رېئاللىقتا يۈز بەرگەن ۋەقە ھادىسىلەرنىڭ نەتىجىسىنى، كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئىككى خىل ئېھتىماللىق بىلەن قىياس قىلىشقا، پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، كورىيە دېڭىزى، جەنۇبى دېڭىز، سېرىق دېڭىز، ياپون دېڭىزىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ نەتىجىسىنى ۋە كەلگۈسىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ، تۆۋەندە تونۇشتۇرىدىغان ماقالە ئەنە شۇنداق قىياس بىلەن يېزىلغان.
"...چاۋشيەن قان ھىدىنى پۇراپ قالدى...! بوشاپ كەتتى، ئامېرىكا ۋە كورىيىنى ئىزدەپ ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزمەكچى بولدى. بىراق، ئامېرىكىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى" دەپ باشلاندى ماقالىدە.
ۋاشىنگتون "ناملىق، "كارۋىنسىن "ناملىق، "رېگان" ناملىق ئۇچ يۈرۈشلۈك ئاۋىئاماتكا شەرقىي شىمالى ئاسىيا دېڭىز يۈزىگە يىتىپ كەلدى.
كېلەر يىلى يالۇجياڭ دەرياسىغا باھار يىتىپ كەلگەندە، ئىشتىن ئاۋۋال جۇڭگوغا ئۇقتۇرۇپ قويۇپ، ياۋۇز دۆلەت چاۋشەنگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن كېيىن چاۋشەننى بىر ئاي بومباردىمان قىلىشى مۇمكىن. چاۋشيەن پاراللىچ بولۇپ، چاۋشەننى يۇگوسلاۋىيىگە ئوخشاش تەسلىم قىلىپ. كىم جۇڭ يۇڭنى، مىلوشىۋىچنى تەختىن چۈشۈرگەندەك، تەختىن چۈشۈرىدۇ " دېيىلدى ماقالىدە.
"بۇ ئارىلىقتا ئامېرىكىنىڭ بىر ئەسكىرىمۇ چاۋشەنگە كىرمەيدۇ، 60 يىل بۇرۇنقىدەك جۇڭگوغا، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشەنگە ياردەم قىلىدىغان پۇرسەتمۇ يارىتىپ بەرمەيدۇ. مۇبادا جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيىدە قۇرۇلغان ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغان بولسا، ئامېرىكا دەرھال جۇڭگونى پۈتۈن ئەتراپتىن قورشاۋغا ئالىدۇ. ئامېرىكا تۆت تەرەپتىن، جۈملىدىن ئافغانىستان، جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە، تەيۋەن تەرەپلەردىن جۇڭگوغا ئەسكەر چىقىرىشى مۇمكىن. تاشقى موڭغۇلىيە بولسا، ئىچكى موڭغۇلىيىنى ئىشغال قىلىدۇ. رۇسىيە فېدېراتسىيىسى شىنجاڭ ۋە شەرقى-شىمالغا ئەسكەر چىقىرىدۇ" دەپ كۆرسىتىلدى ماقالىدە.
"بۇ ۋاقىتقا يەتكەندە جۇڭگو، يەتتە بۆلەككە، ھەتتا توققۇز بۆلەككە پارچىلىنىپ، جاھانگىر دۆلەتلەرگە مۇنقەرز بولغان قۇل دۆلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ" دەپ كۆرسىتىلدى ماقالىدە.
1- ئامېرىكا ياپونىيىنى جۇڭگونىڭ دېڭىز بويلىرىدا سىناق قىلىپ بېقىشقا كۆندۈردى. 2- "ۋاشىنگتون" ناملىق ئاۋىئاماتكا سېرىق دېڭىزغا كىردى. جۇڭگو مۇئاۋىن ۋەزىر دەي بىڭگونى جەنۇبىي كورىيىگە ئەۋەتتى... 3 -ئامېرىكا، ياپونىيە ئىككى دۆلەت تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. جۇڭگو غىدىڭ- پىدىڭ قىلالمىدى. 4- ياپونىيە پارلامېنتنىڭ ئىككى نەپەر ئەزاسى سەنكاكو ئارىلىغا چىقتى، جۇڭگو نېمە قىلالىدى؟ جۇڭگو ئۇرۇشتىن قورقىدىكەن، ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسى بىلەن ئۇرۇش قېلىشتىن قورقىدىكەن دېگەن خۇلاسە چىقىرىلدى.
"ھەرىكەت يولغا قويۇلدى. ئامېرىكىنىڭ ئۈچ يۈرۈشلۈك ئاۋىئاماتكىسى شەرقىي شىمالى ئاسىيا دېڭىز يۈزىگە كىرىپ كەلدى. يالۇجياڭ دەرياسىغا باھار يىتىپ كەلگەندە ھۇجۇم قىلىپ چاۋشيەن مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىشى مۇمكىن "دەپ كۆرسىتىلدى ماقالىدە.
"ئەگەر جۇڭگو 60يىل بۇرۇنقىدەك، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشەنگە ياردەم بېرىدىغان بولسا، ئامېرىكا قانداق سىياسەت بەلگىلەيدۇ؟
جۇڭگونىڭ مەسىلىسىنىمۇ چاۋشيەن بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىدۇ. چۈنكى، جۇڭگونى خۇددى سابىق سوۋېتلەرنى پارچىلىغاندەك يەتتە بۆلەك ياكى توققۇز بۆلەككە پارچىلايدىغان شەرت -شارائىت ئاللىقاچان پىشىپ يېتىلدى. ئورۇنلاشتۇرۇش تەييارلىقىمۇ ئاللىقاچان پۈتۈپ بولدى" دېيىلدى > ماقالىدە.
ئامېرىكا يەتمەكچى بولغان نىشان:
(1) نېگىزلىك نىشان- ئىراقنى ئۇرۇش بىلەن ئالغاندەك، چاۋشەننى ئۇرۇش بىلەن ئېلىش.
(2) مۇمكىن بولغان نىشان-چاۋشەننى ئېلىش. ئوخشاشلا بىر ۋاقىتتا جۇڭگونى پارچىلاش.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئامېرىكا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېچىۋېتىش، دېموكراتىيە دېگەنلەردىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى جان تومۇرىنى تىزگىنلىمەكچى بولدى. سابىق سوۋېتلەرگە قوللانغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ، 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، جۇڭگونى قۇرۇقداپ قويۇپ، ئارقىدىن بىر كۈچەپلا جۇڭگودا ئۆي-ئىمارەت تىجارىتىنى كۆپۈكلەشتۈرۈپ، جۇڭگودا مال باھاسىنى ئۆرلىتىپ، 2011-يىلى جۇڭگونى پۈتۈنلەي داۋالغۇش ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، 2012-يىلى جۇڭگونى پارچىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش" دەپ كۆرسىتىلدى ماقالىدە.
"تەسەۋۋۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلغىلى بولمايدىغان ئاقىۋەت...
...جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىغا باغلىۋېتىلدى... خىتاي جاسۇسلىرى، چەتئەلگە قاچقۇچى ئەمەلدارلار، يالىڭاچ" ئەخلاق"لىق يۇ قىرى قاتلامدىكى ئەمەلدارلار نىڭ تۈركۈملەپ ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كېتىشى... ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن جۇڭگونى پاچىقىغا باغلىۋېلىشى... جۇڭگوغا بىر تېرليۇن دوللارغا يېقىن زايوم سېتىشى...ئاۋىئاماتكىنىڭ سېرىق دېڭىزغا كىرىشى...بۇنداق ئەھۋالدا جۇڭگو، دەي بىڭگونى يېرىم كېچىدە ئويغىتىپ جەنۇبىي كورىيىگە ئەۋەتمىسە بولامدۇ؟
شۇنداق ئەھۋالدا، ئامېرىكا ئۈچ يۈرۈشلۈك ئاۋىئاماتكىنى ھەيدەپ چاڭجياڭ دەرياسىغا كىرىپ كەلسىمۇ، جۇڭگو بىر پاي ئوق ئاتالمايدۇ...
قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىرادىسى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. ئامېرىكا ئوخشاشلا ۋاقىتتا قولىنى بوشىتىپ جۇڭگونى پارچىلايدۇ. جۇڭگو ھازىر تاتلىق ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتىدۇ، كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسلىككە سېلىۋاتىدۇ، ياۋروپا، ئامېرىكا جاھانگىرلىكى ئاللىقاچان جۇڭگونىڭ گۆرىنى كولاپ بولدى. ئويغىنايلى جۇڭگولۇق "دېيىلدى ماقالىدە.
پېقىر ئوبزورچى نېمە دەيدۇ، خۇدا ساڭا دېگۈزگەندەك بولار. بىر ۋاراق قەغەز، بىر تال قەلەم بىلەن ئۇيغۇرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەردىنى دۇنياغا سۆزلەپ كەلدۇق. ئەمدى ئىش سېنىڭ دېگىنىڭدەك بولار دەيدۇ، پېقىر ئوبزورچى. مەدەت بەر ئاللاھ،دۇنيانىڭ قۇدرەتلىك كۈچى ئامېرىكىغا، مەدەت بەر ئاللاھ!!! كونا يىلنى ئۇزاتتۇق، يېڭى يىل كىرىپ كەلدى، 61 يىل ئۆتۈپ كەتتى، زۇلۇم -سىتەمدىن باشقا، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىدىن باشقا، ئۇيغۇر خەلقى، شۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق خوۋلۇق كۆرمىدى. ئامېرىكىغا مەدەت بەر ئاللاھ!!!