«ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» بىلەن «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى» قانداق مۇناسىۋەتكە ئىگە؟

0:00 / 0:00

«شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، چېگرانى قوغداش» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەنىگە يۈكلىگەن ۋەزىپىسى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پايانسىز كەڭرى زېمىنىدا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل سىياسىي، ئىقتىسادى، مەمۇرىي، قانۇنى ۋە باشقا تۈرلۈك ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولغان، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، كارخانا بىر گەۋدىلەشكەن «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، خىتاي ئۈچۈن مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ كاپالىتى» دەپ تۇراقلاشتۇرۇلغان بولسا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن «بىڭتۇەن-شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن مىللىي زىددىيەت، مىللىي ئىختىلاپ، مىللىي توقۇنۇش، مىللىي ئىسيان ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ باش مەنبەسىدىن ئىبارەت.» ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىڭتۇەن بولسا «كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سائەتلىك بومبىغا ئوخشاش خەۋپلىك.»

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى بىلەن بىڭتۇەننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى مۇناسىۋەتكە توغرا باھا بېرىشتە، بىڭتۇەننىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 60 يىلدىن بۇيانقى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ۋە تەرەققىياتىنىڭ نېمىنىڭ بەدىلىگە كەلگەنلىكىگە قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.»

ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە بىڭتۇەنلىك خىتايلار، بىڭتۇەن قۇرۇلغان 1954-يىلى 7-ئۆكتەبىرنى داغدۇغا ۋە ھەشەم بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىچكى قىسىمدا، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» دەپ ئاتالغان، چەتئەللەرگە بولسا، «جۇڭخۇا گۇرۇھى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ھەسسىدارلىق گۇرۇھى» دەپ تونۇشتۇرۇلۇۋاتقان بىڭتۇەن بولسا، 1954-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋاڭ جىننىڭ تەشەببۇسى ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان بىر ھەربىي ۋە مەمۇرى ئورگان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان خىتاي ئاخباراتلىرى ۋە بىڭتۇەن ئاخباراتلىرىغا قارايدىغان بولساق، بۇ يىل-7 ئۆكتەبىر بىڭتۇەن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئىلگىرىكىدىنمۇ داغدۇغا بىلەن داۋام قىلماقتا. بىڭتۇەن تەشۋىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىڭتۇەننىڭ 1954-يىلىدىكى نوپۇسى 175 مىڭ بولۇپ، ھازىرقى ئومۇمىي نوپۇسى ئىككى مىليون 700 مىڭدىن ئاشتى.

60 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى، خىزمەت ئەترىتى، كۈرەش ئەترىتىدىن تۇراقلاشتۇرغۇچ، يوغان پېچ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا 14 دېۋىزىيە، 176 ئىشلەپچىقىرىش مەيدانى ۋە پولكى، 4 مىڭ 400دىن ئارتۇق شىركەت كارخانىسى بار، ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە 7 شەھەرنى باشقۇرىدىغان ۋىلايەت ۋە بۇ ۋىلايەتلەر قارمىقىدىكى 69 ناھىيە تەۋەسى ئىچىگە جايلاشتۇرۇلغان بىر زور كۈچكە ئايلاندى.

بىڭتۇەن ھازىر ئادەتتىكى بىر ئۆلكىدە بولۇشقا تېگىشلىك سىياسىي، ئىقتىسادى، مەمۇرىي، قانۇنىي ۋە ھەربىي ئورگانلارنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ئىگە بولۇپ، ئىمتىياز جەھەتتە ھەرقانداق ئۆلكىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرماقتا.

يېزا ئىگىلىكتە كۆلىمى دەسلەپكى 80مىڭ مودىن 12 مىليون مودىن كۆپرەككە يەتتى.

60 يىل بۇرۇن، بىڭتۇەن دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرانى قوغداش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، 8-دېۋىزىيەگە قاراشلىق شىخەنزە شەھىرىنى قۇرغان ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، بىڭتۇەننىڭ 14 دېۋىزىيەسىدە يەتتە شەھەر، تۆت شتاتلىق بازار قۇرۇلدى.

بۈگۈن بىڭتۇەننىڭ نوپۇسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 11-12 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئەمما، بىڭتۇەن تەرىپىدىن بىۋاسىتە كونترول قىلىۋېلىنغان يەر كۆلىمى، پۈتۈن رايوننىڭ ئومۇمى يەر كۆلىمىنىڭ يېرىمىغا يېقىنراقىنى تەشكىل قىلماقتا.

بىڭتۇەن يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ھەر قانداق خەلق ئىسيانى ھەمدە مىللىي توقۇنۇشلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشتا ئاساسلىق رول ئويناپ كەلدى.دېمەك بىڭتۇەن، يەرلىك خەلقنىڭ مەمۇرىي جەھەتتىكى ھەق-ھوقۇقلىرىغىلا ئەمەس، ئىقتىسادى جەھەتتىكى ھەق-ھوقۇقلىرىغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلىپ كەلمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، ھازىر بىڭتۇەن سىياسىي، ئىقتىسادى، مەمۇرى، قانۇنىي ۋە ھەربىي جەھەتتە پۈتۈنلەي ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلالايدىغان، مەركەزگە ئانچە بېقىنىپ كەتمىگەن، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى داۋالغۇشلارنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان مۇستەقىل بىر دۆلەت شەكلىنى تۇرغۇزۇۋالغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون ئىچىدە بۇنداق بىر مۇستەقىل ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزىمۇ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىغا ۋە خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپ.

بىڭتۇەننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىققىلا ئەمەس، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ۋە ھالقىلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن پەرھات ئەپەندى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاي دېموكراتلىرىمۇ بىڭتۇەننى شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ۋە مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ باش مەنبەسى دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ يەكۈنىچە ئېيتقاندا، ھازىر بىڭتۇەن سىياسىي، ئىقتىسادى، مەمۇرىي، قانۇنىي ۋە ھەربىي جەھەتتە پۈتۈنلەي ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلالايدىغان، مەركەزگە ئانچە بېقىنىپ كەتمىگەن، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى داۋالغۇشلارنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان مۇستەقىل بىر دۆلەت شەكلىنى تۇرغۇزۇۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر ئەندىشىسى ۋە دۈشمىنى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت، شۇڭا بىڭتۇەننىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ئىستراتېگىيىسى بولسا، ئۇيغۇرلاردىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇلارنى دائىم بېسىم ۋە تەھدىت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش. شۇڭا خىتاينىڭ يەنە ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە بىڭتۇەننى تارقىتىش خىيالى يوق، ئەكسىچە ئۇنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنىڭ يولىنى ئىزدىمەكتە.