تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار قاچان ھۆرلۈككە چىقىدۇ؟

0:00 / 0:00

2000-يىللىرىدىن كېيىن خىتاينىڭ «يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ئىقتىساد ساھىبى» ئىكەنلىكىگە دائىر بايانلارنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر قاچقۇنلىرى ۋە مۇساپىرلىرىنىڭ چەتئەللەردىن خىتايغا قايتۇرۇلۇشىمۇ كۆپ قېتىم كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئەنە شۇ خىلدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭى 2015-يىلى ئىيۇلدا مەلۇم بولدى. خىتايدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن تايلاند تەۋەسىدە قولغا ئېلىنغانلار 200 نەچچە كىشى بولۇپ، شۇلاردىن 100 نەچچە كىشى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئالتە يىللىق خاتىرە كۈنىدە دۇنيادىكى تۇشمۇتۇشتىن ياڭرىغان تەنقىد ۋە قارشىلىق چۇقانلىرىغا قارىماستىن مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلدى. بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلگەن ھالدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قورشاۋىدا خىتاي ئايروپىلانىغا يالاپ ئېلىپ چىقىلغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ياش قىزلارنىڭ ۋە تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوغۇللارنىڭمۇ بارلىقى ھەققىدىكى پاش قىلىشلار، ئۇلارنىڭ خىتايدا تولىمۇ ئېغىر ۋە پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارمۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋەدىسىنى ئالغان تايلاند ھۆكۈمىتىنى بۇ ئىشتىن توختىتىپ قويالمىدى.

شۇ تەرىقىدە تۈركىيە پاسپورتى بولغان 170 ئۇيغۇر تۈركىيەگە يولغا سېلىنغان ۋە خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان 100 نەچچە كىشى خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن «دۆلەت تەۋەلىكى ئېنىق بولمىغان» 52 ئۇيغۇر مۇساپىر ئىزچىل تۈردە تايلاندتىكى قاماق ھاياتىنى داۋام ئەتتۈرۈپ كەلمەكتە. ئەنە شۇ ئىشلارغا سەككىز يىل بولغاندا ھەرقايسى جايلاردىكى 52 ئۇيغۇر تەشكىلاتى كوللېكتىپ بايانات ئېلان قىلىپ، تېخىچە تايلاند كۆچمەنلەر مەركىزىدە قاماقتا يېتىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنى ھۆرلۈككە چىقىرىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ باياناتقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىمزا قويغان بولۇپ «شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن باراۋەر ئىش كۆرۈپ بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى بىخەتەر ئۈچىنچى دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلىمىز» دېيىلدى.

109 ئۇيغۇرنى تايلاندتىن خىتايغا ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 9-ئىيۇل.
109 ئۇيغۇرنى تايلاندتىن خىتايغا ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 9-ئىيۇل. (CCTV)

كوللېكتىپ باياناتتا ئېنىق قىلىپ «بۇ مۇساپىر ئۇيغۇرلار 2013-2015-يىللىرى ئارىلىقىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمدىن قېچىپ چىققان بولسىمۇ ھازىرغىچە ھۆرلۈكنىڭ گىرۋەكلىرىگە يېتىپ بارالىغىنى يوق» دېيىلىدۇ. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى زۇلۇملىرى ئاللىقاچان سىستېمىلىق شەكىل ئالغان قىرغىنچىلىققا ئايلىنىپ بولغانلىقى پاش بولۇۋاتقاندا بۇ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇش ياكى ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ ئوخشاشلا خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ قىسمەتلىرىدىن بۇنى بەكمۇ ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقى، شۇڭا ئۇلارنى تېزدىن بىخەتەر ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يەرلەشتۈرۈش لازىملىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇشتىن باشقا ھېچقانداق گۇناھى يوق ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ ھەم قانۇنىي ھەم ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئوتتوۋا شەھىرىدىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاندتا ھازىرغىچە قاپسىلىپ قالغان بۇ ئۇيغۇرلار قېچىپ چىققاندا ئۇلارنىڭ قولىدا ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق كىملىك ھۆججىتى قالمىغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلاشقا ئامال قىلالماي قالغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنى قوبۇل قىلىشقا مايىل بولغان دۆلەتلەرمۇ «كىملىكسىز» بۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. بۇنىڭدىن باشقا تايلاندقا چۈشۈۋاتقان كۆپ تەرەپلىمە بېسىملارمۇ بۇ ئىشلارغا ئېغىر توسقۇنلۇق پەيدا قىلماقتىكەن. شۇنداق بولسىمۇ يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ جەھەتلەردە بەزى ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان بولۇپ، يەنە بىر قىسىم خىزمەتلەر جىددىي ھالدا تاماملىنىشنى كۈتمەكتىكەن.

جەنۇبىي تايلاندنىڭ سۇڭخلا شەھىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ مېڭىلىش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر ئەرلەر ۋە بالىلار. 2014-يىلى 14-مارت.
جەنۇبىي تايلاندنىڭ سۇڭخلا شەھىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ مېڭىلىش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر ئەرلەر ۋە بالىلار. 2014-يىلى 14-مارت. (REUTERS)

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تولىمۇ قاتتىق بولغان نازارەت ۋە كونتروللۇق سىستېمىسى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان ۋاقىتلاردا مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ توپ-توپ ھالدا ھېچ توسقۇنسىز خىتاي ئۆلكىلىرىنى كېزىپ يۈننەندىكى چېگراغا توپلىنىشى ۋە بۇ جايدىن «ئوڭۇشلۇق» ھالدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە ئۆتۈپ كېتىشى، كېيىن ئۇلارنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيە قاتارلىق جايلاردا پەيدا بولۇشى ھەققىدە يىللاردىن بۇيان بۇنىڭدا كۆپلىگەن «سىرلىق ئامىللار» نىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مەمەت توختى ئەپەندى بۇنىڭدا ھەقىقەتەن شۇنداق گۇمانلىق ئامىللارنى يوق دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۆزلىرىنى «تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى» دەپ داۋراڭ سېلىپ كەلگەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە يوللىرى ئارقىلىق «ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا جەڭ قىلغانلىقى» ھەققىدىكى مەنزىرىنى يارىتىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا پەردازلىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئەنە شۇ يوسۇندا ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتلەردىكى قاتمۇ-قات بېسىملار ئىچىدە «كىملىكسىز تۇتقۇنلار» غا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە تېگىشلىك خىزمەتلەرنى داۋام قىلدۇرماقتىكەن.