خىتاينىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

0:00 / 0:00

خىتاي 26-فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نى ئاچقان. مەزكۇر يىغىنغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلغان. ما شىڭرۇي: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا ئاساسەن، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ شۇنداقلا، ‹شىنجاڭ بىر شاھمات تاختىسى، جەنۇبىي شىنجاڭ بولسا بۇ شاھمات تاختىسىنىڭ كۆزى›دېگەن سۆزنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ۋە ئەمەلىي تەلەپلىرىنى ياخشى ئىگىلەپ، بىخەتەرلىك ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش، بىخەتەرلىك ئاساسىدا ئېچىۋېتىشنى چىڭ تۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدىغان ھالقىلىق ئامىللارنى تېپىپ چىقىپ ۋە ھەل قىلىپ، خىتايچە زامانىۋىلىشىشتا شىنجاڭنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش» نى تەكىتلىگەن.

ئۇنداقتا ئاتالمىش «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» زادى قانداق يىغىن؟

«جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» بولسا، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، بايىنغولىن قاتارلىق جايلارنى باشقۇرۇش، بولۇپمۇ بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي تىزگىنلەش مەقسىتىدە ئېچىلىدىغان يىغىن ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر يىغىن دەسلەپ 2014-يىلى ئېچىلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش، تېررورلۇققا زەربە بېرىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش» مەزكۇر يىغىننىڭ باش تېمىسى بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ يىغىن كۆپ قېتىم ئېچىلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر قانچە قېتىم ئېچىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇر يەنىلا نامەلۇم. ئەمما بۇ يىغىننىڭ ئاتالمىش ئىقتىسادىي تەرەققىيات نامىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەدەنىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈنلا ئېچىلغانلىقىدا شەك يوق. بۇنداق دېيىشىمىزدىكى سەۋەبمۇ، مەزكۇر يىغىننىڭ ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلاردىن ھالقىپ باقمىغانلىقى ئۈچۈندۇر. يەنى، بۇ يىغىن داۋاملىق جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك شەرتى ئاستىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش سىياسىتى ئاستىدا دىنىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق چەكلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكلىرىنى بوغۇش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نامىدا ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيەت، مائارىپىنى چەكلەپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلارغا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىش؛ زور كۆلەمدە خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش؛ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ياكى باشقا يۇرتلارغا تارقاقلاشتۇرۇش قاتارلىقلاردۇر.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ئاتالمىش «جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» شوئارى ئاستىدا، بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئاتالمىش ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامرات ھالىتىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى جار سېلىپ كەلدى. ئەمما ئاتالمىش «تەرەققىيات سىياسىتى» نىڭ كەينىدە كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر ھەقىقەت يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇ ھەقىقەت دەل، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق پىلانى ئىدى.

2014-يىلىدىن بۇيان خىتاي كۆپ قېتىم ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» چاقىرغان بولۇپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى توختىماي يېڭىلاپ تۇردى. ئاتالمىش «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق پىلانىنىڭ يادروسى دېسەك تامامەن بولىدۇ. چۈنكى، ئاتالمىش يىغىندا ئىزچىل تەكىتلىنىپ كەلگەن جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇقنى يوقىتىش» شوئارى، ئەمەلىيەتتە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى ئۇيغۇرسىزلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان. بۇ ۋەجىدىن خىتاي جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي شەكىلدىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ئەسلىدىكى مىللەت ئالاھىدىلىكى پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان، مۇستەقىل تىل، مەدەنىيەت ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولغان ھالەتتىن، مەدەنىيەتسىز، كىملىكسىز، مىللەتسىز بىر توپلۇققا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشتى.

خىتاي ئاتالمىش «جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» سىياسەتلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلدى. لېكىن بۇ «تەرەققىيات سىياسەتلىرى» ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى يىلدىن يىلغا نامراتلىق پاتقىقىغا پاتۇرۇپ كەلدى. ئاندىن خىتاي «نامراتلىق» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرىنى قايتا تەقسىم قىلىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش، يەرلەشتۈرۈش ۋە ياردەم بېرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە تەھدىت پەيدا قىلدى. خىتايلارنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىغا كۆپلەپ يەرلەشتۈرۈلۈشى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئاققۇنلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى. دېمەك خىتاي، ئۇيغۇرلارنى ياشاش ئىمكانلىرىدىن ئايرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل مىللەت گەۋدىسىنى نابۇت قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزى ئۈستىدىكى ھەرقانداق زۇلۇمغا بولغان قارشىلىق ئىقتىدارىنى يوقاتماقچى بولدى.

«شىنجاڭ بىر شاھمات تاختىسى، جەنۇبىي شىنجاڭ بولسا بۇ شاھمات تاختىسىنىڭ كۆزى» دېگەن سۆزنىڭ خۇددى ما شىڭرۇي ئېيتقاندەك «چوڭقۇر مەناسى بار» لىقى مۇقەررەر. خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ سۆزنى توختىماي تەشۋىق قىلىپ كەلدى ھەم كېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى، «ئۇيغۇر ئېلىنى ئۇزۇن مۇددەت كونترول قىلماقچى بولسا، ئالدى بىلەن جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى تولۇق كونترول قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەسىرىنى پۈتۈنلەي تازىلاپ يوقىتىش كېرەك» دېگەنلىكتۇر. خىتاينىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەبمۇ، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ 80 پىرسەنتىگە يېقىن نوپۇسى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىغا مەركەزلەشكەن. جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىغا مەركەزلەشكەن ئۇيغۇر نوپۇسى، دەل ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت ئالاھىدىلىكى، تىلى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. ھالبۇكى، دەل بۇ خىل ئالاھىدىلىك خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكە سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە زور توسالغۇ پەيدا قىلالىغان مۇھىم ئامىلدۇر. چۈنكى خىتاي جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى ئۇيغۇرسىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؛ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەملىكىسىنىڭ ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭ تاشقىي دۇنيانىڭ خىتاينى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئەيىبلەش ئىمكانلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلىيالايدۇ!

بۇ ۋەجىدىن «شاھمات تاختىسىنىڭ كۆزى» نى تىزگىنلەش، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش دېگەنلىك بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىدىغان بىردىنبىر يولدۇر. جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايلاشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇ رايوندا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشتەك ھالىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسەتلىرىگە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ مەڭگۈ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇۋېتىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

خىتاينىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ كۆزلىگەن ئاخىرقى نىشانى ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە مۇتلەق كۆپ سانلىق بولغان بۇ رايوننى ئۇيغۇرسىزلاشتۇرۇش، ئەمما خىتايلاشتۇرۇش دېمەكلىكتۇر. لېكىن ئۇنىڭ بۇ سىياسىي نىشانى قانداق شەكىلدە داۋام قىلسۇن، بۇ يەردە خىتاي ئۆزگەرتەلمەيدىغان مۇنداق بىر ھەقىقەت بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك خەلقىدۇر!

ئۇيغۇرلار تارىختىن بۈگۈنگە قەدەر بۇ تۇپراقتا ياشىغان. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى ۋە تارىخىي ئاللىبۇرۇن مۇشۇ تۇپراقتا يىلتىز تارتقان. خىتاينىڭ ئاتالمىش «تەرەققىيات سىياسىتى» پەقەت ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشنىڭ بىر ۋاسىتىسى خالاس. خىتاينىڭ «تەرەققىيات سىياسىتى» ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە ئورنىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈشنىڭ كەينىدە ئۇيغۇرلارنى مىللەت گەۋدىسى بويىچە يوقىتىپ تاشلاشتەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى يوشۇرۇنغان. ئەمما خىتاي بۇ يەردە بىر نەرسىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەككى، ھاكىمىيەت كۈچىگە تايىنىپ مۇستەملىكىچىلىكنى يوشۇرۇش، ئىنسانلارنىڭ تارىخ بەتلىرىدىكى ئەڭ يىرگىنچلىك جىنايەتتۇر. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇنداق جىنايەتلەر ھېچ ۋاقىت ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتەلىگەن ئەمەس. خۇددى تارىختىكى ئىمپېرىيالىستلار يىمىرىلگەندەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى مۇستەملىكىچىلىكىمۇ ھامان بىر كۈنى يىمىرىپ تاشلىنىدۇ.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]