جاڭ جيادۈن: «جۇڭگو ياۋروپاغا ئەگىشىپ ھالاك بولۇشى مۇمكىن»

كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئەزۋەيلەپ كېتىشى، ئەگىشىپلا مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋەتتى.

0:00 / 0:00

ياۋروپانىڭ قەرز ۋە مالىيە كرىزىسىغا پېتىپ قېلىشى، خىتايغا مال زاكاز قىلىشنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى گۇاڭدۇڭ، ئۈچ دەريا دىلتىسى قاتارلىق جايلاردا ئىشچىلار ئىش تاشلاپ مائاش تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

جۇڭگونىڭ ئېكسپورتقا تايىنىپ قالغان ئىقتىسادى نېمىنى ئېكسپورت قىلىش، قايسى بازارغا، قايسى دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پىشاڭى دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئۆي-ئىمارەت تىجارىتىدە باھا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن، ئۆي باھاسى ئۆرلىگەندە ئالدىراپ ئۆي سېتىۋالىدىغان، ئۆي باھاسى تۆۋەنلىگەندە ھېچكىم ئۆي سېتىۋالمايدىغان زىددىيەتلىك ھالەت ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆي-ئىمارەت سودىگەرلىرى بىلەن بانكىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېلىم-بېرىم زىددىيىتى پەيدا قىلغاندا، بۇ شەكىل بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، ھۆكۈمەت بىلەن ئۆي-ئىمارەت سودىسىغا قاتناشقۇچى پۇقرالارنىڭ زىددىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ قويدى.

ئۆي-ئىمارەت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى سىلەر خۇسۇسى سودىگەرلەر ياكى خۇسۇسى كاپىتالىستلار دەپ قارامسىلەر، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. بۇ كىشىلەر مەركىزى بانكىغا باغلىنىپ قالغان ياكى بانكا تەرىپىدىن ئالدىغا چىقىرىلغان، ھۆكۈمەتكە ۋەكىل بولۇپ تىجارەت قىلىدىغان كىشىلەردۇر. مەسىلەن، بېيجىڭدا يېڭى سېلىنغان ئۆينىڭ بىر كۋادرات مېتىرى 30مىڭ يۈەندىن سېتىلاتتى. ھازىر 12مىڭ يۈەنگە چۈشۈپ قالدى. قالغان 18مىڭ يۈەن پايدىغا تۇرامدۇ ياكى زىيانغا تۇرامدۇ؟ زىيانغا تۇرسىمۇ، پايدىغا تۇرسىمۇ خۇسۇسىلار بىر كۋادرات مېتىر يەرگە باغلىق بۇنداق پايدىنىمۇ، بۇنداق زىياننىمۇ كۆتۈرەلمەيدۇ، پايدا ئالسا باجغا كېتىدۇ، زىيان تارتسا بانكىنىڭ پۇلىنى قايتۇرالمايدۇ. ئەمما، بانكا بۇنداق پايدا، بۇنداق زىيانغىمۇ چىدىيالايدۇ.

شۇڭا ئۆي-ئىمارەت تىجارىتىدە باھانى ئۆستۈرۈش ياكى باھانى چۈشۈرۈش، بازارغا مۇناسىۋەتسىز ھۆكۈمەت ئويناۋاتقان ئويۇن بولۇپ، بۇ ئويۇندا پەقەت جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى يىمىرىلگەندە، ئاندىن جۇڭگودا ئىقتىساد يىمىرىلدى دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولىدۇ. مېنىڭچە، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاخىرقى چەككە كېلىپ قالدى. چۈنكى، جۇڭگو پۇقرالىرى مال باھاسى بىلەن پۇل پاخاللىقىنىڭ، ئۆي-ئىمارەت تىجارىتىدە بىنورمال باھا چۈشۈش بىلەن بىنورمال باھا ئۆرلەشنىڭ ئوتتۇرىسىدا مىجىلىشقا باشلىدى.

شۇڭا «جۇڭگو پات ئارىدا گۇمران بولىدۇ» ماۋزۇلۇق كىتابنىڭ ئاپتورى، ۋەزىيەتنى تولۇق كۆزىتىپ كېلىۋاتقان جاڭ جيادۈن، ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ : جۇڭگو ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئىستىمالچىلىرىلا ئېشىپ قالدى... شۇڭا جۇڭگو نۆۋەتتە ئىنتايىن ئېغىر مەسىلىگە دۇچ كەلدى... بىز نۇرغۇن ئامىللار ياۋروپانى ھالاك قىلىشى مۇمكىن، ياۋروپانىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئوسال دەۋاتىمىز، بەلكى جۇڭگو ياۋروپاغا ئەگىشىپ ھالاك بولۇشى مۇمكىن، باشقىچە ئېيتقاندا، جۇڭگو گۇمران بولغان ھامان بەلكى ياۋروپا گۇمران بولۇشى مۇمكىن، بىر يىلدىن كېيىن ھازىرقى جۇڭگوغا ئوخشىمايدىغان بىر جۇڭگونى كۆرەلەيمىز. ئۇ ۋاقىتقا يەتكەندە بىز جۇڭگو توغرىلىق سۆھبەتلەشكەندە، بەلكى بىز ھازىرقىدەك سۆزلەشمەسلىكىمىز مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.