بىڭتۈەننىڭ 70 يىلى: ئىشغالچىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققىچە

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.10.09
uyghur-bingtuan-ishlepchiqirish-qurulush.jpg ئۇيغۇر ئېلىغا تارقالغان خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دېۋىزىيەلىرىنىڭ ئورۇنلىشىش خەرىتىسى.
xjbt.gov.cn

كوممۇنىست خىتايلار ئاتالمىش «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرۇشتىن ئاۋۋالقى 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى ئۇيغۇرلار ئىككى قېتىم ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققانىدى. ھەتتا 1949-يىلى ۋاڭ جېن رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىست خىتايلار ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەندىمۇ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېشىل رەڭلىك ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى ئۇيغۇر زېمىنىدا لەپىلدەپ تۇرغان. ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئېلى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي كۈچ ياكى دىپلوماتىيە ساھەلىرىدە كوممۇنىست خىتايلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىدە بولمىغانىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن ياشاپ كەلگەن بۇ تۇپراقلار كوممۇنىست خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن بىردىنلا «خىتاينىڭ تارىختىن بۇيانقى ئايرىلماس بىر قىسمى» غا ئايلاندۇرۇلدى.

1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىستلىرى ۋەدە قىلىپ كەلگەن خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بىردىنلا يوق قىلىنغان. ئارقىدىنلا، ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغان كوممۇنىست خىتاي ئەسكەرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى گومىنداڭنىڭ كوممۇنىستلارغا تەسلىم بولغان خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە 1954-يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» بولۇپ شەكىللەنگەن. يەنى بۇ يەردە «بىڭتۈەن» يەنى «ئارمىيە» سۆزىنىڭ ئالدىغا «ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش» ئاتالغۇسىنىڭ قوشۇلغانلىقىدىنلا، ئاتالمىش بىڭتۈەننىڭ تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى چۈشىنىشىمىز تەس ئەمەس. دېمەك، ئاتالمىش بىڭتۈەن ئەمەلىيەتتە كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن مۇستەملىكىچى قوشۇنلىرى بولسىمۇ، لېكىن بۇ مۇستەملىكىچىلىكنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بىڭتۈەننىڭ خاراكتېرىنى تاجاۋۇزچىدىن، «ياردەملەشكۈچى، تەرەققىي قىلدۇرغۇچى» غا ئۆزگەرتىش خىتاي ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا زۆرۈر تېپىلغان.

 «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق «پارتىيە ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى يىغىنى» 1955-يىلى ئېچىلغان. مەزكۇر يىغىندا بىڭتۈەننىڭ 5 يىللىق پىلانى تۈزۈلۈپ، كەلگۈسى بەش يىلدا شىمالىي ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساس قىلغان تۇپراقلاردا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشلار پىلان قىلىنغان. بۇ دەل بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زېمىن ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى كەڭ كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىنىڭ باشلىنىشى بولغانىدى. مەقسەت ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىقلىرىنى ئىگىلەش بولغانلىقى ئۈچۈن، بىڭتۈەننىڭ ئاتالمىش «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش» ھەرىكىتىگە ئۇيغۇر خەلقى ئارىلاشتۇرۇلمىغان. بەلكى خىتاينىڭ شەندۇڭ، خېنەن، خېبېي، گەنسۇ، جياڭسۇ، شاڭخەي قاتارلىق جايلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە «چېگرا رايونلارغا ياردەم بەرگۈچى ياشلار» نامىدا خىتاي ئاققۇنلىرىنى تۈركۈملەپ ئېلىپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن 1960-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، بىڭتۈەننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 724 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. يەنى بۇ سان بىڭتۈەن قۇرۇلغان 1954-يىلدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ 4.1 ھەسسىگە كۆپەيگەن. 1960-يىلىدىن 1964-يىلى ئۆكتەبىرگە قەدەر، بىڭتۈەن يەنە 126 مىڭ 700 نەپەر خىتاي ئاققۇن نوپۇسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئېلىپ چىقىپ، بىڭتۈەنگە يەرلەشتۈرگەن.

1958-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە داۋام قىلغان ئاتالمىش «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» مەزگىلىدە، بىڭتۈەننىڭ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، جەنۇبتىكى تارىم دەرياسىدىن تارتىپ، شىمالدىكى ماناس دەريا ئېقىنلىرىغىچە بولغان رايونلاردا 107 دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇپ بولغان. تارىم دەرياسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئىچكىي قۇرۇقلۇق دەرياسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2179 كىلومېتىر كېلىدۇ. تارىم دەرياسى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى بولۇپ، تارىم ئويمانلىقىدا ئۇيغۇرلار ياراتقان بوستانلىق مەدەنىيىتى دەل تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىگە تايىنىپ شەكىللەنگەن. خىتاينىڭ «دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى» نىڭ 1958-يىلدىكى ئىستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا ئەينى يىلى تارىم ئويمانلىقىدا 7 مىليون 800 مىڭ مو چوڭلۇقتىكى دائىرىدە بىپايان توغراقلار ئۆسكەن بولۇپ، بۇ توغراقلىقلارنىڭ سۇ ساقلاش سىغىمى 5 مىليون 400 مىڭ كۇب مېتىر ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن. ئەمما 1979-يىلىغا كەلگەن بۇ توغراقلىقلارنىڭ كۆلىمى 4 مىليون 200 مىڭ موغا، سۇ ساقلاش سىغىمى 2 مىليون 180 مىڭ كۇب مېتىرغا ئازىيىپ، 1958-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %46 تۆۋەنلىگەن. دېمەك بۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپلا، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە سۇ كەمچىللىك مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. ئەينى چاغدا تارىم ئويمانلىقىدا بۇ خىل ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭسىزلىقنى دەل بىڭتۈەن كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئەمەلىيەتتە بىڭتۈەن قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ دەريا ئېقىنلىرىدىن شىمالدىكى ئىلى دەرياسى، ئېرتىش دەرياسى ماناس دەرياسى ۋە جەنۇبتىكى تارىم دەرياسى، ياركەند دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى، خوتەن دەرياسى، قەشقەر دەرياسى ۋە قايدۇ دەرياسى قاتارلىق چوڭ دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىۋالغان. تېخىمۇ مۇھىمى، بىڭتۈەندىن ئېشىنغان سۇلار بىلەن تېرىقچىلىق قىلىش ھالىغا چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقانداق ئۈنۈملۈك سۇ ساقلاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇپ بەرمىگەن. نەتىجىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ دېھقانچىلىق تەرەققىياتى سۇ كەمچىللىكى سەۋەبلىك ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى غايەت زور توغراقلىقلارمۇ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدا دېھقانچىلىققا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئۇيغۇرلار نامراتلىشىشقا باشلىغان. 1975-يىلى بىڭتۈەننىڭ تارقىتىۋېتىلىشىدا بۇ ئورگاننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن زىيانكەشلىكلىرى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشىمىز تەس ئەمەس. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئاتالمىش ئىسلاھات دەۋرىگە كەلگەندە، دېڭ شياۋپىڭ ۋە ۋاڭ جېننىڭ تىل بىرىكتۈرۈشىدە، بىڭتۈەننىڭ تارقىتىۋېلىگەنلىكىنىڭ بىر خاتالىق بولغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، 1981-يىلى بىڭتۈەن يەنە قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بىڭتۈەننىڭ قايتا ئەسلىگە كېلىشى بىلەن تەڭ خىتاينىڭ ئىسلاھات سىياسىتىدىن ئۇيغۇرلار ئەمەس بەلكى بىڭتۈەننىڭ نەپ ئالىدىغانلىقى قارار قىلىنغان. بىڭتۈەننىڭ ئاۋۋالقى «ياردەملەشكۈچى، تەرەققىي قىلدۇرغۇچى» دېگەندەك ساختا نىقابى بۇ چاغدا بىراقلا يىرتىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتىكى ۋاسىتىسى بولغانلىقىدەك ماھىيىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشلارغا بىڭتۈەن ئاققۇنلىرىنىڭ قاتنىشىشى نورماللىققا ئايلانغان.

1990-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ قوللىشى ئاستىدا «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئىستراتېگىيەسى» نامىدا بىر تەتقىقات مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۈر تەتقىقات ھەققىدىكى دوكلات خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىىيەسى، چېگرا رايون تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ما داجېڭ باشچىلىقىدا 1995-يىلى تاماملانغان. بۇ دوكلاتنىڭ تېمىسى «دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئۈستۈن_شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆزىتىش ۋە ئويلىنىش» بولۇپ، دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ «بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى» تەپسىلىي بايان قىلىنغان. كۈلكىلىك يېرى شۇكى، ماقالىدا «سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئاستىدىكى شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشناۋاتقانلىقى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دوستانە، ئىناق ياشاۋاتقان» لىقى كۆپتۈرۈپ بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە «شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن» لىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ ئىككى خىل باياننىڭ ئۆز ئارا زىددىيەتلىك بولۇپ قالغانلىقىنى ما داجېڭ ئۆزىمۇ بايقىمىغان. دېمىسىمۇ، مىللەتلەر دوستانە ۋە ئىناق ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە، بۆلگۈنچىلىك قانداقمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقالىسۇن؟ مەزكۇر دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ 1950-يىلىدىن تارتىپ تاكى 1995-يىلىغىچە بولغان نەچچە ئون يىلدا بىڭتۈەن خىتايلىرىنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ۋە تۈرلۈك زوراۋانلىقلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك، خىتاي ئۆچمەنلىكى» سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. شۇنداقلا خىتايدا بۇ دوكلات ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان. ۋاڭ لېچۈەن ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقىتلاردىن تارتىپ تاكى شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغۇچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇيغۇرلار بىلەن بىڭتۈەن ئارىسىدىكى كۈرەشنىڭ خاراكتېرى خىتاي تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرىشى» گە ئايلاندۇرۇلغان. ھەتتا شى جىنپىڭنىڭ 2008-يىلى ۋاڭ جېن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا ۋاڭ جېنغا بەرگەن باھاسىدىنلا، بىڭتۈەننىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىدە تۇتقان ئورنىغا ئېنىق باھا بېرەلەيمىز. شى جىنپىڭ ئەينى چاغدا ۋاڭ جېنغا «يولداش ۋاڭ جېن ئىلغار بىر كومپارتىيە ئەزاسى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون… دۆلەتنىڭ ئەڭ ئىلغار رەھبىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ 60 نەچچە يىللىق ئىنقىلاب ھاياتىدا خىتاي خەلقىنىڭ ئازادلىقى ۋە يېڭى خىتاينىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. ئۇ شۇ تۆھپىلىرى بىلەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن» دەپ باھا بەرگەن. دېمەك، ۋاڭ جېننى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىڭتۈەننىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ماھىيەتتە ھېچقانداق پەرقى يوق بولۇپ، بۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەتتا شى جىنپىڭ خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشتىن 4 يىل ئاۋۋال يۈز بەرگەن. تېخىمۇ مۇھىمى، ۋاڭ جېن تۇغۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە يۇقىرىقىدەك باھا بېرىشنىڭ ئۆزىلا، بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايەتلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى دەلىللەپ بېرىدۇ.

دەرۋەقە، شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھوقۇقى تېخىمۇ زورىيىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا يۈرگۈزۈلۈشىگە مۇھىم ئاساس سالدى. كوممۇنىست خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە بىڭتۈەننى ۋاسىتە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا مۇستەملىكە سىياسەتلەرنى يۈرگۈزدى. ئۇيغۇرلاردىكى نامراتلىق، مائارىپتا چېكىنىش، ئىشسىزلىق، ئىرقىي ۋە مىللىي كەمسىتىشلەر، ئۈچ خىل كۈچ نامىدا قارىلىنىشلار، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قارشىلىقلىرى بىڭتۈەندىن ئىبارەت بۇ قانۇنسىز ھەربىي قاراۋۇللار ئارقىلىق باستۇردى. 75 يىل ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ۋە كېيىن «ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇشقا ياردەم بەرگۈچىلەر» گە ئايلىنىۋالغان خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى، مانا بۈگۈن ئۇيغۇرلارنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشتىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندى. بۇ 70 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى قارشىلىق ۋە نارازىلىقلىرىنى باستۇرۇشقا، مەسىلەن، تىپىك بولغان 1997-يىلىدىكى غۇلجا ياشلىرىنىڭ، 1990-يىلىدىكى بارىن خەلقىنىڭ، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى باستۇرۇپ قىرغىن قىلىشقا بىڭتۈننىڭ قاتنىشىپ مۇھىم رول ئويناپ كەلگەنلىكى ئۇنىڭ قانداقتۇر ئىشلەپچىقارغۇچى، گۈللەندۈرگۈچى، ياردەم بەرگۈچى ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، مىللىي، دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشىنى ۋەھشىيانە باستۇرىدىغان ناتسىستلارچە كۈچ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

https://www.neac.gov.cn/seac/xwzx/201410/1010512.shtml

http://web.archive.org/web/20201011053305/http:/www.carbontree.com.cn/NewsShow.asp?Bid=4294

http://web.archive.org/web/20030903132719/http:/www.huaxia.com/xjbt/xjjsbt_002.htm

http://web.archive.org/web/20190614054200/http://www.gov.cn/ldhd/2008-04/11/content_942704.htm

 [ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.