پەرھات بىلگىن: ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەدبىرى بايلىق تەقسىماتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگىتىش

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2014‏-يىلنىڭ دەسلەپكى 3 پەسلىدە ئۆي بازىرىنىڭ جىددىي كاساتلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇشۇ 3 پەسىلدە سېتىلغان تاۋار ئۆي كۆلىمى ئۆتكەن يىلقىدىن 20.3 پىرسەنت ئازايغان.

بۇ يىل 10 مىليون 640 مىڭ 630 كۋادرات مېتىر تاۋار ئۆي سېتىلغان. ھالبۇكى، 2013‏-يىلنىڭ دەسلەپكى 3 پەسلىدە 12 مىليون 120 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق تاۋار ئۆي سېتىلغانلىقى مەلۇم. نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدا تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىشى بۇنچىلىك زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى؟

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فېڭ لى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى چاقىرغان ئاخبارات يىغىنىدا، تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ چۈشۈپ كېتىشتىكى سەۋەبلەرنى ئىقتىسادتىكى ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى، ئېھتىياج ۋە مۇقىم مۈلۈككە سېلىنما ئازايغانلىقىغا باغلىغان.

ئۇ، سېلىنمىنىڭ ئازىيىشىنى يېڭى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئازىيىشى، مەبلەغنىڭ ئورنىغا بارماسلىقى، سېمونت، پولات -تۆمۈر قاتارلىق ساھەلەرگە سېلىنما زور كۆلەمدە كېمەيگەنلىكىگە باغلىغان. بىراق بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، تاۋار ئۆي بازىرىدىكى كاساتچىلىق خىتايدىكى ئومۇمىي ئەھۋال بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاۋار ئۆي بازىرىنىڭ ئەھۋالى بۇ رايوننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىز بۇ مەسىلە توغرىلىق جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىساد پەنلەر دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىەلەر.