ئۇيغۇرلار: ئېغىر زۇلۇم، ئاچچىق رېئاللىق ئالدىدىكى كۈرەش ۋە ئۈمىدلەر

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار ئۆتكەن 70 نەچچە يىلدا ئىزچىل يوسۇندا خىتاينىڭ تۈرلۈك زۇلۇم ۋە بېسىملىرى ئاستىدىكى جاپالىق مۇھىتتا ھاياتىنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مىللىي مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقادقا بولغان باستۇرۇشلار، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەر ئاللىبۇرۇن خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ھالبۇكى، خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان دىققەت ۋە ئەندىشىلىرىگە ماس ھالدا، مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىدىكى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى يېتەرلىك بولمىدى. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا سىياسەت سەھنىسىدە چەتكە قېقىلىش ۋە ياردەمسىز قېلىشىغا سەۋەب بولماقتا. بولۇپمۇ 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يېقىندا تايلاند ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەمسىز ۋە چارىسىز رېئاللىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

48 ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تايلاندنىڭ كۆچمەنلەر تۈرمىسىنىڭ ئالدىدىن ئايرىلغان، دېرىزىلىرى قارا لېنتىلار بىلەن توسۇۋېتىلگەن ئاپتوبۇس. 2025-يىلى 27-فېۋرال، باڭكوك.
48 ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تايلاندنىڭ كۆچمەنلەر تۈرمىسىنىڭ ئالدىدىن ئايرىلغان، دېرىزىلىرى قارا لېنتىلار بىلەن توسۇۋېتىلگەن ئاپتوبۇس. 2025-يىلى 27-فېۋرال، باڭكوك. (Nuttaphol Meksobhon/Prachatai via AP)

تايلاند ھۆكۈمىتى ۋە مەنپەئەتكە تېگىشىلگەن ئىنسانلىق

2014-يىلى بىر قانچە يۈز نەپەر ئۇيغۇر خىتايدىن قېچىپ، تايلاندقا يېتىپ بارغىنىدا، تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانىدى. بۇلاردىن بىر قىسمى تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ ھايات قالدى. يەنە بىر قىسمى تايلاند تۈرمىسىدىكى جاپالىق شارائىتلاردا ئېغىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولدى ۋە ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىچىك ياشتىكى بالىلارمۇ، ياشلارمۇ ۋە ياشانغانلارمۇ بار ئىدى. بۇلاردىن ئەڭ ئاخىرىدا تايلاند تۈرمىسىدە قەپ قالغانلىرى 48 نەپەر بولۇپ، ئۇلاردىن 40 نەپىرى 27-فېۋرال كۈنى خىتايغا تۇيۇقسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. تايلاند دائىرىلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋەتىنىگە قايتىشنى تاللىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ھەتتا خىتايمۇ بۇ ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق گۇرۇھىنىڭ قايمۇقتۇرۇشى بىلەن ۋەتىنىدىن قاچقانلار» دەپ ئىزاھات بەردى. ب د ت كىشىلىك كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك تايلاندنىڭ بۇ قىلمىشىنى «خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ» دېدى. ئامېرىكانىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيومۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى بىلەن تايلاندنى قاتتىق تەنقىدلىدى. شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى دۆلەتلەر ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، سىياسىيونلار ۋە پائالىيەتچىلەر تايلاند ھۆكۈمىتىنى تۇشمۇتۇشتىن كۈچلۈك ئەيىبلىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، خىتاينىڭ زۇلمىدىن قېچىپ، ئون يىللارچە تۈرمىدە ئازاب چېكىشكە رازى بولسىمۇ، خىتايغا قايتىشنى ئەسلا خالىمىغان بۇ ئۇيغۇرلار ئاخىرىدا رەھىمسىزلەرچە خىتاينىڭ ئالقىنىغا تاشلاپ بېرىلدى.

109 ئۇيغۇرنى تايلاندتىن خىتايغا ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 9-ئىيۇل.
109 ئۇيغۇرنى تايلاندتىن خىتايغا ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 9-ئىيۇل. (CCTV)

يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار قىلىنىۋاتقانلىقى دۇنياغا سىر ئەمەس ئىدى. جازا لاگېرلىرىغا قاماش، تېررورلۇق قالپىقى ئاستىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش، تىل، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە دىنىي ئېتىقادلىرىنى چەكلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارا جەمئىيەت ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا كۈنسېرى ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە يۈز بەرگەنىدى. گەرچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بۇ جىنايەتلىرى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرى، ھەتتا ئىقتىسادىي ئېمبارگولىرىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن قېچىپ چىقالىشى بەلكى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۈشكۈل بىر ئىش بولىدىغانلىقى ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىدى. چۈنكى بۇ قېچىش ئۇيغۇرلارنى ئۆزى ۋە بارلىق ئۇرۇق-تۇغقان، تونۇش-بىلىشلىرىنى خەتەرگە مۇپتىلا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قېچىش جەريانىدىكى تۈرلۈك مۈشكۈلاتلارغا تەۋەككۈل قىلىش، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشتەك بەدەللەرنى تەلەپ قىلاتتى. دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە بىرەر ئىنسان پاسپورت بېجىرىش ئۈچۈن، چەت ئەللەرگە چىقىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردەك بىچارە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغانىدى. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق قېچىش يوللىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان، جەسەتلىرى ناتونۇش تۇپراقلاردا قالغانىدى.

خىتاينىڭ ئىنكاسى: خەلقئارانىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش

خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى 1-مارت كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى. خىتاي ئەلچىسى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى قاچقۇنلۇق ھەرىكىتىگە قارشى ئىكەنلىكى، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي يەنە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق قوغداشقا ئېرىشكەنلىكى، خىتاينىڭ قانۇن دۆلىتى بولغانلىقى، ئۇيغۇرلار ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ خىتايدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئىنكاسى ئادەمدە ئۆزلۈكسىز سوئال پەيدا قىلاتتى. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن قېچىپ چىقىپ، پاناھلىق تەلەپ قىلىشىنى «چېگرادىن قېچىش» دەپ ئاتاش؛ شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خىتايدىن قاچقانلىقىنى «قانۇنسىز قىلمىش» دەپ كاتېگورىيەلەشتۈرۈشنىڭ ئۆزىلا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈنلۈكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. تېخىمۇ قىزىق يېرى، خىتاي بۇ مەسىلىنى ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەسىلىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆز قىلمىشىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچىمۇ بولدى.

ئۇيغۇرلار: ئۈمىدسىزلىك ۋە ئەندىشە ئىچىدە

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تايلاند ھۆكۈمىتى خىتايدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات-ماماتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. «بانكوك پوچتىسى» نىڭ 3-مارتتىكى خەۋىرىدە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگە بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئۈچىنچى بىر دۆلەت بولمىغانلىقى سەۋەب بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمما بۇ تايلاندنىڭ «ب د ت تەن جازاسىنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» ۋە «خەلقئارا مەجبۇرىي غايىب قىلىشتىن خالىي بولۇش ئەھدىنامىسى» دا ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغانلىق، يەنى خەلقئارا قانۇنلارنى دەپسەندە قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، خىتايغا قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەرلىكى كۈچلۈك ئەندىشە قوزغىشى تەبىئىي. گەرچە خەلقئارا جەمئىيەت تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە تەشكىلاتلار بۇ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن تايلاند ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانلىق ھەقلىرىنى بىر ياققا قايرىپ، ئۇلارنى خىتايغا رەھىمسىزلىك بىلەن قايتۇردى. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا چەكسىز ئازاب ۋە ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلدى. ئەجەبا، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇنيادا پاناھلانغۇدەك بىرەر جاي پەقەتلا تېپىلماسمىدى؟

تايلاند باش مىنىستىرى پېتوڭتارىن شىناۋاترا(Paetongtarn Shinawatra) خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. 2025-يىلى 6-فېۋرال، بېيجىڭ.
تايلاند باش مىنىستىرى پېتوڭتارىن شىناۋاترا(Paetongtarn Shinawatra) خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. 2025-يىلى 6-فېۋرال، بېيجىڭ. (Thailand's Government Spokesman Office via AP)

دەرۋەقە، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بولغان نارازىلىقلىرى كۈنسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىشنى ئاسانلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىشلار تاكى بۈگۈنگىچە قولايلاشقىنى يوق. گەرچە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بولۇۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى داۋالغۇشلار تۈپەيلى، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يەنىلا خىتايغا باش ئېگىش ياكى سۈكۈت قىلىشنى تاللىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، دېمەك، خەلقئارانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشى، تەبىئىي ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دۆلەت ھالقىپ باستۇرۇشىغا تېخىمۇ چوڭ پۇرسەت ھازىرلىدى. دېمەك، ئۇيغۇرلاردىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئەندىشىلەرنى دەل يۇقىرىقى بىر قاتار مەسىلىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

ئۇيغۇرلار: ئۆزىنى ئوڭشاش ۋە كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش

دۇنيانىڭ ئاچچىق رېئاللىقى ئۇيغۇرلارنى ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە قايتىدىن قاراپ چىقىشقا مەجبۇر قىلماقتا. تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلار تاشقىي دۇنيانىڭ ياردەم ۋە دىققەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى چۈشەنمەكتە. گەرچە جاپا-مۇشەققەتلەر ۋە خېيىم-خەتەرلەر ئۇيغۇرلاردىن ھېچ ئايرىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار يەنىلا جامائەتلىشىش، تەشكىللىنىش، ئىتتىپاقلىشىش ئارقىلىق مۇھاجىرەتتە ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا. گەرچە دۇنيانىڭ رەھىمسىزلىكى بىلەن خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇشلىرى ئۇيغۇرلارغا تۈرلۈك خەتەر ۋە بېسىملار ئېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدىكى يوللار تۈرلۈك-تۈمەن قىيىنچىلىقلارغا تولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار پەقەت ئۆزىنى تېز ۋاقىتتا ئوڭشاپ، قىيىنچىلىقنى كەينىگە تاشلىيالىغاندىلا، ئاندىن ئۈمىدۋارلىقنى ساقلاپ، ھايات قېلىش ئىمكانىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتا.

خۇلاسە قىلغاندا، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق، بېسىم ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى پەقەت خىتاي بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ رەھىمسىزلىكىگە باغلانغان بىر مەسىلىدۇر. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچىمى، دەل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرالىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. خىتاينىڭ تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدىكى ئىنكاسىمۇ بۇ تەرىپىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇنداق زۇلمەتكە تولغان بىر دۇنيادا، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ھاياتلىق يولىنى ئىزدىمەكتە. مەيلى كەلگۈسىدە قانداق بىر تەقدىر ئۇيغۇرلارنى كۈتۈپ تۇرغان بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك ئارزۇلىرى، غۇرۇر ۋە ئادالەتكە بولغان ئىنتىلىشلىرى بۇ جاپالىق يولدا ھامان داۋاملىشىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز ئارزۇلىرىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلار دۇنيادا ئادالەتنىڭ مۇقەررەر ھالدا زۇلۇم ۋە رەھىمسىزلىكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا، قاراڭغۇ زۇلمەتتىن كېيىن گۈزەل تاڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھامان بىر كۈنى قۇچاق ئاچىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدۇ!

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]