«شىنجاڭ ۋەكىللىرى» «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى» غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەكچى

0:00 / 0:00

بۇ يىل 4-مارتتىن 9-مارتقىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان زۇمرەت ئوبۇل باشچىلىقىدىكى 11 مىللەتتىن تەركىب تاپقان 59 نەپەر ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» 4-مارت كۈنى بېيجىڭدا بايانات بېرىپ، بۇ يىغىندا 10 قانۇن لايىھەسى ۋە بىر قاتار تەكلىپ لايىھەسىنى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار باياناتىدا تىلغا ئېلىنغان 10 قانۇن لايىھەسىنىڭ بىرى «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىق قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش» قانۇن لايىھەسى بولۇپ، ئاتالمىش ئىككى يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن، يەنى 11-مارت كۈنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن شىنجاڭ گېزىتى، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىقلاردا سانلىرىدا «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىق قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش» قانۇن لايىھەسىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى.

تەڭرىتاغ تورىدا 11-مارت كۈنى «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلىنغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، «14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى مەزگىلىدە، زۇمرەت ئوبۇل ۋە باشقا 30 نەپەر ۋەكىل بىرلىكتە يىغىنغا تەكلىپ سۇنۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تېزلىتىشنى مۇراجىئەت قىلغان. ئاتالمىش شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى زۇمرەت ئوبۇل بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە، بۇ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلدى» دېگەن.

خەۋەردە يەنە «بۇ قېتىم ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپتە، دىققەت دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە مەركەزلەشتۈرۈلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت يېڭى دەۋردىكى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قانۇن تىرىكىگە ئىگە قىلىپ، تىل ئورتاقلىقى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش، تەقدىرداش بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت» دېيىلگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە يەنە ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل قاتارلىقلار يىغىندا بەرگەن تەكلىپىنىڭ مەزمۇنلىرى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش جەريانىنى تېزلىتىش، بۇنىڭدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىغا دائىر قانۇن چىقىرىش مەزمۇنىدا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىش؛ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى قانۇن بويىچە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى قانۇن تىرىكىگە ئىگە قىلىش، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك» دېگەنلەر ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

چەت ئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكىدىكى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندى2021-يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاتالمىش ئىككى يىغىن مەزگىلىدىمۇ، «دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش»، «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەندەك، خىتايلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان بۇ خىلدىكى قانۇن لايىھە تەكلىپلىرىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ ئاغزىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى نەقىل ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاتالمىش ‹شىنجاڭ ۋەكىللىرى› نىڭ تىلى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش› قانۇن لايىھەسى، ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ‹خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى› ۋە ‹ئاپتونوم رايونلارنىڭ ھوقۇقى› دا، ئۆزى ئېلان قىلغان ‹ھەرقايسى ئاپتونوم رايونلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى› ھەققىدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىش. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر تۆت يىلدا بىر ئېچىلىدىغان، ‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى› ۋە ‹سىياسىي كېڭەش يىغىنى› دا ئاتالمىش ۋەكىللەرنىڭ تىلى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ سىياسىي پەرمانلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە».

تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نامدا مىللىي ئاپتونومىيەلىك ھوقۇق بېرىلگەن، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ ھوقۇقلار ھېچقاچان ئىجرا قىلىنمايدىغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلاردا نۆۋەتتە خىتايلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان «مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە» سىياسىتى بارغانچە كۈچەيتىلمەكتە. ھالبۇكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇ سىياسەت «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» شەكلىدە داۋام قىلماقتىكەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا، 2001-يىلىدىن باشلاپ «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى» يولغا قويۇلغان. ھالبۇكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ سىياسەت دەسلەپتە «قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش» تا ئىشلىتىلگەن. 2016-يىلىدىن كېيىن بولسا رايوندا مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇلغان.

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاتالمىش «دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدىكى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، 2017-يىلى دۇنياغا ئاشكارىلانغان، ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك «لاگېر تۇتقۇنى» بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نىڭ ئەڭ مۇھىم پارچىلىرىدىن بىرى ئىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، 2016-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، رايوندىكى باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قەدەر ھەتتا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتلىرىغىچە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈش بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ سەۋەبى خىتاي خەۋەرلىرىدە «دەرسلىك كىتابلاردا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى تەرغىب قىلىنغان» دەپ تەشۋىق قىلىنغان. خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيەسىنىڭ 2017-يىلى 2-ئايدىكى بىر پىروگراممىسىدا، 2016-يىلى ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، 2016-يىلى 10-ئاي مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇيغۇر نازىرى ساتتار ساۋۇت ۋە ئۇيغۇرچە دەرسلىك تۈزۈشكە مەسئۇل خادىملاردىن، ئوبزورچى يالقۇن روزى، شائىر ۋاھىتجان ئوسمان، ئابدۇرازاق سايىم، ئالىمجان مەمتىمىن قاتارلىق 5 كىشىنىڭ «مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلغان» دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلۈپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى. 2016-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، دەل2017-يىلى دۇنياغا ئاشكارىلانغان، ئۇيغۇرلار نىشان قىلىنغان «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى زور تۇتقۇن مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ.

ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەرىپلەنگەن، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بىرقانچە مىليون كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېر-تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن زور تۇتقۇندا، نىشانلىق تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ زور بىر قىسمىنى زىيالىيلار ئىگىلەيدۇ. بۇلار ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات، ئېتنوگرافىيە، تارىخ ۋە باشقا ساھەلىرىدە دەرس بېرىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-پىروفېسسورلار، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈۋاتقان تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قىسمىغا «مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلغان» دېگەندەك قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ ئېغىر قاماق جازالىرى ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پايدىلانغان خەۋەر ئۇلانمىلىرى:

يالقۇن روزى بىلەن ساتتار ساۋۇتنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلىقى دەلىللەندىOpens in new window ]

خىتاي ھۆكۈمىتى ساتتار ساۋۇت ۋە «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىك تۈزۈش گۇرۇپپىسى» ھەققىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغانOpens in new window ]

十四届全国人大三次会议新疆代表团举行新闻发布会Opens in new window ]

Press conference of the 3rd session of the 14th CPPCC National CommitteeOpens in new window ]

住疆全国政协委员分组审议常委会工作报告和提案工作情况报告 为推进中国式现代化新疆实践凝聚智慧力量Opens in new window ]