«مېنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىلمىي پائالىيەتلىرىمنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىغا بېغىشلىشىمغا سەۋەب بولغان دەسلەپكى ئىلھام بۇلىقى مېنىڭ ئەسلى 150 يىللار ئىلگىرىكى قەشقەرلىقلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇشۇمدۇر» دەيدۇ ئۆزبېكىستان ۋە خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش تارىخشۇناس بەھرامجان قەينەزەروف ئەپەندى.
قولۇمدىكى «ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر دىياسپوراسى: ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنى» ناملىق ئىنگلىز تىلىدىكى كىتابنى ۋاراقلاپ، مەزكۇر ئىلمىي تەتقىقات ئەسىرىنىڭ مۇئەللىپى، تاشكەنت شەھىرىدىكى ئۆزبېكىستان مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى بەھرامجان قەينەزەروفقا مۇراجىئەت قىلغىنىمدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىلىرى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋاللىرى ھەققىدە كۆپ يىللار قېتىرقىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە يۇقىرىقى سۆزلەرنى بايان قىلدى.
ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 70 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان خىتاي تەرىپىدىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن نام بىلەن، ئەمما خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان دەپمۇ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ زېمىننىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ مۇھىم بىر قىسمى. ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي بىر قىسمى بولغان ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى مۇساپىلىرى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى تېخىمۇ ئۆزگىچە ۋە قىزىقارلىق بولۇپ، بۇنىڭدىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇھىم نۇقتا پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردىكى ناھايىتى زور ساندىكى تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە «قەشقەرلىقلەر» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك ئاھالىلەر، يەنى ئۆزبېكلەرگە سىڭىشىپ، تامامەن دېگۈدەك ئۆزبېكلىشىپ كېتىشى، لېكىن ئۆزلىرى ياشىغان كەڭ جايلاردا ئەسلى قەشقەر، ئاتۇش ۋە باشقا نەچچە ئونلىغان يۇرتلارنىڭ ناملىرىنى ھازىرغىچە ساقلاپ قېلىشىدۇر.
1850-يىللاردا قەشقەرگە كەلگەن سابىق چار رۇسىيە ھەربىي-سىياسىي رازۋېدكىسى ئوفىتسېرى، ئاتاقلىق ئېتنوگراف ۋە ئالىم چۇقان ۋەلىخانوف 1860-يىللاردا ئۆزىنىڭ قەشقەرىيە ھەققىدىكى دوكلات خاراكتېرلىك ئەسىرىدە قوغان خانلىقى تەۋەسىدىكى ئەنجان، شەھرىخان ۋە باشقا جايلاردا 300 مىڭدىن ئارتۇق قەشقەرلىك، دولانلىقلار، يەنى ئۇيغۇرلار ياشايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. لېكىن، 1877-يىلى ياقۇپ بەگ رەھبەرلىكىدىكى يەتتەشەھەر دۆلىتى مانجۇ-خىتاي قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇش بىلەن قەشقەرىيەدىن يەنە زور ساندىكى ئۇيغۇرلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن پەرغانە ۋادىلىرىغا ئاممىۋى رەۋىشتە قېچىپ چىققانىدى. بۇنداق كوللېكتىپ ۋە تارقاق ھالەتتە قەشقەرىيەدىن ئەنجان، مەرغىلان ۋە باشقا جايلارغا كۆچۈش، ئىشلەش ۋە سودا ئىشلىرى بىلەن كېلىش تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە توختاۋسىز داۋاملاشقانىدى. رۇسىيە تارىخشۇناسى پىروفېسسور سېرگېي ئاباشىننىڭ قارىشىچە، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئەسلى پەرغانە ۋادىسى ئاھالىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قەشقەرلىكلەر بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن 1898-يىلىدىكى رۇسىيە ئىستاتىستىكىسىدا بۇ قەشقەرلىقلەرنىڭ سانى ناھايىتى ئاز كۆرسىتىلگەن. 1920-1930-يىللاردىمۇ شۇنچە كۆپ ئۇيغۇرلار يەنە ئازلاش، ئۆزگىرىش دولقۇنىغا دۇچ كەلگەن. دوكتور بەھرامجان قەينەزەروف ئۆز كىتابى «ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر دىياسپوراسى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ مانا شۇ 19-ئەسىرلەردىن باشلانغان ۋە تاكى 1930-يىللارغىچە بولغان كۆچۈش، ئورۇنلىشىش، تارقىلىش شۇنىڭدەك ئۆزبېكلىشىش جەريانلىرىنىمۇ ئەتراپلىق يورۇتقانىدى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆزبېكىستاندىكى سانى ناھايىتى كۆپ بولغان، لېكىن 1924-يىللاردا مىللىي چېگرالارغا ئايرىش ۋە مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇش جەريانىدا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپى ئۆزبېك دەپ تىزىمغا ئېلىنىپ كەتكەن. ھەتتا 1926-يىللاردىكى نوپۇس مەلۇماتىدا يەنە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇر مىللىتى، ئۇيغۇر، تارانچى ۋە قەشقەرلىق دېگەن ناملار بىلەڭ تەڭ تىزىمغا ئېلىنغانىدى.
ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئۆزبېكلىشىش دولقۇنى 1937-1938-يىللاردىكى ستالىننىڭ چوڭ تازىلاش، يەنى ئاتالمىش خەلق دۈشمەنلىرىنى تازىلاش ۋە زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بەھرامجان قەينەزەر ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار ئۆزبېكلەر بىلەن ئوخشاش ھالدا بۇ تازىلاش، باستۇرۇشقا ئۇچرىغان، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا «خىتاي جاسۇسى»، «ياپون جاسۇسى» دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلىپ، كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار جان ساقلاش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان.
تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا 1930-يىللاردا ئۆزبېكىستان ئەندىجان شەھىرىدە ئۇيغۇر تېخنىكومى، دىراما تىياتىرى بولغان، نەچچە ئونلىغان ساپ ئۇيغۇرلاردىن تۈزۈلگەن كولخوزلار بولغان، ھەتتا تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان «شەرق ھەقىقىتى» گېزىتىنىڭ تىراژى 5 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن، نۇرغۇن ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرى تاشكەنتنى مەركەز قىلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، تاشكەنتتىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە باشقا بىلىم يۇرتلىرىدا ئونلىغان ئۇيغۇر دوتسېنت-پىروفېسسور ۋە ئوقۇتقۇچىلار بولغان. ھەتتا تاشكەنتتە 1930-يىللاردا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومان ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغانىدى. لېكىن 1938-يىلىدىن كېيىن بۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئەدىبلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇتقۇن قىلىنىپ، سىبىرىيە ئەمگەك لاگېرلىرىغا ھەيدەلگەن ۋە كۆپىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنىدى. نەتىجىدە، تاشكەنتتىكى گۈللەپ ياشنىغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانىدى.

«ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر دىياسپوراسى: تارىخى ۋە بۈگۈنى» ناملىق 200 بەتلىك مەزكۇر ئىلمىي تەتقىقات كىتابى 15 پاراگرافتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئەسەردە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى كېلىپ چىقىشى، تەرەققىيات جەريانى، سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى، نوپۇس ئۆزگىرىش جەريانى ۋە باشقا كۆپلىگەن مەسىلىلەر ئەتراپلىق ھەم ئومۇميۈزلۈك يورۇتۇلۇشقا تىرىشىلغان، بولۇپمۇ ئاپتور 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىن كېيىندىن تاكى ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، مەتبۇئاتى، سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ھاياتى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر يېڭى ئەۋلادلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە باشقا تۈرلۈك ئاكتۇئال مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ ئانالىز يۈرگۈزگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، بۇ مەزمۇنلارنى يورۇتۇش ئۈچۈن 2008-يىلىدىن ئېتىبارەن ئەنجان، شەھرىخان، تاشكەنت ۋىلايىتى ۋە باشقا ئۇيغۇرلار تارقالغان جايلاردا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، شۇنىڭدەك ئارخىپلارنى كۆرۈپ، چوڭقۇر ئىزدىنىش ئېلىپ بارغانىدى.
بۇ پىروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ