شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ «كۈرەش» ژۇرنىلىدىكى تۈپ ئىدىيە - مىللىي ئازادلىق

1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە داۋاملاشقان شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى دەۋرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مەتبۇئات ئىشلىرىغا، جۈملىدىن مەتبۇئات ئارقىلىق خەلقنى تەربىيەلەش، ئىنقىلابقا چاقىرىش، سەپەرۋەرلىك قىلىش ۋە مىللىي ھەم ۋەتەنپەرۋەرلىك روھنى تۇرغۇزۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن 1944-يىلى، 17-نويابىردىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر، قازاق، رۇس، شىبە، موڭغۇل تىللىرىدا «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنى چىقاردى. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 1949-يىلىغىچە غۇلجا، چۆچەك ۋە ئالتايلاردا ئىلگىرى-ئاخىرى 6 خىل تىلدا 5 خىل ژۇرنال ۋە 11 خىل گېزىت نەشر قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى «كۈرەش» ژۇرنىلىدۇر.

«كۈرەش» 1945-يىلى، 11-ئايدا غۇلجىدا قۇرۇلغان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى بولۇپ، مەزكۇر ژۇرنال ئۇيغۇر تىلىدا تاكى 1948-يىلى، 8-ئايغىچە نەشر قىلىنغان. بۇ، سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، تارىخىي، ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، ھەر ئايدا بىر سان چىقىرىلغان.

«كۈرەش» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانى 1946-يىلى، 1-ئايدا چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى تەھرىر ھەيئىتىدە ئابدۇكېرىم ئابباسوف مەسئۇل مۇھەررىر، ئابدۇللا زاكىروف، زىيا سەمىدى ۋە ئوسمان زىيام تەھرىر ھەيئەت ئەزالىرى ئىدى. 1946-يىلى، 6-ئايدىن كېيىن ئابدۇكېرىم ئابباسوف ئۈرۈمچىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتنىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن تەھرىر ھەيئىتىدە يەنە ئۆزگىرىش بولدى.

«كۈرەش» ژۇرنىلى ئەينى ۋاقىتتا كۆپ تىراژلىق ژۇرنال بولۇپ، بىرىنچى سانىنىڭ تىراژى 900 نۇسخا بولغان بولسا كېيىن 2000 دىن ئېشىپ كەتكەن.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ژۇرنىلى ۋە گېزىتلىرىدىن «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» ۋە 1946-يىلى، 7-ئايدىن كېيىنكى «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى ھەم باشقا مەتبۇئاتلىرى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك قورالى بولۇپ، بۇ مەتبۇئاتلاردا مىللىي مۇستەقىللىق، مىللىي ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك شۇنىڭدەك خەلقچىللىق ئىدىيەلىرى باش نىشان سۈپىتىدە تەرغىب قىلىناتتى. 1947-1949-يىللىرى «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان مۇنىر يېرزىننىڭ قارىشىچە، «كۈرەش»، «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ نىشانى، مەقسىتى ئاساسەن ئورتاق بولۇپ، 1946-يىلى 7-ئايدىن كېيىن مىللىي ئازادلىق ئىدىيەسى بىلەن خەلقچىللىق ئىدىيەسىگە كۆپرەك دىققەت بەردى.

«كۈرەش» ژۇرنىلىنىڭ 1-سانىدا رەئىس جۇمھۇر ئەلىخان تۆرىنىڭ بېغىشلىمىسى، ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتىگە ئائىت دوكلاتى، ئوسمان زىيامنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى تارىخى ھەققىدىكى ماقالىسىگە ئورۇن بېرىلگەن.

بۇ ژۇرنالنىڭ 1946-يىللىق 2-3-ئايلىق سانىدا 1949-يىلى، 8-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرگە قازا قىلغان ژۇرنالىست ئابدۇرېشىت ئىمىنوفنىڭ «يېڭىدىن ئازادلىققا چىققان كورېيە خەلقى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، كورېيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئۈلگە بولغانلىقى قەيت قىلىنغان. ژۇرنالدا يەنە

ئاتاقلىق زىيالىي ئوسمان زىيامنىڭ «8-مارت خەلقئارا خوتۇن قىزلار بايرىمىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان خوتۇن-قىزلىرىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى»،

شىبە زىيالىيسى جاۋ دېلىننىڭ «ياشلار ۋە سىياسەت» ناملىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر شىبە زىيالىيسى ماقالىسىدە ياشلارنى ئەلىخان تۆرە رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

«كۈرەش» ژۇرنىلىنىڭ 1946-يىللىق 4-5-ئايلىق سانىدا يەنە ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇھەممەد ئىمىننىڭ «بىز ئىنقىلاب قىلىشقا ھەقلىق ئىدۇق»، «بۈگۈنكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە بىزنىڭ ۋەزىپىلىرىمىز» ناملىق ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. يۇقىرىقى ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى سىياسىي ماقالىلەردۇر.

«كۈرەش» ژۇرنىلىنىڭ 1946-يىلى، 6-7-ئايلىق سانىدا 11 ماددىلىق بىتىم ۋە «بىز ئىنقىلاب قىلىپ ھوقۇق ئالدۇق» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ 1944-يىلى باشلىغان ئىنقىلابىنىڭ خاراكتېرى ۋە نىشانى ھەققىدە توختىلىنىپ: «بىزنىڭ ئىنقىلابىمىز بەزى جانابلارنىڭ بەرگەن تەبىرى بويىچە ‹ئىلى ۋەقەسى› ئەمەس، ياكى ‹جاڭجال›ئەمەس، ۋە ياكى ‹ئىختىلال› ئەمەس. تېخىمۇ يۇمشاقراق قىلىپ ئېيتقىنىچە، بىر ئائىلە ئوتتۇرىسىدىكى ‹ماجىرا› ھەم ئەمەس. بۇ بىر تاسادىپىي ۋەقە بولماستىن، تارىخىي جەرياننى بېشىدىن كەچۈرگەن ۋە پىشىپ يېتىشكەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچ ۋىلايەتتە كۆتۈرۈلگەن ئىنقىلاب دولقۇنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىنقىلاب ئىكەنلىكىنى مەيداندا ئاجايىپ نامايىش قىلىپ ئۆتتى. بىر بايراق ئاستىدا توپلانغان مىليونلىغان خەلق ئۆزىنىڭ ئىنتىزاملىق ئەسكەرلىرىنى قۇرۇپ، زاماننىڭ ھەربىي قائىدىسى بويىچە جەڭ ئېلىپ بېرىپ غالىبىيەتنى ئالدى. ئۆز دۆلىتىنى ئۆزى ئىدارە قىلىپ كېتەلىدى. بىز شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ كەسكىن ئېيتالايمىزكى، بۇ، ئۇزۇن ئۆتمۈشتىن بېرى خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىدە يېنىپ كېلىۋاتقان ئىنقىلابى ئۇچقۇنلارنىڭ دولقۇنى. بۇنىڭغا ئۇرۇق-تۇغقانلار ئوتتۇرىدىكى ماجىرا ياكى ئۆچ ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى‹جاڭجال›، ‹بىرەر ۋەقە›، ‹ئىختىلال› دېگەنگە ئوخشاش چۈچۈمەل سۆزلەر بىلەن باھا بېرىش خاتا» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مۇنىر يېرزىننىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا «كۈرەش»، «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» قاتارلىق ژۇرنال ۋە گېزىتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق زىيالىيلىرى ۋە يازغۇچىلىرى ئىشلىگەن، بەزى ئاپتورلار ئۆزلىرى ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغاندىن تاشقى مەزكۇر مەتبۇئاتلاردا ئەخمەتجان قاسىمى ۋە باشقا ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ ماقالىلىرى ۋە سۆز نۇتۇقلىرىمۇ ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى.

«كۈرەش»، ژۇرنىلىدىكى بۇ ماقالىلەردە باشتىن ئاخىرى خەلقنىڭ ئىنقىلابى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى»، «مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ھېچقانداق يەردە «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دېيىلمىگەن. باشتىن ئاخىرى «شەرقىي تۈركىستان»، «ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان»، «شەرقىي تۈركىستان خەلقى»، «خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى»، «خىتاي مۇستەبىتلىرى» دېگەندەك ئاتالغۇلار قوللىنىلغان.