلۇمدىن قېچىپ ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق مىڭ بىر مۇشەققەتلەر بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىغا مەنىۋى جەھەتتىن كۆپ تەلىم بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
دولقۇن ئەيسا زىيارىتىمىز جەريانىدا، ئۆزىنىڭ 2015-يىلى 2-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولغانلىقىنى، كېيىنكى يىللاردا بولسا تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ۋە يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى تۈركىيەدىكى جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ قولغا ئېلىنىشىدىن ئىبارەت بىر قاتار مەسىلىلەردە مەرھۇم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
دولقۇن ئەيسا يەنە، مەرھۇمنىڭ ئۆزىدە تەسىر قالدۇرغان بىر قىسىم ئىنسانىي ئەخلاقىي پەزىلەتلىرى توغرىسىدىمۇ قىسقىچە توختالدى.
دولقۇن ئەيسا ئاخىرىدا يەنە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر قايسى ئىسلام ئەللىرىدە دىنىي ئىلىم تەھسىل قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ ھەر جەھەتتە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھىجرەتتىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن مەرھۇم كەبى مۆتىۋەرلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.