خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسى-قاھىرەدىكى يەنە بىر يالغانچىلىق تەشۋىقاتى

0:00 / 0:00

«شىنخۇا تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 18-فېۋرال خىتاي دائىرىلىرى مىسىر پايتەختى قاھىرەدە «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى» ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر يىغىندا خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ، «شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئىزچىل ئۆسۈۋاتقانلىقى» نى جار سالغان. خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات يىغىنىغا مىسىر-خىتاي دوستلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مىسىرنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ئەلى ئەل ھەفنىي، مىسىر كوممۇنىست پارتىيەسى سېكرېتارى ئادىل ۋە مىسىر گۇرۇپپىلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فاراج قاتارلىقلار قاتناشقان ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر شاھىتلار» بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغان بولساق، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باياشات تۇرمۇشقا ئەزەلدىن ئېرىشتۈرۈپ باقمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى كۆرىمىز.

قاھىرەدىكى بۇ يىغىننىڭ تەشۋىقات مەزمۇنىنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن. بىرىنچىسى، خەلقنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائەتتە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش؛ ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ، ئىقتىسادنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىش؛ ئۈچىنچىسى، يەرلىك خەلقنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلارنىڭ راست ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگۈزۈش ئۈچۈن، ئۇلارغا «بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەتكۈزۈش ۋە نەق مەيداندىكىلەر بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرغۇزۇش» تىن ئىبارەت تەشۋىقات ئۇسۇلىنى قوللىنىش قاتارلىقلار.

ئەمەلىيەتتە، قاھىرەدە ئېچىلغان بۇ يىغىننىڭ ئەسلى ماھىيىتى، خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىچى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «شىنجاڭ ياخشى جاي»، «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدىكى بايانات يىغىنى» دەك ئۇيغۇرلارنى قارىلاش ۋە خىتاينى ئاقلاشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي پائالىيەتلىرىدىن پەرقسىز بولغان بىر يىغىندۇر. شۇنداق بولغانلىقى سەۋەب، يىغىندا خىتاي ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ «شىنجاڭلىقلارنى باي قىلغانلىقى»، بۇنداق باي بولۇشنىڭ سەۋەبىنىڭ دەل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان. ھەتتا دېگەنلىرىنىڭ توغرا ۋە شەكسىز بولغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئاتالمىش «ئۇيغۇر شاھىتلار» نى قاھىرەگە ئاپىرىپ، يەرلىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ۋە پىكىرلەشتۈرۈش، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.

دەرۋەقە، خىتاي قاھىرەگە تەشۋىقات ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر شاھىتلار» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن پىروفېسسورى تۇرسۇن ئەبەي ۋە شىنجاڭلىق دىنىي ئەرباب ئۆمەر ئوسمان ئىسىملىك كىشىلەر بولۇپ، تۇرسۇن ئەبەي نەق مەيداندىكىلەرگە «مەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق ساھەلىرى ئېرىشكەن نەتىجىلەرگە شاھىت بولدۇم، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى، مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى» دېگەن سۆزلەرنى قىلغان. لېكىن ئۇيغۇر ئېلى ۋە بۇ ئەلنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى يەنى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېر-تۈرمىلەرگە تاشلىنىشى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىنىڭ چەكلىنىشى ھەم باشقا ئەھۋاللار ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن.

خىتاي گەرچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا «مۇھىم تەدبىرلەر ئېلىنغان» لىقىنى داۋراڭ سالسىمۇ، لېكىن رېئاللىقتا ئۇيغۇرلار يەنىلا خىزمەت تېپىشتا تۈرلۈك كەمسىتىش ۋە چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىق. چۈنكى خىتاي 1982-يىلىلا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزگەنىدى. خىتاي تىلىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلۈشى ئانا تىلى خىتاي تىلى بولمىغان خەلقلەرنىڭ ئۆز تىلىنى قوللىنىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ساقلاپ قېلىشىنىڭ مۇئەييەن چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. 1994-يىلى «خىتاي تىلى سەۋىيەسى ئىمتىھانى» نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئانا تىلى خىتاي تىلى بولمىغان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ «خىتاي تىلى لاياقەتسىز بولغىنى ئۈچۈن» جەمئىيەتتىن سىقىپ چىقىرىلىشىغا باھانە بولدى. دېمەك، بۇنداق بىر ئىمتىھاننىڭ تەسىس قىلىنىشى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر تىلى مائارىپىدا تەربىيەلىنىپ چىققان نەچچە ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتتە كەمسىتىلىشى سەۋەبلىك خىزمەت تېپىشىنى تەسلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا مەمۇرىيلىق خىزمەتلىرىگە ئورۇنلىشىش، ئوقۇتقۇچى ياكى دوختۇر بولۇش قاتارلىق مۇھىم ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە خىتاي تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى مۇھىم ئۆتكەل قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار چەتكە قېقىلدى. 2000-يىلى ئۆكتەبىردە خىتاينىڭ ئاتالمىش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى قانۇنى» نى ئېلان قىلدى. بۇنداق بىر قانۇننىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۆز ئانا تىلىنىڭ ئورنىنى خىتاي تىلىنىڭ ئالىدىغانلىقىنىڭ رەسمىي يوسۇندا قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېمەك، ئۇيغۇرلار ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدىغان رايون دېمەكلىك بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تىلى ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەكسىچە بولغاندا يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز ئانا تىلى بولمىغان خىتاي تىلىدا ئۆز تۇپراقلىرىنى ئاپتونومىيە ھەق-ھوقۇقلىرى بىلەن ئىدارە قىلالىشىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمايتتى. دېمەك بۇ يەردە خىتاينىڭ قەستەن ئۆز تىلىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈشى ۋە ئۇنى باشقا ئاپتونوم ھەق-ھوقۇقلىرى بولغان مىللەتلەرگە زورلاپ تېڭىشى ئالدى بىلەن خىتاينىڭ «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» غا پۈتۈنلەي خىلاپ. مەزكۇر قانۇننىڭ 3-باب، 21-ماددىسىدا، «ئاپتونوم رايوندىكى ئورگانلار ئۆز ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە مىللەتنىڭ يەرلىكتىكى ئاپتونومىيە ھوقۇق بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، يەرلىكتە ئورتاق ئىشلىتىدىغان بىر تىل ياكى بىر قانچە تىلنى قوللىنىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە مىللەتنىڭ تىلىنى ئاساس قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي تىلى بىلمەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ، قانچىلىك قابىلىيەتلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەرقانداق خىزمەت ئورنىغا كىرىشى مۇمكىن ئەمەس. تېخىمۇ مۇھىمى، « خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقى باراۋەر ھەق-ھوقۇقلارغا ئىگە» ئىكەنلىكىمۇ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي تىلىنىڭ دۆلەت تىلى قىلىپ ئۆزگەرتىلىشىنىڭ ئۆزىلا خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىنكار قىلىش ئەمەسمۇ؟

دەرۋەقە، خىتاي تىلى ئۆگىنىشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشى، تەبىئىي ھالدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساس قىلىنمايدىغانلىقىنى ھەقلىقلەشتۈرگەن بىر قىلمىشتۇر. بۇنىڭدىن باشقا، گەرچە خىتاي «ھەر مىللەت خەلقى تەرەققىياتنىڭ مېۋىسىدىن باراۋەر بەھىرلىنىدۇ» شوئارىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىساد پەقەت بىڭتۈەننى مەركەز قىلغان خىتايلارنىڭ قولىغىلا مەركەزلەشكەن. يەنى خىتاي ھەر يىلى ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان يىللىق، پەسىللىك ۋە يېرىم يىللىق ئىقتىسادقا ئائىت ئىستاتىستىكىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ بىڭتۈەننىڭكىدىن غايەت زور دەرىجىدە تۆۋەن تۇرىدىغانلىقى خىتاي ئىنكار قىلالمايدىغان بىر رېئاللىقتۇر.

خىتاي ھەر دائىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەققىدە تەشۋىقات قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ ساھەلەردە خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇشلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكلىرىنى سۇسلاشتۇرۇپلا قالماي، ئۇلارنى ئەنئەنىۋى ئىقتىسادتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىدىن مەھرۇم قويغان. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن رىقابەتلەردە كۈچسىز ۋە پۇرسەتسىز قالدۇرۇلۇپ، تەرەققىي قىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەمما خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى سەپسەتەلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى خىتاينىڭ سىياسىتىدىن نەپ ئېلىۋاتقان بىڭتۈەن باشچىلىقىدىكى «شىنجاڭ خەلقى» ئاتالغۇسى ئاستىغا يوشۇرۇپ قويۇلغان.

خۇلاسىلىگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىشىشى، دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقلار، خىتاينىڭ قاھىرەدىكى تەشۋىقاتى ۋە تۇرسۇن ئەبەينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى «شاھىتلىق» سۆزىنىڭ پۈتۈنلەي يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. گەرچە خىتاي بىر قىسىم ئويدۇرما سان-سېپىرلار ياكى «گۇۋاھلىقلار» بىلەن ھەقىقەتنى بۇرمىلاشقا تىرىشسىمۇ، ئۇيغۇرلاردا كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان نامراتلىق ۋە ھاياتلىق كىرىزىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ تۇرۇپتۇ. دېمەك، بىر دۆلەت ياكى ھاكىمىيەت ئۆز قانۇنى ياكى خەلقئارا قانۇنلارنى دەپسەندە قىلىش، شۇنداقلا يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تارتىۋېلىش بىلەن قۇدرەت تاپالمايدۇ. باشقىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىگە تېخىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئاساسىي ھەقلىرى ھۆرمەت قىلىنىدىغان زېمىندىلا، مىللەتلەر ئارىسىدىكى باراۋەرلىكتىن ۋە تەرەققىياتتىن سۆز ئېچىش ئاندىن مۇمكىن بولىدۇ.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]