«شىنجاڭ» دېگەن بۇ نام خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار بۇنى ھاقارەتلىك نام دەپ قاراپ كەلمەكتە ۋە ئۇنى قوللىنىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك بۇ نامنى بايقۇت قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىدە دەپسەندە قىلىنغان مىللىي غۇرۇر ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتلەر، ئۇيغۇرلارنى «شىنجاڭ» دېگەن بۇ ئاتالغۇدىن قاتتىق سەسكەندۈرگەن، ئەلۋەتتە. ئۇيغۇر دىياسپوراسىدا «شىنجاڭ» دېگەن نامنىڭ ئورنىغا «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى قوللىنىشمۇ دەل شۇ سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان. «شەرقىي تۈركىستان» نامىنى «شىنجاڭ» دېگەن لەنەتلىك نامنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىش بەزىدە بىر قىسىم قولايسىزلىقلارنى پەيدا قىلسىمۇ، مەسىلەن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي» دەيدىغان يەرگە «شەرقىي تۈركىستان پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي» دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» نامىنى قوللىنىشقا بولىدىغان ھەرقانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي كەلدى. ھەتتا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئايرىم سىياسىيونلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ لەنەتلىك نامدىن ھاقارەت ھېس قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، بەزى غەيرى-رەسمىي سورۇنلاردا «شىنجاڭ» دېمەي، «شەرقىي تۈركىستان» دەيدىغان ئەھۋاللارمۇ پات-پات كۆرۈلمەكتە. قىزىق يېرى شۇكى، يېقىندىن بۇيان خىتاي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىمۇ «شىنجاڭ» نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەكلىكى، ھەتتا «شىنجاڭ» دېگەن نامنىڭ ئورنىغا «غەربىي دىيار» (西域) دېگەن نامنى قوللىنىش تەشەببۇسلىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. دەرۋەقە، ئۇيغۇرلار «شىنجاڭ» دېگەن بۇ نامدىن ھەر ۋاقىت راھەتسىز بولىدۇ، ئەمما خىتايلار نېمىشقا بۇ نامدىن راھەتسىز بولىدۇ؟ ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن تارتىپ نەپرەتلىنىپ كەلگەن بۇ لەنەتلىك نامنى خىتايلار ئەسلىدە داۋاملىق قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك ئىدىغۇ؟
ئەسلىدە خىتاينىڭ «شىنجاڭ» دېگەن نامنى «غەربىي دىيار» غا ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشى، ھەتتا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى بىر قانچە ئۆلكىلەرگە بۆلۈۋېتىش ئارقىلىق «شىنجاڭ» دېگەن نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەشەببۇسى بۈگۈنلا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان بىر تاسادىپىي قاراش ئەمەس. خىتايدا بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشلار بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىللار بۇرۇنلا باشلانغان ۋە بۈگۈنگىچە ئىزچىل داۋام قىلماقتا. ھالبۇكى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر تەرىپى شۇكى، خىتايلار ئارىسىدا شۇنچە ئۇزۇن يىل تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولغان بۇ مەسىلىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىدىن يىراقتا قالغانلىقى ئىدى.
بۇ ھەقتە خىتاي ئىچىدە بولغان تالاش-تارتىشلارغا نەزەر ئاغدۇرغاندا، «شىنجاڭ» دېگەن نامنى «غەربىي دىيار» غا ئۆزگەرتىش تەشەببۇسى ئەسلىدە خىتاينىڭ سىياسەتشۇناسلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشىپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ھەقتە خېلى باش قاتۇرغانىكەن. يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققان «شىنجاڭ» نامىنى ئۆزگەرتىش قارىشىدىكىلەر ئىچىدە «قايىل قىلىش كۈچى ئەڭ يۇقىرى» دەپ قارالغان تەشەببۇسنى سىنگاپوردا چىقىدىغان «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك ئوبزورچىسى يۈ شىيۈ (于时语) ئوتتۇرىغا قويغانلىقى مەلۇم. يەنى يۈ شىيۇ 2009-يىلى ئاۋغۇستتا سىنگاپوردا چىقىدىغان «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» (Lianhe Zaobao) تورىدا «‹شىنجاڭ› نامىنى ئەسلىدىكى ‹غەربىي دىيار ئۆلكىسى› گە ئۆزگەرتىش كېرەك» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلغان. ئۇ بۇ ئوبزورىنىڭ بېشىدىلا مۇنداق دەپ يازغان: «شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قاتلىمى دەل ‹شىنجاڭ› دېگەن بۇ نام مەسىلىسىدۇر. بۇ مەسىلە ئاللىبۇرۇن خىتاينىڭ گېئو-سىياسىتىدىكى بىر يۈك بولۇپ قالدى. چۈنكى غەرب دۇنياسى ۋە شىنجاڭ مۇستەقىلچىلىرى بۇ نامدىن تولۇق پايدىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. . .»
يۈ شىيۈ مەزكۇر ئوبزورىدا، «شىنجاڭ» دېگەن بۇ نامنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە غەرب دۇنياسى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىدىكى كۈچلۈك بىر كوزىرغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، شۇڭا بۇ نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خەن ۋە تاڭ سۇلالىرىدىن باشلاپلا خىتايچە مەنبەلەردە قوللىنىلغان «غەربىي دىيار» (西域) دېگەن نامنى قوللىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

شۇنىڭدىن كېيىن «شىنجاڭ» نامىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر خىتايدا تېخىمۇ يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلۈپ، ھەتتا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونوم رايونلارنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى كۈچلۈك بولغان مىللەتلەرنى مەجبۇرىي يوسۇندا «جۇڭخۇا مىللىتى» گە ئايلاندۇرۇۋېتىش تەشەببۇسلىرىمۇ كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن خۇ ليەنخې ۋە خۇ ئەنگاڭلارنىڭ 2011-يىلى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان ۋە زور مۇنازىرە قوزغىغان «ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» دوكلاتى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرىدۇر. مەزكۇر دوكلاتتا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىش، زۆرۈر تېپىلسا قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ مەجبۇرىي يوقىتىش تەشەببۇس قىلىنغان. بۇ خىل تەشەببۇسلارنىڭ كۈچىيىشى ئەينى يىللىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ زور غۇلغۇلا قوزغىغان. يەنى ئەينى ۋاقىتتا «ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» ناملىق بۇ دوكلاتنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ۋە خىتاينىڭ بۇنداق بىر سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى توسۇش ئۈچۈن ھاياتى بەدىلىگە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋەكىلى دەل ئىلھام توختىدۇر. ئىلھام توختى 2011-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىگە مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە مەخسۇس بىر دوكلات سۇنغان. ئۇ دوكلاتىدا خىتاينىڭ «ئاساسىي قانۇنى»، «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» ھەمدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نىزاملىرىغا ئاساسەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلسە، مىللەتلەر مەسىلىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدىغانلىقىنى تۈرلۈك پاكىتلار بىلەن يورۇتقان.
دەرۋەقە، خىتايدا «شىنجاڭ» دېگەن نامنى يوقىتىش تەشەببۇسلىرى ئوتتۇرىغا چىققان 2009-يىلىدىن تاكى بۈگۈنگىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا بىرىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغانلىقىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي كەلدى. ئەمەلىيەتتە بولسا 2010-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىگە «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم» نامىدا بۆلۈپ بەردى. «ياردەم» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن خىتاي ئاققۇنلارغا ھەتتا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دىكى مەمۇرىي ئورگانلاردا بىرىنچى قول رەھبەر بولۇش ئىمتىيازىنى بەردى. تىجارەت نامىدا كەلگەنلەرگە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ھەقسىز ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بەردى. شۇنداق بولۇپلا قالماي يەنە، شى جىنپىڭ تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيان «جۇڭخۇا مىللىتى» پەيدا قىلىش خىتاينىڭ مۇھىم نىشانىغا ئايلاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەمۇرىي ۋە ئىقتىسادىي ھەقلىرىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكى» نى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىپ، ئۇلارنى ئۆز كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىدى. دېمەك، خىتاي ئەمەلىيەتتە «ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى» نى ئاللىبۇرۇن يولغا قويۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن «قۇيرۇق كۆرسىتىپ، ئۆپكە سېتىش» يولىنى تۇتقانلىقى ئېنىق. چۈنكى خىتاينىڭ نىشانى خىتاينى پارچىلاش ئەمەس، بەلكى تارىختىكى مەنچىڭ ئىمپىرىيەسىنىڭ مۇستەملىكە خەرىتىسىگە كىرگەن بارلىق زېمىنلارغا ۋارىسلىق قىلىشتۇر. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى بۈگۈنكى خىتاينىڭ ئارزۇسى دۇنيانى ئۆزىگە ماسلاشتۇرۇپ «بۈيۈك جۇڭخۇا ئىمپېرىيەسى» قۇرۇش، ئامېرىكانىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، دۇنياغا خوجا بولۇشتۇر. شۇنداقكەن، خىتاينىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى»، «خەلقئارا قانۇن»، «خەلقئارا كېلىشىمىز» دېگەنلەرگە ئەمەل قىلىشتىن ئېغىز ئېچىش بىر ئەخمىقانىلىك، خالاس! شۇڭىمۇ خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى» مەسىلىسىدە ساختىپەزلىك قىلىشى، «ئاپتونومىيە قانۇنى» نى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىكى، ھەتتا ئۆزلىرى قويغان «شىنجاڭ» دېگەن نامدىنمۇ قورقۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ كويىغا چۈشۈشى، دەل بۇ سەۋەبتىندۇر.
بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ «ئاساسىي قانۇنى» ۋە «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» دىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلاردا نېمىلەر دېيىلگەنلىكىگە قاراپ بېقىش ئارتۇقچە ئەمەس، ئەلۋەتتە.
خىتاينىڭ 1954-يىلى ئېلان قىلغان «ئاساسىي قانۇنى» نىڭ 67-، 68-، 69-ۋە 71-ماددىلىرىدا «ئاپتونوم ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈش شەكلى مەزكۇر رايوندىكى كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان مىللەتنىڭ ئارزۇسى بويىچە بېكىتىلىدۇ» دېيىلگەن بولسا؛ 72-ماددىسىدا، «يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ئاپتونوم رايونلاردا ئاپتونومىيە ھەقلىرىنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە مۇتلەق يوسۇندا كاپالەتلىك قىلىشى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن. ھالبۇكى، ئەمەلىيەتتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ بويىچە ئەمەس، بەلكى ئىزچىل ھالدا خىتايلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە «ئاپتونوم ھوقۇقى» يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» غا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا نازارەتچىلىك قىلىدىغان يېرىم ھەربىي قانۇنسىز ئورگان بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل ياردەمدە بولۇپ كەلدى.
«مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ 10-ۋە 11-ماددىسىدا، «ئاپتونوم رايونلاردا شۇ رايوننىڭ ئىگىسى بولغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇنداقلا دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار» لىقى بېكىتىلگەن. ئەمما رېئاللىقتا ئۇيغۇرلار بۇ ھەقلىرىنىڭ ھەممىسىدىن مەھرۇم قىلىندى.
«مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ 16-ماددىسىدا، «ئاپتونوم رايونلارنىڭ خەلق ۋەكىللىرى ئاپتونوم ھوقۇقىغا ئىگە مىللەتلەردىن بولۇشتىن سىرت، ئاپتونوم رايوندا ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەرگىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا ۋەكىللىك نامزاتى بېرىشى كېرەك» دېيىلگەن. ئەمما رېئاللىقتا بولسا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتالمىش «خەلق ۋەكىللىرى» ئىچىدە خىتايلارنىڭ سانى ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش ھەتتا ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن كۆپ بولۇپ كەلدى. مىسالغا ئالساق، ئىلھام توختى 2013-يىلى گوللاندىيە مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرىنىڭ سانى 60 نەپەر. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ۋەكىللەرنىڭ سانى ئوخشاشلا 23 نەپەردىن بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئاپتونوم رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 47 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، خىتاي نوپۇسى بولسا 40 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ. نوپۇستىكى پەرق بىلەن ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتى بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدۇ».
«مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ 24-ماددىسىدا، «ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزىدىغان رايونلار دۆلەتنىڭ ھەربىي تۈزۈمى ۋە يەرلىكنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەركەزنىڭ تەستىقى بىلەن ئۆزىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغدايدىغان جامائەت خەۋپسىزلىك قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقسا بولىدۇ» دېيىلگەن. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇيغۇرلارغا بۇنداق بىر خەۋپسىزلىك قوشۇنى قۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى ھەربىي نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ كەلدى.
ناۋادا ئۇيغۇرلارنىڭ «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى» ھەقىقىي مەنىدە بېرىلگىنىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇچ كېلىدىغان بىرىنچى مەسىلە، ئۇيغۇر ئېلى 1955-يىلى كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن نام بىلەن ئاتالغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ «ئاپتونومىيە ھوقۇقى» نىڭ خەلقئارا نىزاملارغا خىلاپ ھالدا ئېغىر دەپسەندە قىلىنغانلىق مەسئۇلىيىتىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈشى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە خىتاينىڭ «ئاساسىي قانۇنى»، «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» غا خىلاپ ھالدا قانۇنسىز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» مەسىلىسى، بىڭتۈەن ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇقەررەر ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھەققىگە ئىگە بولغان بىر مىللەت بولغانلىقىدەك بىر ھەقىقەتنى ئاشكارىلايدۇ!
دېمەك، بۇ ئىشتىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان نەتىجە مۇقەررەر ھالدا خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى بۇنداق قىسمەتلەر يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭلا بېشىغا كەلگەن بولماستىن، بەلكى باشقا خەلقلەرنىڭمۇ بېشىغا كېلىپ باققان. يەنە كېلىپ، خەلقئارادا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ۋە نەتىجىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خەلقنىڭ مۇستەقىل بولۇشى بىلەن نەتىجىلەنگەن كوسوۋونىڭ مۇستەقىل بولۇشىدەك ئۆرنەكلەر بولغان. كوسوۋولۇقلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرى سېربىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، كوسوۋولۇقلار قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرگەن. بۇ خىل قارشىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سېربىيە ھۆكۈمىتى كوسوۋو خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكچى بولغىنىدا، ناتو ئەسكەر ئەۋەتىپ، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توسقان. كوسوۋومۇ بۇ پۇرسەتتە مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. گەرچە ب د ت تاكى بۈگۈنگىچە كوسوۋو مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما كوسوۋو يەنىلا بىر مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. كوسوۋو مەسىلىسى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئۈمىدكە چاقىرىدىغان بىر پەرق شۇكى، كوسوۋو تارىختا سېربىلارنىڭ زېمىنى بولۇپ، ئوسمان ئىمپېرىيەسى بالقان يېرىم ئارىلىنى ئۆز تەۋەلىكىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، كوسوۋودىكى يەرلىك خەلقلەر مۇسۇلمانلاشقان ھەمدە خىرىستىيان دىنىدىكى سېربلاردىن ئايرىم كىملىككە ئىگە بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ سابىق يۇگوسلاۋىيە فېدېراتسىيەسى قۇرۇلغاندا كوسوۋودىكى ئالبانلارنىڭ نوپۇسى 90 پىرسەنتتىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جاي سېربىيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدىكى ئاپتونوم رايون قىلىپ بېكىتىلگەن. كوسوۋودىكى ئالبانلارنىڭ دەل مۇشۇنداق ئاپتونومىيە ھەققى بولغانلىقى ئۈچۈن، سابىق يۇگوسلاۋىيە فېدېراتسىيەسى پارچىلانغاندا سېربىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، شۇنداقلا ئۇلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن. كوسوۋو خەلقى دەل مۇشۇ «ئاپتونومىيە ھەققى» نى دەستەك قىلىپ، ئاخىرىدا مۇستەقىل كوسوۋو دۆلىتىنى قولغا كەلتۈردى. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسلىق يەرلىك خەلقىدۇر، شۇنداقلا بۇ زېمىننىڭ ھەقلىق ئىگىسىدۇر! مەنچىڭ ئىمپېرىيەسى يىمىرىلگەندىن كېيىن بۇ مۇستەملىكە تۇپراق مىللەتچى خىتايلار قۇرغان جۇڭخۇا مىنگونىڭ، 1949-يىلىدىن كېيىن خىتاي كوممۇنىستلىرى قۇرغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ئەسلا توختاپ قالمىغان. بۇنى خىتايمۇ ناھايىتى ئېنىق بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىزچىل يوسۇندا «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى»، «خىتاي بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت» دېگەن تەشۋىقاتلارنىڭ قىلىپ كەلمەكتە. ھەتتا ساختا تارىخ ياساپ، «ئۇيغۇرلار بۇ رايونغا كېيىن كۆچۈپ كەلگەن»، «شىنجاڭنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىسى خىتايلار ئىدى» دېگەندەك بىمەنە سەپسەتەلەرنى بازارغا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۇپراققا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.
يىغىپ كەلسەك، خىتاينىڭ نۆۋەتتە «شىنجاڭ» دېگەن نامدىن بىئارام بولۇشى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بەكرەك باش قاتۇرۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇپ كېتىشىدىن قورققانلىقىدىندۇر. چۈنكى «شىنجاڭ» دېگەن نام مەنچىڭ ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن قويۇلغان ۋە ئەسلى مەنىسى «مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن» نى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇدۇر. گەرچە بۇ مۇستەملىكىلىك مەنچىڭ ئىمپېرىيەسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئاخىرلىشىشى كېرەك بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار تاشقىي موڭغۇلىيە مۇستەقىللىق جاكارلىغاندەك، بۇ تارىخىي پۇرسەتكە نائىل بولالمىغان ياكى بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغان. ئەكسىچە 1912-يىلى مىللەتچى خىتايلارنىڭ داھىيسى سۇن ياتسېن (سۇن جۇڭشەن) جاكارلىغان «بەش مىللەت جۇمھۇرىيىتى» (五族共和) ياكى جۇڭخۇا مىنگونىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالغان. مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھاكىمىيىتى 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ئىچكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ كۈنلۈكى ئاستىغا كىرىپ قېلىشىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ستالىننىڭ قولىمۇ بار بولۇپ، بۇ قوشۇلۇشقا «ئاپتونومىيە ھوقۇقى» نىڭ ۋەدە قىلىنغانلىقى ئېنىق. بۇنى خىتاينىڭ «ئاساسىي قانۇنى» غا كىرگۈزۈلگەن خىتايدىكى مىللەتلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلىنغان «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى» دىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
دەرۋەقە، «شىنجاڭ» دېگەن نامنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پولاتتەك ئىسپاتتۇر. مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھەقلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاي زېمىنىغا قوشۇلۇپ قېلىشى، ئۇلارنىڭ تۇپراق ئىگىسى بولغانلىقىدەك ھەقىقەتنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ. پەقەت «شىنجاڭ» دېگەن نام مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلق ئىكەنلىكىدەك بىر ھەقىقەت ئەسلا ئۆزگەرمەيدۇ. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» مەۋجۇتلا بولىدىكەن، خىتاي ئۆزىنىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ھەرگىز ئاقلىيالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن خىتاي «شىنجاڭ» نامىنى بىر ئامال قىلىپ ئۆزگەرتىش، پەقەت بولمىسا، ئۇيغۇرلارنى مىللىي كىملىكلىرىدىن تاندۇرۇپ، ئاپتونومىيەنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ پېيىدە يۈرمەكتە.
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]