24-فېۋرال كۈنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى باشلىشى بىلەن دۇنيا قايتىدىن ئاشكارا ۋە رەسمىي يوسۇندا ئىككىگە بۆلۈندى. يەنى، ئامېرىكا باشلىق بارلىق غەرب ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى كۈرىشىنى ھەر خىل شەكىلدە رەسمىي رەۋىشتە قوللاشقا ۋە ئۇنىڭغا ياردەم كۆرسىتىشكە كىرىشتى. رۇسىيەگە قارشى قاتمۇ-قات ئېمبارگولار يولغا قويۇلۇپ، ئۇنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېتىم قالدۇرۇلۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى
ۋەھالەنكى، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاقچىسى سۈپىتىدە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى مەيدانغا چىقىپ، ئاشكارا يوسۇندا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇمىنى «تاجاۋۇزچىلىق» دەپ ئاتاشنى رەت قىلدى شۇنىڭدەك رۇسىيەنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش، سودا ۋە باشقا ھەر جەھەتتىكى ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. فېۋرالنىڭ بېشىدىكى پۇتىن-شى ئۇچرىشىشىدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشى مەسىلىسىدە پىكىر ئورتاقلىقى شەكىللىنىپ بولۇنغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
قىسقىسى، خىتاي يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا-ئىقتىسادىي، خەۋپسىزلىك رىقابەتلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىق بىلەن قاتتىق ئەيىبلىشىدىن كېيىن يالغۇز قالغان قىيىن ئەھۋالىدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، ئامېرىكا باشلىق غەربكە قارشى ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلىشىنى ئۆزىنىڭ بۇ قىيىن ھالىدىن قۇتۇلۇش ۋە ئامېرىكا باشلىق غەربكە قارشى يېڭى ئىتتىپاقداشلىقنى كۈچەيتىش پۇرسىتى دەپ تونۇغانىدى. تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ۋەھالەنكى، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىقتىن ھەر ئىككىلىسىنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتى بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا مۇستەھكەم ۋە ئۆزگەرمەس ئىتتىپاقداشلىق يوق، خىتاي پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى غەربكە قارشى رەقىبلىكىدە يېڭىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ ۋە ياكى كۈچىيىپ كېتىشىنىمۇ خالىمايدۇ، بولۇپمۇ غەرب تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشىنى تېخىمۇ خالىمايدۇ.
دېمەك، 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يېرىمىدىكى دۇنيا كۈن تەرتىپىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىتتىپاقداشلىق ۋە رەقىبلىك، ئىتتىپاقداشلار ۋە رەقىبلەر ئارىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ھەم قوراللىق ئۇرۇشلار قىسمەتلىرى 21-ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىدە قايتىدىن تەكرارلىنىشقا باشلىدى. قازاقىستاندىكى سىياسەتشۇناس ۋە تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى، بولۇپمۇ 1949-يىلىدىن كېيىنكى ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىك غەرب سىستېمىسىغا قارشى كوممۇنىستىك سوۋېت-خىتاي ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ يېڭى خىل شەكلى، يەنى بۈگۈنكى رۇسىيە-خىتاي ئىتتىپاقداشلىقى مەيدانغا چىققان بولۇپ، ستالىن رۇسىيەسى ئەنە شۇ ئامېرىكا باشلىق غەربكە قارشى تۇرۇشتا ئۆز كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي كومپارتىيەسىگە بېرىۋەتكەن، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قۇربان قىلىۋەتكەنىدى.
غەربكە قارشى بۈگۈنكى بۇ رۇس-خىتاي ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ سەۋەب-ئامىللىرى قاتارىدا دۇنيانىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تالىشىش باش نۇقتا بولسا، ئۇنىڭغا قوشۇمچە ۋاسىتىلىك ئامىللار قاتارىدا ئۇكرائىنلار ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۇردى. 30 يىللىق مۇستەقىللىققا ئىگە ئۇكرائىنلار رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، مۇستەقىللىقىنى يوقىتىپ، خۇددى تارىختىكى چار رۇسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت ئىمپېرىيەلىرى ئاستىغا چۈشۈپ قالغاندەك، قايتىدىن رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇش، دېموكراتىك غەرب ۋە ياۋروپا بىلەن ئالاقىلىشىش ھۆرلۈكىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. مۇستەقىل ھاكىمىيىتىنى ئەنە شۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ئاستىدىكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تارتتۇرۇپ قويغىنىغا 70 نەچچە يىل بولغان ئۇيغۇر خەلقى بولسا 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن بۇيانقى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، يەنى مىللەت سۈپىتىدە تولۇق يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، مانا بۇ ئىككى قىسمەت ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن بۇ قىسمەتنى يارىتىۋاتقان رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى چەكلەش، توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى بىلەن مەزكۇر ئىككى ئىتتىپاقداشنىڭ نىيىتىنى بۇزۇپ تاشلىغانىدى. بۇلار بىر-بىرىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، رۇسىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي يوقىتىۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمۇپ، ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىك ئەللەرنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشىگە خىتاي تەرىپىدە تۇرۇش يولىدا تۇردى. خىتاي بولسا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىنى ئاشكارا ھالدا بۇ «تاجاۋۇز ئەمەس» دەپ قوللىدى.
شەرقىي ياۋروپادىكى ئۇكرائىنا بىلەن مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخىي قىسمەتلىرىدىن باشقا جۇغراپىيەۋىي سىياسەت قىسمەتلىرىدە كۆپ ئوخشاشلىقلار بار. جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ئۇكرائىنا ياۋروپا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى، غەرب دۇنياسى بىلەن رۇسىيەنىڭ جۇغراپىيەۋى سىياسىي ئۆتۈشمە يولىغا، جۈملىدىن ئېنېرگىيە لىنىيەسىگە جايلاشقان. بۇ جاي تارىختا چاررۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان. خىتاي بىلەن رۇسىيە ھەر ئىككىلىسىنىڭ تارىخىي كۆز قاراشلىرى ئورتاق. رۇسىيە ئۇكرائىنانى، ھەتتا قىرىمنى چار رۇسىيەنىڭ زېمىنى، 20-ئەسىردىكى لېنىن-ستالىن ۋە خرۇشېفلار ئۇكرائىناغا بەرگەن، مانا ئەمدى بىز ئەسلى يەرلىرىمىزنى قايتۇرۇۋالدۇق دەپ قارايدۇ. خىتاي بولسا «شىنجاڭ»، يەنى ئۇيغۇر دىيارى «ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى» دەپ دەۋا قىلىدۇ.
بۈگۈنكى ئۇكرائىنانىڭ غەربىي تەرىپىدە پولشا، سىلوۋاكىيە، رۇمىنىيە، ۋېنگىرىيە ۋە مولداۋا جۇمھۇرىيەتلىرى بار، شىمال ۋە شەرقى، شەرقىي جەنۇبى بېلارۇسىيە ۋە رۇسىيە، جەنۇبى قارا دېڭىز بويلىرىغا تۇتىشىدۇ. ئۇكرائىنا زېمىنلىرى ئۆزىنىڭ 18-ئەسىردىن كېيىنكى تارىخىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى، چار رۇسىيە ئىمپېرىيەلىرى ۋە باشقا كۈچلەرنىڭ تالىشىش نۇقتىسى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدا بولدى. 1917-يىلى مۇستەقىل مىللىي جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىش بىلەن ئۇكرائىنا يەنە سوۋېت رۇسىيەسى، ئىتتىپاقداش ۋە ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ توقۇنۇش نۇقتىسى بولدى. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلار دىيارىمۇ ئوخشاشلا ياۋرو-ئاسىيانىڭ ئۆتۈشمە تۆگىنى بولۇپلا قالماستىن 19-ئەسىردە رۇسىيە، بېرىتانىيە، ئوسمانلى، چىڭ ئىمپېرىيەلىرىنىڭ، 20-ئەسىردە سوۋېت-خىتاي ۋە غەرب سىياسىي توقۇنۇش نۇقتىسى بولغانىدى.
قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، چاررۇسىيە رۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسىتى ئۇنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىلەن باغلىنىشلىق بولدى. مەيلى چار رۇسىيە ياكى ستالىن رۇسىيەسى ۋە ياكى ھازىرقى پۇتىن رۇسىيەسى بولسۇن بۇلارنىڭ ئورتاق بىر سىياسىتى بار، ئۇ بولسىمۇ باشقا كۈچلەرگە قارشى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنى قوزغاش، يەنە كېرەك بولغاندا قۇربان قىلىش، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ غەرب بىلەن ئىتتىپاقداشلىقى شەكىللىنىپ قېلىپ خىتاي بىلەن رەقىبلەشسە ئېھتىمال تارىختىكىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن
نۆۋەتتە رۇسىيە قاتمۇ-قات ئېمبارگو بىلەن قاتتىق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا ۋە بوھرانغا ئۇچرىشى، ئاخىرقى ھېسابتا غەرب بىلەن داۋاملىق رەقىبلىشىشمۇ ياكى ئىتتىپاقداشلىققا مېڭىش كېرەكمۇ دېگەن يولنىڭ بىرىنى كەسكىن تاللاشقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەپسىلاتنى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.