خىتاي ھۆكۈمىتى ساتتار ساۋۇت ۋە «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىك تۈزۈش گۇرۇپپىسى» ھەققىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان

0:00 / 0:00

1-مارت كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «69-قېتىملىق شىنجاڭغا دائىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دا، ما شىڭرۇي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولغان دەۋردىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۆگەرمەيدىغانلىقىدىن سىگنال بېرىلگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىلگىرىكى كونا مۇقاملار قايتا تەكرارلانغان. ئەمما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت ۋە ئۇ يېتەكچىلىك قىلغان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىك تۈزۈش گۇرۇپپىسى» دېلوسى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان بىر قىسىم ئۇچۇرلار دىققەت قوزغايدىكەن.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يوقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لاڭتاۋ مەزكۇر دېلو ھەققىدە توختىلىپ، 2000-يللارنىڭ باشلىرىدا تۈزۈلگەن «ئوتتۇرا-باشلانغۇچە مەكتەپلەر ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكى» نىڭ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى «خىتاي

كىملىكلىدىن يىراقلاشتۇرۇش» نى مەقسەت قىلىپ تۈزۈلگەنلىكى، مەزكۇر دەرسلىكلەردە «مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، تېرورلۇق ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» ئىدىيەسىنى تەرغىپ قىلىدىغان 84 پارچە تېكىستنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇ دەرسلىكلەرنىڭ «13 يىلدا 2 مىليون 300 مىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى زەھەرلىگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان، «مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن يالقۇن روزىنىڭ 2016-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، كېيىنچە ئۇنىڭغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

يالقۇن روزىنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى كامالتۈرۈك يالقۇن رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دادىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

كامالتۈرك ئاۋۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1-مارت كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان «69-قېتىملىق شىنجاڭغا دائىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دا، تۇتقۇندىكى مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتار ساۋۇت، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ سابىق باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم، دەرسلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەھرىرلىرىدىن دادىسى يالقۇن روزى ۋە ۋاھىتقان ئوسمان قاتارلىقلارنىڭ ئىسمىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ چۈشەندۈرۈش بېرىشكە مەجبۇر بولۇشىدا، نۆۋەتتە بارغانچە كۈچىيىۋاتقان خەلقئارا بېسىمنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

كامالتۈرۈكنىڭ تەكىلىشىچە، «ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى» سەۋەبلىك ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئېغىر جازاشا ھۆكۈم قىلىنغان مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇت ۋە دادىسى يالقۇن روزىلارغا ئارتىلغان ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، تېرورلۇق ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى، پۈتۈنلەي تۆھمەت ئىكەن.

كامالتۈرك «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكى» تۈزۈلگەن ئەينى دەۋر ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاي مائارىپ مېنىستېرلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن پىداگوگىكا قائىدىسىگە ئۇيغۇن قىلىپ تۈزۈلگەن ۋە نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دەرسلىكلىرى، ئەمەلىيەتتە خىتاي مائارىپ مىنىستېرلىقىنىڭ دەرسلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە تۈزۈلگەن ئىكەن. شۇڭا بۇ دەرسلىكلەرنى تۈزۈشكە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا ئارتىلغان «جىنايەتلەر» خەلقئارا قانۇنىي بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت قانۇنىغىمۇ خىلاپ ئىكەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن مۇستەقىل ئانالىزچى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ 1-مارت كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان «69-قېتىملىق شىنجاڭغا دائىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دا، «ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى» تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلغان سابىق نازىر ساتتار ساۋۇت ۋە دەرسلىك تۈزۈش گۇرۇپپىسىدىكى يالقۇن، روزى، ۋاھىتجان ئوسمان قاتارلىق زىيالىلار ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەر ئەخمەت ئۆزىنىڭ «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىللىرىدە «ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى» نى تۈزۈشكە قاتناشقان شائىر ۋاھىتجان ئوسمان بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە بولغانلىقى ۋە مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ساتتار ساۋۇتنىمۇ كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سەركىلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان بۇ زىيالىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ جازالىنىشىغا ئۇلاردىكى ئۆز مىللىتىگە بولغان سۆيگۈ، ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىغا بولغان مەسۇلىيەتچانلىق ۋە مىللەتكە باشلامچىلىق قىلالايدىغان روھ سەۋەپ بولغان ئىكەن.

ئەنۋەر ئەخىمەت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت جەھەتتىن پۈتۈن مىللەت بويىچە خىتايلاشتۇرۇپ يوقىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەن. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىگە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەرىدە ئەڭ چوڭ توسالغۇ ھېسابلانغان ۋە يوقىتىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان ئىكەن.