ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى خىتايغا بېرىلگەن 10 يىللىق ۋىزا ئىمتىيازىغا خاتىمە بەرمەكچى

مۇخبىرىمىز مەمەتجان جۈمە
2021.02.28
ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى خىتايغا بېرىلگەن 10 يىللىق ۋىزا ئىمتىيازىغا خاتىمە بەرمەكچى «ۋىزا بىخەتەرلىك قانۇنى» قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن (سولدىن ئوڭغا) توم كاتتون، ماركو رۇبىيو، رىك سكوت، مارشا بىلاكبۇرن ۋە تەد كرۇز.
Photo: RFA

ماركو رۇبىيو ۋە توم كاتتون قاتارلىق نوپۇزلۇق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتاي پۇقرالىرىغا بېرىلگەن 10 يىللىق ۋىزا ئىمتىيازىغا خاتىمە بېرىش ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا مىللەتلەرگە سىستېمىلىق زۇلۇم قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن «ۋىزا بىخەتەرلىك قانۇنى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇردى.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى بىرلىكتە تۇنۇشتۇرغۇچىلار ئارىسىدا يەنە رىك سكوت، مارشا بىلاكبۇرن ۋە تەد كرۇز قاتارلىق پالاتا ئەزالىرىمۇ بار.

توم كاتتون بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «2014-يىلدىن باشلاپ، خىتاي كومپارتىيەسى 10 يىللىق سودا ۋە ساياھەت ۋىزىسى ئېلىش ئىمكانىغا ئېرىشتى، بۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا خالىغانچە كىرىپ-چىقىشىغا يول ئاچتى. بۇ ۋىزا تارقىتىشتا، ئامېرىكا خ ك پ (خىتاي كومپارتىيەسى)، ئۇنىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا ھەمكارلاشقانلارنى قارشى ئالدى. 2014-يىلىدىكى بۇ قارار ناتوغرا بولدى، ئەمدى بۇ خاتالىقنى تۈزىتىدىغان پەيت كەلدى.»

قانۇن لايىھەسىدە يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان ئىقتىسادىي ۋە سانائەت جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى توختىتىش، ئۇنىڭ تەيۋەنگە بولغان ئىغۋاگەرچىلىك ۋە مەجبۇرلاش ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، خوڭكوڭغا قاراتقان «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق ماددىلار يەر ئالغان.

بۇ ھەقتە توختالغان رىك سكوت: «بىز كوممۇنىست خىتاينىڭ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ تېخنىكىسى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاشتىن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. كوممۇنىست خىتايغا ئېتىبار ۋىزىسى بېرىشنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوق،» دېدى.

مارشا بىلاكبۇرن، خىتاي كومپارتىيەسى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىككە سىستېمىلىق دەخلى-تەرۈز قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرمىغۇچە، خىتاي پۇقرالىرىغا 10 يىللىق كۆپ قېتىم كىرىپ-چىقىش ۋىزىسى بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى تەد كرۇز خىتاينىڭ ئامېرىكاغا ئەڭ چوڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تەتۈر تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قاراشلىرىنى كونترول قىلىشقا ئۇرىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قانۇن لايىھەسىدە يەنە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا خىزمەت ۋىزىسى بىلەن كىرىشىگىمۇ مۇناسىپ چەكلىمە قويۇش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.