شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپىدىن مۇساپىرلىققىچە: ئىنقىلاب ۋە شەخسلەر(2)
2025.03.13

ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 1944-1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى. ئۇ، ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مەزكۇر ھاكىمىيەت رەھبەرلىرى قاتارىدىكى شەخس ئىدى. ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەر قېتىملىق ھۆكۈمەت كومىتېتى يىغىنلىرىنى ئېچىپ قارارلارنى قوبۇل قىلىش ۋە قارارلارنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس ۋە ئۆزىنىڭ ئىمزاسىنى قويۇپ تارقىتىش قاتارلىق ئىشلارغا بىۋاسىتە قاتناشقان. ئۇ، ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن كۈندىلىك ئىشلاردا بىرگە بولغان، ئۇلارنىڭ ھەر بىر قارىشى ۋە ئىدىيەسىنى ياخشى چۈشەنگەن زات ئىدى.
1914-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرلىرىنى غۇلجىدا مەسئۇد سابىرى ئاچقان مەكتەپلەردە ئوقۇش، بوغالتىرلىق كەسپى ئۆگىنىپ، بۇ ساھەدە تونۇلۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسا، 1944-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئەلىخان تۆرە قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە «ئازادلىق تەشكىلاتى» نى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا تەييارلىق قىلدى. 1944-يىلى 7-نويابىردا باشلانغان غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتناشتى ۋە 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا ھۆكۈمەت باش كاتىپى بولۇپ سايلىنىپ بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىدى.
ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم 1946-يىلى 7-ئايدا بىتىمدىن كېيىن تاكى1949-يىللىرىغىچە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، دۆلەتلىك بانكا ۋە باشقا ساھەلەردە خىزمەت قىلدى. بولۇپمۇ ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن دائىملىق خىزمەت ئۇچرىشىشلىرىدا ۋە شەخسىي دوستلۇق ئالاقىلىرىدە بولدى.
قازاقىستاندا ياشايدىغان تونۇلغان جامائەت ئەربابى، مەدەنىيەت-مائارىپ جانكۆيەرى ئازتېكىن ئىبراھىمى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ 1947-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان ۋە 1963-يىلى دادىسى بىلەن بىرگە قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ شۇ يەردە دادىسى بىلەن بىرگە ئۆتكەنىدى.
ئازتېكىن ئەپەندى دادىسى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ قازاقىستاندىكى ھايات مۇساپىلىرى، جۈملىدىن ئوي-پىكىرلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ شاھىتى ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ئۆمۈر بويى ئۆزلىرى قىلغان ئىنقىلابنى ئەسلىگەندە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالدامچىلىقىدىن ۋە بەرگەن ۋادىلىرىدىن يېنىۋالغانلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنگەن. ئۇ، تاشكەنت ۋە ئالمۇتىلاردا ئەلىخان تۆرە ۋە باشقا ئىنقىلاب رەھبەرلىرى، كوماندىرلىرى بىلەن دائىم كۆرۈشۈپ تۇرغان.
ئازتېكىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ شۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ۋە باھالىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ ئەلىخان تۆرىنى مىللىتى ئۆزبېك بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا، خەلققە سادىق، دىنى ئىمانى كۈچلۈك ۋە بىلىمى زور ھەم پىداكار، ئەخلاقلىق كىشى ئىدى، ئۇنىڭ تارىخ بىلىمىمۇ يۇقىرى بولۇپ، خەلقنى قوزغاش چاقىرىقى كۈچلۈك بولغان. ئۇ سوۋېتلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ خەلقنى ئاكتىپ قوزغىغان، لېكىن كېيىن سوۋېتلار ۋەدىسىدىن يېنىپ ئۇنى تاشكەنتكە ئېلىپ كېتىپ ئورۇنلاشتۇرغان دەپ قارىغان. ھەتتا 1975-يىلى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئەلىخان تۆرە بىلەن تاشكەنتتە كۆرۈشكەندە، ئەلىخان تۆرە يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندا ئىنقىلاب بولسا ئۆزىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانىكەن.
ئازتېكىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دادىسى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇمنىڭ ئەخمەتجان قاسىمىغا بەرگەن باھاسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ ئەخمەتجان قاسىمىنى پىداكار، راستچىل؛ ھەققانىيەتچى، يۇقىرى مەلۇماتلىق، قورقماس، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئازادلىقى يولىدا تەۋرەنمىگەن ۋە شۇ يولدا 35 ياشلىق ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئەخلاق پەزىلەتلىك ئادەم ئىدى دەپ باھا بەرگەن. ئۇ، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىنغا قاتنىشىش يولىدا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىدى دېگەنگە بىر ئۆمۈر ئىشەنمىگەن بولۇپ، «سوۋېت كوممۇنىستلىرى بۇ ئىشنى قىلدى، ئەخمەتجاننى شۇلار ئۆلتۈردى» دەپ ئىشەنگەن.
ئۇ، ئىنقىلابلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى تۈپ سەۋەبلەرنىڭ بىرىنى سوۋېتلارنىڭ سىياسىتى ۋە ئالدامچىلىقى دەپ قارىسا يەنە بىر تەرەپتىن نادانلىق، مائارىپ جەھەتتە ئارقىدا قېلىش، بىلىملىك ئادەملەرنىڭ كۆپ بولماسلىقى، سىياسىي نادانلىق دەپ ھېسابلىغان.
1949-يىلى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۇ ۋە ئۇنىڭ مىڭلىغان سەپداشلىرىنى مۇشەققەتلىك ۋە مۇساپىرلىق ھايات يوللىرىدا مېڭىشقا ئېلىپ كەلدى. ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ 1963-يىلىدىن كېيىنكى 42 يىللىق ھاياتى قازاقىستاندا باغۋەنچىلىك، دېھقانچىلىق ۋە سودا ئىشلىرى بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ، 2005-يىلى 91 يېشىدا ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولغان. ئۇ، ھايات ۋاقتىدا ئالمۇتا ۋە ئىستانبۇلدا ئېچىلغان يىغىنلارغا ۋە ئالمۇتادىكى تۈرلۈك مۇراسىملارغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۆز تەجرىبە ساۋاقلىرىنى كىشىلەرگە سۆزلەپ، ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن.
سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.