2021-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە نېمىلەرنى قىلدى؟

0:00 / 0:00

پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 20 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەپ كەلمەكتە. 2015-يىلىغىچە پرېزىدېنت ئەردوغان كۆپ قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان، ھەتتا 2009-يىلى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشىتىپ، خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغانىدى. 2015-يىلىدىن كېيىن پرېزىدېنت ئەردوغان ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتى باياناتلىرىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىنى تىلغا ئالمىغانىدى. لېكىن، 2021-يىلى 2-ئايدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 46-نۆۋەتلىك يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر رايونىغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر دوكلاتلارنىڭ ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ سۆزىدە تۈركىيەنىڭ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەندىن كېيىن سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتلاردا بايان قىلىنغانلار بىزدە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىمىزنى ۋە كۈتكەنلىرىمىزنى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىمىز. بۇ توغرىلىق خىتاينىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز».

ئۇ، سۆزىدە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ھەيئەت ئەۋەتىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغانىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 2-ئايدا ب د ت دا قىلغان سۆزىدىن كېيىنلا تۈركىيەدىكى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا ۋەكىلى، پارلامېنت ئەزاسى لۈتفۈ تۈركقان ئەپەندى 10-مارت كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تۈركىيە پارلامېنتىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇنىڭ نەتىجىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە جاكارلاش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنغانىدى. 10-مارت كۈنى مەزكۇر تەكلىپ توغرىسىدا تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىيى پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە خەلقنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان پارلامېنت ئەزالىرى بۇ تەكلىپ لايىھىسىنى قوللاپ قول كۆتۈرگەن بولسىمۇ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشى چىقىشى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پوزىتسىيە بىلدۈرمەي تۇرۇۋېلىشى نەتىجىسىدە رەت قىلىنغان.

ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇشى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 4-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى «خابەر تۈرك» تە تارقىتىلغان پروگراممىدا مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«خابەر تۈرك» تېلېۋىزىيەسى پروگرامما رىياسەتچىسىنىڭ «ئۆكتىچى پارتىيەلەر ھۆكۈمەتنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك بىلەن ئەيىبلەۋاتىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە نېمىلەرنى قىلىۋاتىسىلەر؟» دېگەن سوئالىغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەرگەنىدى.

«تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئەلۋەتتە سەزگۈر ۋە بۇ ھەقتە زىممىسىگە چۈشكەننى قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇندىن كېيىنمۇ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ھەقتە ئىككى جەھەتتىن خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بىز ھەر دائىم خىتاي بىلەن بولغان ھەر دەرىجىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. بۇ مەسىلىگە بولغان سەزگۈرلۈكىمىزنى ۋە خىتايدىن كۈتكەنلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز».

تۈركىيە دۆلەت پرېزىدېنتى سارىيى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت رەجەپ تاييپ ئەردوغان 13-ئىيۇل كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەندە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتايلار بىلەن تەڭ-باراۋەر، پاراۋانلىق ئىچىدە ئەركىن ياشىشى تۈركىيە ئۈچۈن مۇھىم. تۈركىيە، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ».

2021-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شتابىدا ئېچىلغان 76-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلغان تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز».

21-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت دا ئىمزالىق بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۇنيادىكى 43 دۆلەتنىڭ ئىچىدە تۈركىيەمۇ ئورۇن ئالغانىدى. باياناتتا خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى ئىشخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ خالىغان جايدا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشى، ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى يوقىتىش كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 8 خىل تەكلىپىنى دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان.

ب د ت دا ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئىمزالىق باياناتقا تۈركىيە قول قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما 21-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتقا تۈركىيەمۇ قول قويغانىدى. 28-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى مۇئاۋىن ئەلچىسى گېڭ شۇاڭ تۈركىيەنى سۈرىيەلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان. تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلىشىگە قارىتا: «بىز كىشىلىك ھوقۇقنى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلاردىن ئۆگەنمەيمىز» دەپ جاۋاب قايتۇرغان.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2015-يىلى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغاندىن كېيىن پرېزىدېنت ئەردوغان 2021-يىلىدا سۈكۈتنى بۇزغان. ب د ت دىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر كارۋىنىغىمۇ قوشۇلغان.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە ئىلگىرىلەش بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە دۆلەتلىك راديو ۋە تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇخبىرى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان بولسىمۇ 2021-يىلىدا بۇ سۈكۈتنى بۇزغانلىقىنى بايان قىلدى.

مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى 2022-يىلىدا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.