ئۇيغۇر ئېلىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ لىتىي قېزىش، تاللاش ۋە تاۋلاش بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن تۈرنىڭ ئىش باشلىشى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
26-فېۋرال ئاتالمىش شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گورۇھى چەكلىك شىركىتى 100 مىڭ توننالىق لىتىي قېزىش تۈرىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۈر خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىدىن قارىغاندا، بۇ تۈر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ لىتىي قېزىش، تاللاش ۋە تاۋلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بىر تۈرنىڭ ئىش باشلىشى ھېسابلىنىدىكەن.
100 مىڭ توننالىق بۇ ئىش قۇرۇلۇشى پەقەت خوتەننىڭ قىزىل سۆگەت ساھىلىدىكى 3 مىليۇن توننالىق قېزىش، تاللاش ۋە تاۋلاش ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، لوپ ناھىيەسىنىڭ كۈنگاڭ ئىقتىساد ۋە تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى 1900 مو كېلىدىغان كەڭ زېمىنغا جايلاشقان. خوتەننىڭ قىزىل سۆگەت ساھىلىدىكى كەم ئۇچرايدىغان ئالتۇن قېزىلمىلاردىن ئۈچ مىليۇن توننا قېزىش، تاللاش ۋە تاۋلاش تۈرى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئون تۆتىنچى بەش يىللىق پىلان» غا كىرگۈزۈلگەن مۇھىم قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۈر قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، يىلىغا 600 مىڭ توننا ئەلا سۈپەتلىك قويۇق لىتىي ئىشلەپچىقىرالايدىغان، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ لىتىي قېزىش، تاللاش ۋە تاۋلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تۈرگە ئايلىنىدىكەن.
مەلۇمكى، بۈگۈنكى دۇنيادا مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، بېنزىن قاتارلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىۋاتقان يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەسىنىڭ خام ئەشيالىرىدىن بىرى دەل لىتىي باتارىيەسىدۇر. خەلقئارا مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقان ئەھۋالدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زور مىقداردىكى لىتىي كانلىرىنىڭ خىتاينىڭ ماشىناسازلىق ساھەسىگە يېڭى يۈكسىلىشلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئېنىق. ھالبۇكى، بۇ يۈكسىلىشلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بەدىلىگە مەيدانغا كەلگەنلىكى، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشى كېرەك بولغان مۇھىم مەسىلىدۇر.
بۇ يىل 14-فېۋرال ياۋروپا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، 2035-يىلىغا بارغاندا ياۋروپادىكى بېنزىنلىق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ مۇھىت بۇلغىشىنى نۆلگە چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. گەرچە بۇ قارار مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئېلىنغان مۇھىم قەدەم بولسىمۇ، ئەمما بۇ قارار خىتاينىڭ توكلۇق ماشىنا ساھەسىگە نىسبەتەن غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىۋاتاتتى. ئەمما كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى خىتاينىڭ توكلۇق ماشىنا ساھەسى ۋە توكلۇق ماشىنىغا سەپلەنگەن لىتىي باتارىيەسى دەل ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردۇر. چۈنكى ئۇيغۇر ئېلى لىتىي زاپىسى خىتاي بويىچە ئەڭ كۆپ رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
خىتاينىڭ «سىنا» (شىنلاڭ) تورىدا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى لىتىينىڭ ئاساسلىق زاپىسى قۇرۇم تېغى، ئالتۇن تېغى، ئالتاي تېغى، قاراقۇرۇم تېغى ۋە شەرقىي تەڭرىتېغى قاتارلىق تاغ تىزمىلىرىغا تارقالغان ئىكەن. بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لىتىي زاپىسىنىڭ كۆپ قىسمى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىغا مەركەزلەشكەن. يەنى غەربىي قۇرۇم ۋە قاراقۇرۇم تاغلىرى لىتىي زاپىسى ئىنتايىن مول بولغان جايلار ھېسابلىنىدىكەن. بۇ جايلاردىكى يەر ئاستى كان مەنبەلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 350 كىلومېتىردىن 450 كىلومېتىرغىچە، كەڭلىكى 70 كىلومېتىردىن 120 كىلومېتىرغىچە بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا دەرىجىدىن تاشقىرى لىتىي ۋە كەم ئۇچرايدىغان قېزىلما بايلىقلار كانى بايقالغان. ئۇنىڭدىن باشقا كۆكتوقاي قاتارلىق جايلاردىكى بارلىق كان بايلىقلىرىنىڭ قېزىش ھوقۇقى «شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گورۇھى» غا بېرىلگەن.
يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا ناھىيەسى تەۋەسىدە بىر ئالتۇن كان ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 18 ئادەمنىڭ كان ئاستىدا قالغانلىقى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن مەزكۈر ئالتۇن كانغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلغانىدى. ئەمما بۈگۈنگە بۇ 18 ئادەمنىڭ ھايات-ماماتى ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرى ھېچقانداق ئۇچۇرنى سىرتقا ئاشكارىلىغىنى ياكى بۇ ۋەقەنىڭ كېيىنكى قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگىنى يوق. بۇ يەردە مەزكۇر كان ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىنى تىلغا ئېلىشىمىز، ۋەقە يۈز بەرگەن بۇ ئالتۇن كاننىڭمۇ دەل يوقىرىقى «شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گورۇھى» غا تەۋە بولغان كان ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يادىغا سېلىشتىن ئىبارەت.
ئالتۇن تاغدىكى لىتىي مەنبەرلىرىنى قېزىش تۈرى «شاڭخەي رەڭلىك مېتال گورۇھى» غا تەۋە بولغان جياڭشى جىسۈن يېڭى ئېنىرگىيە خام ئەشياسى چەكلىك شىركىتىنىڭ قېزىشىغا تاپشۇرۇلغان. ھالبۇكى، بۇ كارىخانا 2022-يىلى دېكابىردا ئەنگلىيە شېفلىد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى (Sheffield Hallam University) كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھازىرقى زامان قۇللۇق تۈزۈمى مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور لاۋرا مۇفىي رەھبەرلىكىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغانىدى.
جياڭشى جىسۇن يېڭى ئېنىرگىيە خام ئەشياسى چەكلىك شىركىتى 2022-يىلى ناھايىتى زور مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ چىققان لىتىي قېزىش، تاللاش ۋە تاۋلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تۈر قۇرۇلۇشىغا 1500 دىن 2000 غىچە ئەمگەك كۈچى سەپلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەرنگەن.
ئەمدى بىز لىتىينىڭ خىتايدىكى ئىشلىتىلىش ساھەلىرى ۋە بۇ ساھەلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قانچىلىك مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىغا قاراپ باقايلى:
خىتاي نۆۋەتتە توكلۇق ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن بولۇپ، 2014-يىلىدىن بۇيانقى سەككىز يىلدا توكلۇق ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن. خەلقئارادىكى يېڭى ئېنىرگىيەلىك ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئىچىدىكى ئالدىنقى ئون كارخانا ئىچىدە خىتاينىڭ ئۈچ كارخانىسى ئورۇن ئالغان. دەۋەقە، خىتاي يېڭى ئېنىرگىيە ساھەسىدە كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگەن. مۇھىت ئاسرايدىغان يېڭى ئېنىرگىيىلىك ماشىنىلارنىڭ 35-40 پېرسەنتى بولسا لىتىينى توك مەنبەسى قىلغان باتارىيەگە تايىنىدۇ. ھالبۇكى، خىتاينىڭ لىتىي توكلۇق باتارىيەسى پۈتكۈل يەر شارى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. دېمەك، خىتاي نۆۋەتتە لىتىي باتارىيەسى ئىشلەپچىقىرىشىدىمۇ دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
يەر شارىدا كىلىمات ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەر، كىشىلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان ساھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا جىددىي ئېھتىياج تۇغدۇردى. ھالبۇكى، خىتاي بۇنىڭدىن ئوننەچچە يىللار ئىلگىرىلا بۇ ساھەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغان. خىتاينىڭ يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن بايلىق مەنبەلىرى ناھايىتى مول بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلانغان.
ئۇيغۇر ئېلىدا بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش ۋە ئىشلىتىش يېقىنقى يىللاردىلا ئوتتۇرىغا چىققان ئىش بولماستىن، بەلكى 1999-يىلى يولغا قويۇلغان «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش سىياسىتى» بىلەن باشلانغان. ئەينى يىلى يولغا قويۇلغان مەزكۇر پىلان «بايلىق بىلەن تېخنىكىنى ئالماشتۇرۇش» تاكتىكىسى ئاستىدا خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ قانۇنلۇق تالان-تاراجلىرىغا يول ئاچقان. يەنى مەزكۇر پىلان يولغا قويۇلۇشتىن ئاۋۋال «ئۇيغۇر ئېلىدا بايلىق مەنبەلىرى مول بولسىمۇ، ئەمما تېخنىكا ۋە مەبلەغ كەمچىلىككى سەۋەبىدىن بۇ بايلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىمكانى يوق. دېڭىز ياقىسى رايونلىرى ئىلغار تېخنىكا ۋە ئىقتىسادقا ئىگە بولسىمۇ، نوپۇسى كۆپ، زېمىن ئاز، تەرەققىيات بوشلۇقى كەمچىل. بۇ ۋەجىدىن شىنجاڭنىڭ زېمىن بايلىقلىرى بىلەن دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ ئىلغار تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىنى ئالماشتۇرۇش ھەر ئىككى جايغا تەرەققىيات ئېلىپ كېلىدۇ» غانلىقى كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغان. شۇنداقلا دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىشىغا قولايلىق سىياسەتلەر بىلەن يېشىل چىراق يېقىپ بېرىلگەن. شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلى ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغىنىڭ ئېنىرگىيە بازىسى» قىلىپ بېكىتىلگەن. يەنى شۇ ۋاقىتتىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى خىتاينى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق ۋە ئەڭ چوڭ بازىغا ئايلاندۇرۇلغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى 85 ناھىيە، شەھەرلەر ئىچىدىكى 59 ناھىيە-شەھەردە ئالتۇن، لىتىي قاتارلىق قىممەتلىك كان بايلىقلىرى جايلاشقان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى لىتىي باتارىيەسى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدىن 14 ى بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسمىغا كەڭ كۆلەمدە جايلاشقان. دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدىكى لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي سانانئەت ئىشلەپچىقىرىشدىكى ئاساسلىق ئەرزان ئەمگەك كۈچى مەنبەسىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلىشىمىز مۇمكىن. «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 2022-يىلى ئىيۇندا ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ توكلۇق ماشىنا ۋە باتارىيە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلدى» تېمىلىق ماقالىسىدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلار ۋە دەلىللەر كۆرسىتىلگەن.
يىغىنچاقلىغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ لىتىي قېزىش، تاللاش ۋە تاۋلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئىش تۈرىنى باشلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق شەكىلدە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئىبارەت شەكلى ئۆزگەرگەن قۇللۇق تۈزۈمىدە زۇلۇم تارتىدىغانلىقىنىڭ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ بايلىق مەنبەلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۇنياغا خوجا بولۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئىقتىسادىي تۈۋرۈكىگە ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنى ئېنىق تونۇپ يېتىش كېرەككى، يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش گەرچە ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم ۋە زۆرۈر بولغان جىددىيەتتۇر.
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.