ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكراتىك دۆلەتلەر، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تايلاندنى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان بولسىمۇ، لېكىن تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال كۈنى 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا مەخپىي قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئاشكارا بولدى. مۇتەخەسسىسلەر تايلاندنىڭ خىتاي بىلەن بولغان چوڭقۇر ئىقتىسادىي، سىياسىي مۇناسىۋىتى ۋە خىتاينىڭ تايلاندتىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەسىرى تۈپەيلىدىن بۇ پاجىئەنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار تايلاندنىڭ ھازىر خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە شېرىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال كۈنى قاتتىق قارشىلىقلارغا قارىماي، 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا مەخپىي قايتۇرۇپ بېرىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىسسارىياتى 27-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تايلاندنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى تايلاندنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە دۆلەت ۋە خەلقئارا قانۇنلار بويىچە ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېيىلگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركۇ رۇبىيو (Marco Rubio) 27 فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندنىڭ ئاز دېگەندە 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشىنى «مۇمكىن بولغان ئەڭ قاتتىق ئىبارىلەر» بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەيۋىد لامى، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانېي جولېي، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېنىي ۋوڭ قاتارلىقلار بايانات ئېلان قىلىپ تايلاندنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشىغا «كۈچلۈك رەۋىشتە قارشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەنىدى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا 48 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى خەۋىرى چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكراتىك دۆلەتلەر، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىپ قىلىپ بېسىم قىلغانىدى. ئەمما تايلاند باش مىنىستىرى پېتوڭتارىن شىناۋاترا (Paetongtarn Shinawatra) خىتاينى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تايلاند ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ بېسىمىغا قارىماي 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بەردى.
ئۇنداقتا ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكراتىك دۆلەتلەر، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان بولسىمۇ نېمە ئۈچۈن تايلاند ھۆكۈمىتى 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بەردى؟ بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشى خىتاينىڭ تايلاندنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. كۆپ ئېھتىمالدا، بۇ، ھازىر تايلاندنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارىغاندا خىتايغا تېخىمۇ يېقىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشى تايلاندنىڭ ھازىر خىتايغا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، يەنى خىتايغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى تايلاند يولسىز ۋە قورقۇنچلۇق بىر ئىشنى قىلىۋاتىدۇ. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇنىڭ ئېنىقلا خىتاينىڭ تەرىپىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركۇ رۇبىيو باياناتىدا: «ئامېرىكانىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتىدىكى تايلاندنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئەندىشىلەندۇق. بۇ، تايلاندنىڭ ‹ب د ت تەن جازاسىنى چەكلەش ئەھدىنامىسى› ۋە ‹خەلقئارا مەجبۇرىي غايىب قىلىشتىن خالىي بولۇش ئەھدىنامىسى› دا ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىش خەۋپىنى شەكىللەندۈرمەكتە» دېگەنىدى.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (RAND Corporation) ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى دوكتور رايموند كو (Raymond Kuo) تايلاندنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشى، تايلاند ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە تايلاند خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى:
«كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلەنگەن يەرگە ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇش ياخشى ئىش ئەمەس. كىشىلەرنى شۇ مۇھىتقا قايتۇرۇش ياخشى ئەمەس. تايلاندنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىسى بار. تايلاندنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى بار. تايلاند ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى بويىچە شېرىكى، ئۇلار ئارىسىدا ئۆزئارا ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى بار».
دوكتور رايموند كو (Raymond Kuo) يەنە مۇنداق دېدى:
«ھازىر بىز بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرەمدۇق ياكى ئىقتىسادىي، سودا ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرەمدۇق؟ دېگەن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەمما ئاخىرىدا ئۇلار يەنى تايلاند ئىقتىسادىي، سودا ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشنى تاللىدى. گەرچە تايلاندنىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇداپىئە كېلىشىمى بولسىمۇ، لېكىن بۇ مۇناسىۋەت پەقەت خەتەردىن قوغدىنىش رولىنىلا ئوينىغان ئىدى. تايلاند خىتاينى چەتكە قېقىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ خىتايغا قارىتا بىخەتەرلىك ئەندىشىسى بار. شۇنداقلا خىتاي بىلەن چوڭقۇر ئىقتىسادىي، سىياسىي مۇناسىۋىتىمۇ بار. شۇڭا ئۇلار ھەم ئامېرىكىنى ۋە خىتاينى خۇشال قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇلار تاللاشقا مەجبۇرلانغاندا، خىتاي تەرەپكە تېخىمۇ مايىل بولغاندەك قىلىدۇ».
«خىتاينى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش ژۇرنىلى» (China Briefing Magazine) غا ئاساسلانغاندا، خىتاي تايلاندنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، تايلاند بولسا خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئۈچىنچى چوڭ سودا شېرىكى ئىكەن. 2023-يىلى، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 126 مىليارد 280 مىليون دوللارغا يەتكەن. خىتاي تايلاندنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت بازىرى بولۇپ، تايلاند دېھقانچىلىق ئېكسپورتىنىڭ %40 تىن كۆپرەكىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىدىكەن. «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» (Global Times) گە ئاساسلانغاندا، خىتاي 2023- ۋە 2024-يىلى تايلاندنىڭ ئەڭ چوڭ تاشقى مەبلەغ سالغۇچىسىغا ئايلانغان.
گوردون چاڭ تايلاندنىڭ ھازىر خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى باشقا جىنايەتلىرىگە شېرىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قايتىدىغانلىقى ئېنىق. ئۇلار قىيىن-قىستاققا ئېلىنىشى مۇمكىن. بەلكىم ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى مۇمكىن. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باشقا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. شۇڭا تايلاند ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش، يەنى ئۇيغۇرلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ دەھشەتلىك جىنايەتلىرىگە ياردەم قىلماقتا. شۇڭلاشقا، تايلاند ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا شېرىك. شۇڭا بىز ئۇنىڭ يولسىز ھەرىكىتى ئۈچۈن ئۇنى ئەيىبلىشىمىز كېرەك».