19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلاردا بىر قاتار جىددىي ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلگەن. يەنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى قوشنىسى ھىندىستان، بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان بولسا؛ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي بۆلۈكى، يەنى غەربىي تۈركىستان، چار رۇسىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ مۇستملىكىسىگە ئايلانغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ ئىككى چوڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىمپىرىيەنىڭ تۇپراقلىرى مەركىزىي ئاسىيا باياۋانلىرىدا بىر-بىرىگە تۇتۇشۇپ، پامىر ئېگىزلىكىنى سەھنە قىلغان بىر مەيدان «بۈيۈك ئويۇن» (Great Game) باشلانغان.
پامىرنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە جايلاشقان قەشقەر، 18-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ، يۇقىرىقى ئىككى بۈيۈك ئىمپرىيەنىڭ بىر بىرىنى كۆزىتىدىغان ۋە بىر-بىرىنى چەكلەيدىغان يېڭى «ئارىلىق رايون» غا ئايلانغان. 1850-يىللىرىغىچە ناھايىتى ئاز ساندىكى ياۋروپالىق مىسسىيونېرلارنىڭلا قەدىمى مەركىزىي ئاسىيادىكى بۇ خىلۋەت زېمىنغا يەتكەنلىكى مەلۇم. شۇ ۋاقىتقىچە ياۋروپالىقلارنىڭ قەشقەرىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار ھەققىدىكى بىلىدىغانلىرى 13-ئەسىرلەردە قەلەمگە ئېلىنغان ماركو پولۇ (Marco Polo) ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋىللىيام فون رۇبرۇك (Wilhelm von Rubruck) لارنىڭ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ساياھەت خاتىرىلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن ئىدى. بۇلاردىن باشقا، 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردىن كىرىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇمۇلدىن چىقىپ كەتكەن پورتوگالىيەلىك مىسسىيونېر بېنېدىكت گوس (Benedict Goës) نىڭ ئەسلىمىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ياۋروپالىقلاردا ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە ئالاھىدە تىلغا ئالغۇدەك ئۇچۇرمۇ بولمىغان.
18-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ مەركىزىي ئاسىيادىكى پىنھان تۇپراقلاردا ياۋروپالىق تەۋەككۈلچىلەر، ئوخشىمىغان مەزھەپتىكى دىن تارقاتقۇچىلار، ئېكىسپېدىتسىيەچىلەر، گېئولوگلار، بىئولوگلار، ھاشارات ۋە ئۆسۈملۈك تەتقىقاتچىلىرى، كېيىنچە ئاسارئەتىقە يىغقۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بولغان. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىلمىي تەكشۈرۈش سەپەرلىرىنىڭ بەدىلىنى ھاياتى بىلەن تۆلىگەن. ئەنە شۇلاردىن بىرى گېرمانىيەلىك ئېكىسپېدىتسىيەچى ۋە جۇغراپىيەشۇناس ئادولف شلاگىنتۋايىت (Adolph Schlagintweit)دۇر.

ئادولف شلاگىنتۋايىت 1839-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە تۇغۇلغان. بەش ئوغۇلنىڭ تۆتىنچىسى بولغان ئادولف كىچىكىدىنلا گېرمانىيەنىڭ مەشھۇر جۇغراپىيە، بوتانىكا ۋە زولوگىيە ئالىمى ئالېكساندېر فون خۇمبولدت (Alexander von Humboldt)نى ئۆزىگە ئۈلگە قىلغان. ئادولف شلاگىنتۋايىت 23 يېشىدا ئالپ تېغىنىڭ ماگنىت كۈچىنى ئۆلچەش ھەققىدە يازغان دىسسېرتاتسىيەسى بىلەن ئۆز ساھەسىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچى دېگەن نامغا ئېرىشكەن. خۇمبولدت كەبى دۇنيانىڭ تېخىچە بىلىنمىگەن تۇپراقلىرىغا بېرىپ، تەبىئەت ھەققىدە نەق مەيدان تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولغان. ئۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا تالانتلىق ئىككى قېرىندىشى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، تاشقىي دۇنيا تەرىپىدىن شۇ ۋاقىتقىچە ئانچە بىلىنمىگەن ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى تاللىۋالغان. ئالېكساندېر فون خۇمبولدتنىڭ شەخسەن تونۇشتۇرۇشى ۋە تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئۇ پادىشاھ فرىدرىك ۋىلھېلم IV (Friedrich Wilhelm IV) نىڭ ياردىمىگە ۋە بىرىتانىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1854-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئادولف ئاكىسى ھېرمان ۋە ئىنىسى روبېرت بىلەن بىللە دېڭىز يولى بىلەن ھىندىستانغا يۈرۈپ كەتكەن.

ئۇلار 1857-يىلىغىچە ھىندىستاننىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. يەر قاتلىمى ماگنىت مەيدانىنى ئۆلچىگەن، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، قۇشلارنىڭ ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ ئەۋرىشكىلىرىنى يىغقان. ئانتروپولوگىيەلىك تەتقىقاتلار ئۈچۈن كېرەكلىك ئادەم بېشى ئىسكىلىتلىرى، ھەتتا پۈتۈن بەدەن ئىسكىلىتلىرىنى توپلىغان. 1857-يىلى ئۇلار ھىندىستاندىن يىغقان تۈرلۈك ئەۋرىشكىلىرى، سىزغان رەسىملىرى ۋە خەرىتىلىرىنى توپلاپ، 500 چوڭ ساندۇققا قاچىلاپ گېرمانىيەگە يولغا سالغان.
ئاكىسى ۋە ئىنىسى ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداپ يۇرتىغا قاراپ يولغا چىققاندا، ئادولف ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالغان. ئۇ شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ مەڭشۇر ئىلىم ئىگىسى-غايىۋىي ئۇستازى خۇمبولدتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرالماي قالغان بىر ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان. يەنى ئالتاي تېغى، تەڭرى تېغى ۋە قاراقۇرۇم تاغلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شۇ ۋاقىتقىچە خەرىتىلەردە بوش قالغان جايلارنى تولۇقلاپ سىزماقچى، ئۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى ئېنىقلىماقچى بولغان.
ئۇ بۇ ۋەدىسىنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 1855-يىلى ئىنىسى روبېرت بىلەن بىرلىكتە ئوغرىلىقچە چېگرادىن ئۆتۈپ، تىبەتكە بارغىنىدا تۇتۇلۇپ قالغان. بىرىتانىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ئارىغا كىرىشى ۋە ناھايىتى كۆپ جازا پۇلى تۆلىشى نەتىجىسىدە، مىڭ تەسلىكتە يەنە ھىندىستانغا قايتىپ كېلىۋالغان.

ئىنىسى روبېرت 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئالېكساندېر فون خۇمبولدتقا يازغان بىر پارچە خېتىدە بۇ خۇشاللىقىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: «ئالىيلىرى، يېقىندا ھېرمان بىلەن ئىككىمىزگە قىزىقارلىق بىر يول بىلەن قاراقۇرۇم تېغىنى كېسىپ ئۆتۈپ خوتەننىڭ مەركىزى ئىلچىگە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش نېسىب بولدى. بىلىشىمىزچە، ھازىرغىچە ھېچ بىر ياۋروپالىق لاداق ۋە تۈركىستان چىگرالىرىدىن ئۆتۈپ باقمىغان. بۇ غەلىبىلىك سەپەردە، ئۆزىمىزنىڭ لېھ سەپىرى ئۈچۈن قىلغان تەييارلىقلىرىمىزنىڭ پايدىسىنى كۆردۇق.»

ئادولف شلاگىنتۋايىت كەشمىردە تەجرىبىلىك يول باشلىغۇچىلار، ئوۋچى ۋە باشقا خىزمەتچىلەردىن تەركىب تاپقان يېڭى بىر ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى تەشكىللىگەن. يەرلىك كارۋانلارنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىدا بولۇۋاتقان ئۇرۇشلار ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ۋە ۋاقتىنچە بارماي تۇرۇش ھەققىدىكى تەۋسىيەلىرى ئۇنى نىيىتىدىن ياندۇرالمىغان. شۇ ۋاقىتقىچە ئېكسپېدتسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى تەگمىگەن خەتەرلىك تاغ يوللىرى بىلەن مېڭىپ، ئاقساي چىن رايونىنى كېسىپ ئۆتۈپ قاراقاش دەرياسىنى بويلاپ مېڭىپ خوتەنگە بارغان.
ئادولف شلاگىنتۋايىتنىڭ بۇ سەپىرى چار رۇسىيەنىڭ داۋاملىق كېڭەيمىچىلىك قىلىپ قەشقەرىيەنىڭ يېقىن قوشنىسى قوقانغا يېقىنلاپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان جەڭگى-جىدەللەر ئەۋجىگە چىققان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن. بۇ مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ قىرغىنچىلىقى ۋە زوراۋانلىقىغا چىدىمىغان يەرلىك خەلقنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، قوزغىلاڭ رەھبىرى جاھانگىر خوجانىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، بېيجىڭغا يالاپ ئېلىپ كېتىلگەن ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگىنىگە ئانچە ئۇزاق بولمىغان بىر ۋاقىت ئىدى.
بۇنداق بىر جىددىي پەيتتە، بىر توپ ئادەمنى باشلاپ خوتەندە پەيدا بولغان ۋە ئارقىدىنلا يەركەندىن ئۆتۈپ قەشقەرگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان شلاگىنتۋايىت، ۋەلىخان تۆرەنى تېخىمۇ بىئارام قىلغان. ۋەلىخان تۆرە، شلاگىنتۋايىتنىڭ ئۆز دادىسى جاھانگىر خوجانى رەھىمسىزلەرچە قەتلى قىلغان مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئىشپىيونى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن. شلاگىنتۋايىت قۇرۇقلۇق يولى بىلەن ياۋروپاغا قايتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ۋەلىخاننى ئىشەندۈرەلمىگەن. ئىككى كۈنلۈك ئېغىر سوراقتىن كېيىن، يەنى 1857-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئادولف شلاگىنتۋايىت قەشقەر سېپىلىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ، قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ تېنىدىن جۇدا قىلىنغان بېشى بىر نەچچە كۈن كۆۋرۈككە ئېسىپ قويۇلغاندىن كېيىن، ۋەلىخان تۆرەنىڭ قەشقەردە ھەيۋە كۆرسىتىپ دۆۋىلەپ قويغان ئادەم بېشى دۆۋىسىگە قوشۇۋېتىلگەن. ئادولف شلاگىنتۋايىت ئۇ ۋاقىتتا ئەمدىلا 28 ياشقا كىرگەن ئىدى.
ئايلار ئۆتۈپ شلاگىنتۋايىتنىڭ ھېچ خەۋىرى بولمىغان، ئادولفنىڭ ميۇنخېندىكى قېرىنداشلىرى ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. ھىندىستان ۋە چار رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك شەخس ۋە ئورۇنلىرىدىن سۈرۈشتى قىلىپ ئىشەنچلىك بىر ئۇچۇر ئالالمىغان. مەنچىڭ ھۆكۈمىتىگە يازغان مەكتۇبلىرىمۇ ھېچ بىر نەتىجە بەرمىگەن. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە ئامالسىز قالغان شلاگىنۋايىتنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى شۇ قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيە سەپىرىنى قوللىغان پادىشاھ فرىدرىك ۋىلھېلم IV تىن ياردەم سورىغان.
پادىشاھ فرىدرىك ۋىلھېلم چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئادولفنى تېپىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 22 ياشلىق بىر ياش يىگىت، سودىگەر قىياپىتىدە سانكت-پېتېربۇرگدىن ئايرىلىپ، 60 تىن ئارتۇق ئات-تۆگىلىك كارۋىنىنى باشلاپ قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققان. بۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا قەشقەر ۋە ئىلى ھەققىدە بىر بىرىدىن قىممەتلىك خاتىرە ۋە كىتابلارنى يازغان قازاق ئالىم چۇقان ۋەلىخانوفتۇر.
(داۋامى بار)
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.