ئامېرىكانىڭ فلورىدا شتاتى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يەر-مۈلۈككە ئىگە بولۇشىنى چەكلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.05.08

 ئامېرىكا فلورىدا شتاتىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرى ئۆتكەن ھەپتە قانۇن ماقۇللاپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەزكۇر شتاتتا يەر-مۈلۈككە ئىگە بولۇشىنى چەكلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن خىتايدىن باشقا ئامېرىكانىڭ رۇسىيە، كۇبا، ئىران، شىمالىي كورېيە، سۈرىيە قاتارلىق «رەقىبلىرى» نىڭمۇ مەزكۇر شتاتتا يەر-مۈلۈككە ئىگە بولۇشىنى چەكلەيدىكەن.

فلورىدا شتاتى ئامېرىكادا خىتاينىڭ يەر-مۈلۈككە ئىگە بولۇشىنى چەكلىگەن بىردىنبىر شتات ئەمەس. بۇنىڭ ئالدىدا مونتانا شتاتىنىڭ شتات باشلىقى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ ئەتراپىدىن يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلىگەن. ئامېرىكانىڭ شىمالىي كارولىنا شتاتىنىڭ كېڭەش پالاتاسى بۇ يىل 3-ئايدا چەت ئەل پۇقرالىرىنىڭ مەزكۇر شتاتتا يەر-مۈلۈككە ئىگە بولۇشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان ئىدى.

ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ۋىرجىنىيە شتاتىمۇ قانۇن ماقۇللاپ، خىتاي، ئىران، كۇبا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئاپاراتلىرىنىڭ مەزكۇر شتاتتا دېھقانچىلىق مەيدانى سېتىۋېلىشىنى مەنئى قىلغان ئىدى. «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يەر-مۈلۈككە ئىگە بولۇشىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقان شتاتلار تېخىمۇ كۆپەيمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەشكىنلىشىشى، بولۇپمۇ يېقىندا خىتاي بىر جاسۇسلۇق ھاۋاشارىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، ئامېرىكانىڭ ئاتلانتىك دېڭىز قىرغىقىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئامېرىكادىن يەر سېتىۋېلىپ، جاسۇسلۇق ياكى بۇزغۇنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولغان ئەندىشە تېخىمۇ كۈچەيگەن. نۆۋەتتە، ئامېرىكانىڭ 11 شتاتىنىڭ قانۇن چىقىرىش ياكى قانۇنىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكادا يەر-مۈلككە ئىگە بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. لېكىن «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە، فلورىدا شتاتىنىڭ باشلىقى رون دىسانتوسنىڭ ئىمزالىشىغا سۇنۇلغان ۋە بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ قانۇن، فلورىدا شتاتىدا تۇرۇشلۇق خىتايلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇلار 6-ماي كۈنى شتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.