يېقىندا «تەڭرىتاغ تورى» دا ئېلان قىلىنغان «ياشلىق باھارىمىزنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا جۇلالاندۇرىمىز» سەرلەۋھەلىك مەخسۇس خەۋەردە، خىتاينىڭ «غەربىي رايونغا ياردەم پىلانى» بويىچە، 2017-يىلدىن بۇيان خوتەننىڭ تەۋەككۈل يېزىسىغا ئوقۇتقۇچىلىق ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن «پىدائىيلار كۈچ ئۇلاپ مائارىپقا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەترىتى ئەزالىرى» نىڭ 26-نۆۋەتلىك «خىتاي ياشلار 4-ماي مېدالى» غا ئېرىشكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن كەنتتە تۇرۇپ مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن باقىدۆڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ليۇ گەيشيانىڭ: «2017-يىلىدىن بۇرۇن، مەكتەپنىڭ ئەسلىھەلىرى كونا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئارقىدا قالغان ئىكەن. باقىدۆڭ كەنتى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 5 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ‹ئورتاق تىل› (پۇتۇڭخۇا) دا 100 پىرسەنت پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى، مەكتەپكە دەل ۋاقتىدا كېلىش نىسبىتى 98 پىرسەنتكە يەتتى، ئومۇمىي ئۆگىنىش نەتىجىسى پۈتۈن يېزىدىكى 11 باشلانغۇچ مەكتەپ بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا 2-ئورۇندىن ئۆرلەپ خوتەن ناھىيەسىدىكى كەنت دەرىجىلىك مەكتەپلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى» دېگەن سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. خەۋەردە بۇ مۇكاپاتنىڭ ئاتالمىش «پىدائىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگەك نەتىجىسى» ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، ئادۋوكات تېڭ بياۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەندەك ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىلى چەكلىنىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي تىلىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ 100 پىرسەنتكە يەتككۈزۈلۈشىنىڭ ئۆزى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ تىپىك بىر پاكىتى ئىكەن.
تېڭ بىياۋ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ قارىشىمچە، ئەگەر بۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇشى، سۆزلىشىشى، ئۆزئارا ئالاقە قىلىشى چەكلەنمىگەن ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ خىتاي ئورتاق تىلىنى ياكى باشقا چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىشى مەسىلە ئەمەس ئىدى. بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىل-يېزىقىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش مەسىلىسىدۇر. خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاي ئورتاق تىلىنىڭ ئورنى ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدىن يۇقۇرى تۇرغان، ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىغان. مانا بۇ مەسىلىنىڭ نېگىزى بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.»
«تەڭرىتاغ تورى» دا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە يەنە «2017-يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ‹كەنتتە تۇرۇپ مائارىپقا ياردەم بېرىش› ‹پىدائىيلار مائارىپقا ياردەم بېرىش› تىن ئىبارەت مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يېڭى ئەندىزىسىنى قوللىنىلىپ، ھەر يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ‹غەربىي قىسىم پىلانى› ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلىرى ۋە مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى باقىدۆڭ كەنتىدىكى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە يەسلىلەرگە ياردەم بېرىش يۆلەشكە تاللاپ ئەۋەتىپ، كەنتتىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئاجىز، ئوقۇتۇش ۋاسىتىسى بىرلا خىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى،» دېيىلگەن.
مەزكۇر خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش «غەربىي قىسىم پىلانى مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار» پىلانى، خىتاي ھۆكۈمىتى 1996-يىلى باشلىغان «غەربىي رايونغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى» نىڭ مۇھىم پارچىسى ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش 1996-يىلى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نامىدا باشلانغان. 2000-يىلدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلىنغان «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دىن باشقا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تەۋەسىدىمۇ «ياتاقلىق مەكتەپ»، «قوش تىللىق سىنىپ» لار تەسىس قىلىنىشقا باشلانغان. 2004-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى خىتاي مەكتەپلىرىگە قوشۇۋېتىش، 2017-يىلغا كەلگەندە ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلار پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.
بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان 2017-يىللىق 10-نومۇرلۇق ھۆججىتى، يەنى «ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى قوش تىل ئوقۇتۇشى دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى» ناملىق ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ: «2017-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ، بارلىق دەرسلەر دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى ئارقىلىق ئۆتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر مىللەتنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكى قوشۇمچە ئۆتىلىدۇ،» دېيىلگەن.
لاگېر شاھىتلىرىدىن گوللاندىيەدىكى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن 2018-يىلغىچە ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدىكى 24-باشلانغۇچ مەكتەپتە خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان ئىكەن.
قەلبىنۇر خانىم ئۆزى ئىشلىگەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 24-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1996-يىلدىن كېيىن، «قوش تىللىق سىنىپ» لار تەسىس قىلىنىش، 2004-يىلى خىتاي مەكتىپىگە قوشۇۋېتىلىش، 2014-يىلى ئۇيغۇر ئانا تىلى دەرسىدىن باشقا بارلىق دەرسلەرنىڭ 80 پىرسەنت خىتاي تىلىدا ئۆتۈلۈش، مەكتەپتە ئادەتتىكى ئالاقىلاردىمۇ خىتاي تىلىنى مەجبۇرىي قوللىنىش تەدبىرلىرى قوللىنىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ 2017-يىلغا كەلگەندە مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بىلەن پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدىكى دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى قوللىنىش ئومۇملاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قەلبىنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ مەكتىپىدە 2004-يىللىرى ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 76 نەپەر ئىكەن. ئەمما 2017-يىلغا كەلگەندە، ئالدى بىلەن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئاتالمىش «خىتاي تىلى سەۋىيەسى» گە قاراپ قايتىدىن تەڭشەلگەن. مەكتەپتىكى ياش ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار «خىزمەت ئەترىتى» نامىدا جەنۇبتىكى يېزىلارغا چۈشۈرۈلگەن، ئوتتۇرا ياشلىق ئىقتىدارلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار مەسچىتلەردە نازارەتچىلىككە ئەۋەتىلىش ياكى مەكتەپ دەرۋازىلىرىغا قاراش قاتارلىق ئىشلارغائالماشتۇرۇلغان، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئالدىن پېنسىيەگە چىقىرىلىش ياكى قايتا تەربىيەلەش نامىدا لاگېرلارغا ئەۋەتىلگەن. 2017-يىلغا كەلگەندە مەكتەپتە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئازىيىپ، 11 نەپەرگە چۈشۈپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئورنىغا تۈركۈم-تۈرمكۈملەپ خىتاي ئوقۇتقۇچىلار سەپلەنگەن.
ئادۋوكات تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا مەخسۇس ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مائارىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ۋە بۇنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىشى، ئەمەلىيىتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئاتالمىش «مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى ئىكەن.
بۇ ھەقتە گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان خوتەندە «5 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي تىلىدا راۋان سۆلەيدىغان ھالەتكە ئەكىلىش» نىڭ ئۆزى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مائارىپنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى ئىكەن.
ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلارنى ھەتتا كۈندىلىك ئالاقىلاردىمۇ پۈتۈنلەي خىتايچە سۆزلەشكە مەجبۇر قىلىش، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ كونكىرېت ئىپادىسى ئىكەن.