مەلۇمكى، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ 1997-يىلى 5-ئاپرېلدىكى پەرمانىغا بېنائەن 31-ماي «سىياسىي تەقىبلەشلەر قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى» دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن بۇيان ھەر يىلى قازاقىستاندا سوۋېت كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ يۈرگۈزگەن تەقىبلەش سىياسىتى نەتىجىسىدە قۇربان بولغانلارنى ئەسلەش ئەنئەنىگە ئايلاندى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ كۈنى مەملىكەتنىڭ كۆپلىگەن شەھەر ۋە يېزىلىرىدا، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلاردىمۇ ھەر خىل پائالىيەتلەر بولۇپ ئۆتتى.
رۇسىيەنىڭ سانكت-پېتېربۇرگ شەھىرىدىن كېلىپ، ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىدە بولۇپ ئۆتكەن خاتىرىلەش مۇراسىملىرىگە قاتناشقان ھەمراجان ئامراق رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قىزىل ئەسكەر قىسىملىرىنىڭ يەتتىسۇدا قانلىق ھەرىكەتلەرنى يۈرگۈزۈپ، مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ قۇربان بولۇشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلاردا بۇ ۋەقەنىڭ «ئاتۇ پاجىئەسى» دەپ ئاتالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: « ئاتۇ پاجىئەسىنىڭ 99 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن لاۋار ۋە قورام مەلىلىرىدە چوڭ ئىككى نەزىر ئۆتكۈزۈلدى. نەزىردە بىر نەچچە ئادەم سۆزگە چىقىپ، ئۆتمۈشتە بولغان ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەردى. قىزىل ئارمىيە 1918-يىلى ماي ئېيىدىن باشلاپ سېنتەبىر ئېيىغىچە بولغان تۆت ئاي ئىچىدە ئالماتادىن غالجات ۋە ياركەنتكىچە بولغان جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى قىردى. بۇ نەزىرلەردە ھەر يەرلەردىن كەلگەن مېھمانلار بولدى. مەن ئۆزۈم مۇشۇنى دەپ رۇسىيەدىن كەلدىم. مېنىڭ بوۋام 1918-يىلى لاۋار مەلىسىدە چېپىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. بىز شۇلارغا ئاتاپ قۇران ئوقۇپ، دۇئا قىلدۇق».
ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەھەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ھاكىمىيىتى بېشىدا ستالىن ئولتۇرغان مەزگىلدە، يەنى 1920-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن 1950-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئومۇميۈزلۈك ئاممىۋى تەقىبلەش ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغان ئىدى. بۇ سوۋېت خەلقىدە «ستالىن تەقىبلەشلىرى» دېگەن نام ئالدى. سىياسىي تەقىبلەشلەر قۇربانلىرى تىزىمىغا ئىنقىلابقا قارشى چىقتى دەپ ئەيىبلەنگەنلەر، مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان كۇلاكلار ۋە ئوتتۇرا ھال دېھقانلار، «ئەنگلىيە جاسۇسى»، «ياپون جاسۇسى» دېگەنگە ئوخشاش سىياسىي قالپاق كىيدۈرۈلگەنلەر، ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلىنىپ، ياقا يۇرتلارغا پالانغان بەزى مىللەتلەر ۋە باشقىلار كىرگۈزۈلدى.
ئا. كامالوف سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشاۋاتقان كۆپلىگەن مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ستالىن تەقىبلەشلىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، سىياسىي تەقىبلەشلەر قۇربانلىرىغا 1918-يىلى سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقتى دېگەن ئەيىب ئارتىلغان يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىمۇ كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. ۋېرنىي، يەنى ھازىرقى ئالماتا شەھىرىدىن تا خىتاي بىلەن بولغان چېگراغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزىلار ئاھالىسى قىزىل ئەسكەر قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغان ئىدى. كېيىنكى يىللىرى، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-ۋە 30-يىللىرى ئەۋج ئالغان كۇلاكلارنى يوقىتىش ۋە كوللېكتىپلەشتۈرۈش سىياسىتى داۋامىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتلىرىنى تاشلاپ، قوشنا مەملىكەتلەرگە كۆچۈپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما ئەڭ قاتتىق ستالىن تەقىبلەشلىرى 1937- ۋە 1938-يىللىرى يۈز بەردى. بۇ مەزگىلدە ئىچكى ئىشلار ئورگانلىرى تەرىپىدىن پۈتكۈل مەملىكەت بويىچە بىر يېرىم مىليوندىن ئوشۇق ئادەم تۇتقۇن قىلىندى، ئۇلاردىن يېرىم مىليوندىن ئوشۇقى ئېتىپ تاشلاندى».
ئا. كامالوفنىڭ تەكىتلىشىچە، سىياسىي تەقىبلەشلەر 1953-يىلغىچە، يەنى ستالىننىڭ ۋاپاتىغىچە داۋام قىلدى. 30-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەۋج ئالغان سىياسىي تەقىبلەشلەردە يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشقا ئاكتىپ قاتناشقان، ئىگىلىك، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدىي، ئىسمايىل تايىروف، ماھمۇت غوجامياروف، نۇر ئىسرايىلوف قاتارلىق مەشھۇر پەرزەندلىرى ئېتىپ تاشلاندى، كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تۈرمىلەردە ئازاب چەكتى.
تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى زۇلفىيە كەرىموۋا بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-ۋە 30-يىللىرى سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يېزا يەرلىرىدە يۈرگۈزگەن ئىسلاھاتلار، كوللېكتىپلەشتۈرۈش سىياسىتى نەتىجىسىدە كۆپلىگەن ئاھالىنىڭ ئاچارچىلىقتىن ۋاپات بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستان مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن بۇيان تارىختا ئۆتكەن، تېخى سىرى ئېچىلمىغان ۋەقەلەر تەتقىق قىلىنىپ، بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئەمگەكلەر ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. شۇلارنىڭ بىرى 30-يىللاردا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق. بۇ يىللىرى قازاقلار، ئۆزبېكلەر، قىرغىزلار، ئۇيغۇرلار ۋە باشقىمۇ مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقتىن مىليونلىغان ئاھالە ۋاپات بولغان. بولۇپمۇ بۇنىڭدىن قازاق خەلقى قاتتىق زەرداب چەكتى. 1932-ۋە 1933-يىللىرى ئاچارچىلىقتىن، ھەر خىل كېسەللەردىن ۋە باشقىمۇ سەۋەبلەردىن ئىككى يېرىم مىليون ئادەم ۋاپات بولدى، مىليوندىن كۆپ ئادەم خىتاي، ئىران ۋە ئافغانىستان تېررىتورىيىسىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان».
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، ئومۇمەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن سىياسىي تەقىبلەشلەر ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئورۇن ئالغان. بولۇپمۇ ياقۇپبەك مەملىكىتى غۇلىتىلغاندىن كېيىن خىتاي بۇ ئەلدە قاتتىق سىستېمىلىق تەقىبلەشلەر ئېلىپ بارغان. ق. غوجامبەردى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك تەقىبلەشلەرنىڭ شېڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىرگە، يەنى 1933- ۋە 1944-يىللارغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئاممىۋى تەقىبلەشلەر باشلانغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەيمۇ شۇنىڭغا يانداشتى. شۇ ۋاقتىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخسۇس ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى ئۇيغۇرىستانغا بېرىپ، تەقىبلەش ئورگانلىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشقا ياردەم بېرىدۇ. شېڭ شىسەي ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنى "ياپون جاسۇسى" دەپ تەقىبلەۋاتقاندا سوۋېت ئىتتىپاقىدىمۇ، مەسىلەن، ئابدۇللا روزىباقىيېفلارغا شۇنداق ئەيىب قويۇپ، ئېتىپ تاشلىدى».
ق. غوجامبەردى بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە 80-90 مىڭ ئادەمنىڭ تەقىبلەشكە ئۇچرىغانلىقى ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ كېيىنرەك ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى كەلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ھەر خىل سىياسىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دەۋرىدە مىڭلىغان ئادەم قۇربان بولغان. مۇنداق سىياسىي تەقىبلەشلەر ئىككى كوممۇنىستىك تۈزۈمدە بىردەك يۈرگۈزۈلدى.