بۇ يىل خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە خىتاي رىۋايەتلىرىدىكى ئوبراز «نېجا» ھەققىدە يېڭىدىن ئىشلەنگەن كارتون فىلىم خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە قويۇلغان. ئارقىدىنلا، فىلىمنىڭ تارقىتىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى ھەر يەردە فىلىم ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تارقاتقان.
جۈملىدىن بۇ تەشۋىقاتنىڭ شامىلى بىۋاسىتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگىمۇ يەتكەن. قىشلىق تەتىل ئاياغلىشىپ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى كىرىشى بىلەنلا، ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن ۋە كورلا قاتارلىق شەھەر ۋە ناھىيەلەردە، «نېجا» روھىدىن ئۆگىنىش پائالىيەتلىرى باشلىنىپ كەتكەن. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 25-فېۋرال يوللانمىسىدا، خوتەن ۋىلايىتى خانئېرىق يېزىسىنىڭ چارشەنبە بازىرى كەنتىدە، كەنت كادىرلار خىزمەت ئەترىتىنىڭ بۇ رايوندىكى 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى مەخسۇس «نېجا 2» فىلىمىنى كۆرۈشكە تەشكىللىگەنلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق مەدەنىيەت بىلەن شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش شوئارىغا ئاۋاز قوشقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېتىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى ۋە ئالتاي شەھىرىدىكى بىر قىسىم باشلانغۇچ مەكتەپلەردىمۇ، «نېجا» تېما قىلىنغان سىياسىي ئىدىيەۋىي دەرسلەر ۋە دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.
«نېجا» خىتاي مىللىي ئەپسانىلىرىدىكى بىر ئىلاھىي بالا قەھرىمان بولۇپ، قەدىم دەۋردىن تارتىپ ھازىرغىچە خىتاي مەدەنىيىتىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ۋە دەرسلىك ياكى قوشۇمچە كىتابلار، كىنو-تىياتىرلاردا كەڭ تونۇشتۇرۇلغان بىر ئوبراز. يېقىنقى تەشۋىقاتلارغا كۆرە نېجا ئوبرازى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە سىمۋول قىلىنغان، شۇنداقلا يېڭىدىن ئىشلەنگەن «نېجا 2» فىلىمى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى فىلىمى دەپ ئېلان قىلىنىپ، ياش-ئۆسمۈرلەر نېجا روھىدىن ئۆگىنىشكە، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشقا چاقىرىق قىلىنغان.
پەرزەنت تەربىيەسى دۆلەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىدە پەرزەنت تەربىيەسى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا كىلاسسىك ۋە يېقىنقى زامان ئەسەرلىرى ئىچىدە مەخسۇس پەرزەنت تەربىيەسى ئۈچۈن يارىتىلغان دىداكتىك يەنى پەند-نەسىھەت خاراكتېرلىك ئەسەرلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن. مەسىلەن، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك»، ئەھمەت يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «نەسىھەتى ئامما» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن.
خىتاي شى جىنپىڭ دەۋرىدە نېجانى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۈلگىسى قىلىپ تىكلىگەن بولسا، ئىلگىرى ليۇ خۇلەن، لېيفېڭ ۋە خۇاڭ جىگۇاڭ قاتارلىقلارنى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا قەھرىمانلىق شەجەرىسى قاتارىدا تەشۋىق قىلىپ كەلگەنىدى.
ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ «نېجا» نى ئۈلگە قىلىشىغا ئېھتىياجى يوق. ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن بۇيان پەرزەنتلىرىنى ھېكايە-چۆچەكلەر، ئىسلامى قىسسىلەر ۋە دانالار ھېكمەتلىرى بىلەن تەربىيەلەشكە ئېتىبار بېرىپ كەلگەن. ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق ئەپسانىۋى قەھرىمانلاردىن چىن تۆمۈر باتۇر، ئوغۇزخان، ھەمەك باتۇرغا ئوخشاش ئەقىل ۋە كۈچىنى ئىشلىتىپ ياۋنى بويسۇندۇرغان پالۋانلار ئوغلانلىرىمىزغا باتۇرلۇقنى، جاسارەتنى ۋە ھۈنەر-مەرىپەتنى ئۆگەتسە؛ تۇمارىس، نۇزۇگۇم ۋە يەتتە قىزلىرىمغا ئوخشاش ئايال قەھرىمانلار شەرمى-ھايا، ئەخلاق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئۆگىتىپ كەلگەن.
2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە يەسلى مائارىپىدىن تارتىپ ئالىي مائارىپقىچە ئۇيغۇر تىلى چەكلىنىپ، خىتاي تىلى قوللىنىشتەك ۋەزىيەتكە يۈزلەندى. خىتايچە دەرسلىك كىتابلارنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدىكى مەكتەپلەردە مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇشى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى يوق دېيەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالدى. 2016-يىلى ئۇيغۇر تارىخىدىكى مىللىي رەھبەرلەردىن ئەخمەتجان قاسىمى، مىللىي قەھرىمانلىرىدىن «يەتتە قىزلىرىم» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەرسلىك كىتابلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «زەھەرلىك دەرسلىك» دەپ چەكلەندى ۋە چېتىشلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قاتتىق باستۇرۇشلارغا ئۇچرىدى.
بىر مىللەتنىڭ تىلى بىلەن مەدەنىيىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تىل ئۆز نۆۋىتىدە مەدەنىيەتنىڭ ئۇل تېشى، ھەم مەدەنىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ نەزەرىيەگە ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر تىلى بولمىسا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ بولمايدۇ. باشقا بىر نۇقتىئىنەزەردىن ئېلىپ ئېيتساق، تىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، تىل بىر مىللەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى، شۇنداقلا شۇ مىللەتنىڭ كوللېكتىپ قىممەت قارىشى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ.
تەتقىقاتچى ئارىئەننې م. دۇۋايېر (Arienne M. Dwyer) ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ توقۇنۇشى: ئۇيغۇر كىملىكى، تىل سىياسىتى ۋە سىياسىي مۇنازىرە» ناملىق كىتابىدا، مەخسۇس خىتاينىڭ تىل سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان. ئۇ خىتاي تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى ئالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاپ بارىدىغانلىقى، بارغانسېرى ئۆزىنىڭ ئېتنىك كىملىكىدىن يىراقلىشىپ، خىتاي جەمئىيىتىگە خاس خاراكتېر شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يەنە بىر نەپەر تەتقىقاتچى جوئەننا سىمىس فىنلېي(Joanne Smith Finley ) 2000-يىلنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچى، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىكى خىتاي مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان خەن زۇۋان (minkaohan) دەپ ئاتالغان بىرقانچە ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئۈستىدە تەتقىقات-ئىزدىنىشتە بولغان. تەتقىقاتچى جوئەننا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ خىتاي مائارىپىدا تەربىيەلىنىشى تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر كۈلتۈرى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جەمئىيەتشۇناسلىقتا «كوللېكتىپ خاتىرىسىنى يوقىتىش» (cultural amnesia) دەپ ئاتىلىدىغان ئۇقۇم بولۇپ، مەلۇم كوللېكتىپ زەربە تۈپەيلىدىن بىر جەمئىيەتكە ئورتاق بولغان يىلتىزى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇر بولۇش، ئۇنىڭ ئورنىغا يوچۇن مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلغان يېڭى خىل جەمئىيەت شەكىللەندۈرۈش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىقىدا تىلغا ئېلىنغان «كوللېكتىپ خاتىرىسىنى يوقىتىش» ئۇقۇمىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا تەتبىقلىساق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە تىل-مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سىياسىتى ئاستىدا، ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىدا مائارىپ ۋە ساپا تەربىيەسى ئېلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى. ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئۆز مىللىي قەھرىمانلىرى بىلەن تونۇشۇش ياكى مىللىي ئاڭنى يېتىلدۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان مىللەتنىڭ پەخىرلىك كىشىلىرىنى ئۈلگە قىلىشنىڭ ئورنىغا، خىتاي قەھرىمانلىرى ياكى داڭلىق شەخسلىرى ھەققىدىكى تەلىم-تەربىيە بىلەن مېڭىسى يۇيۇلماقتا. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى پەقەتلا ئائىلىدىن ئىبارەت تار مۇھىتتا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىتاي ئاسسىمىلياتسىيەسىگە قارشى تىركەشمەكتە.
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]