تايلاند پاناھلىنىش مەركىزىدە بىر يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىك خەۋىرى 2015-يىلى 9-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلانغاندىن كىيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ غەزەپ-نەپرىتى ھەسسىلەپ ئاشتى.
بۇ تېما كىشىلەر ئارىسىدىكى سۆھبەت-مۇنازىرلەرنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى ۋە ھەتتا رامىزانلىق چەكلىمىلەرگە قارشى قوزغالغان ئىنكاسلارغا قوشۇلۇپ، قىياندىن دولقۇنغا ئايلاندى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىدە بۇ مەسىلە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.
2015-يىلى 11- ئىيۇل ئىپتاردىن 12-ئىيۇل سەھەرگىچە ئىبادەت ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولغان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھال-مۇڭلىرى ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى سىياسىي ۋە دىنىي مەسىلىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى بويلاپ كېلىپ، تايلاندتىن قايتۇرۇۋېتىلگەن ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئەركىنلىك چۈشىگە مەركەزلەشتى.
پائالىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ بەس-بەستە پىكىر قېتىشى نەتىجىسىدە ۋەتەن-مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن گوللاندىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش ۋە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان قانلىق بەدەللەرنىڭ ئەكس ساداسىنى ئەركىن دۇنيادا سادالاندۇرۇش ئارقىلىق، تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار تراگېدىيەسىنىڭ تەكرارلانماسلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشتەك مەزمۇنلار بىلەن نەتىجىلەندى.
پائالىيەتتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلار تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجرەت سەپىرىدىكى بۇ ئوڭۇشسىزلىق ھەققىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
بەزىلەر ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا ئېچىنىپ، «ئۇلار مەنپەئەتلەر توقۇنۇشىدىكى سىياسىي ئويۇنلاردا قۇربان بولدى» دەپ قاراپ كۆڭلى يېرىم بولغان بولسا، بەزىلەر ئۇلارنىڭ مۇسىبەتلىك ئاقىۋەتلىرىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان، قانداقتۇر بىر خەيرلىك سىرلارنىڭ بولۇپ قىلىشىنىمۇ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.