شى جىنپىڭنىڭ يېڭى پادىشاھلىقى: بېشارەتلەر ۋە ئىبرەتلەر

0:00 / 0:00

16-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 96 مىليوندىن كۆپرەك ئەزاسىدىن تاللانغان 2296 نەپەر ۋەكىل بېيجىڭغا جەم بولۇپ شى جىنپىڭنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق رەئىسلىك مۇددىتى ئۈچۈن «سايلام» غا چۈشتى. گەرچە شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىپ «ئىككى نۆۋەتلىك رەئىس بولۇش» قائىدىسىنى بىكار قىلىشى، ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بارلىق «سىياسىي رەقىب» لىرىنى كۆزدىن يوقىتىشى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارى ۋە خوڭكوڭدا باستۇرۇشنى ئەۋجىگە چىقىرىشى تۈرلۈك ئىجابىي شەكىللەردە تەشۋىق قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ شى جىنپىڭ ھەققىدىكى ئىجابىي ئۈمىدلەر ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق رەئىسلىك مۇددىتى مەزگىلىدە بارغانسېرى گۇمانلارغا ئورۇن بوشىتىشقا باشلىدى. دەرۋەقە بۇ قېتىملىق 20-قۇرۇلتايدا شى جىنپىڭ ئوقۇپ چىققان ئىككى سائەتلىك دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن ئون يىلدا قولغا كەلتۈرگەن «مۇۋەپپەقىيەتلىرى» تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە بۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى رەئىسلىك مەزگىلىدە بۇ ئىشلارنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىدىغانلىقىدىن كۈچلۈك بېشارەتلەر بېرىلدى.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى نۇتقىدا خىتاينىڭ «تەرەققىياتى» ۋە «ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئۆسۈش ئەھۋالى» ئالاھىدە يەر ئالدى. خۇددى ئىلگىرىكى پارتىيە قۇرۇلتايلىرىدا تىلغا ئېلىنغانغا ئوخشاش بۇ قېتىممۇ شى جىنپىڭ «ئىقتىسادىي تەرەققىيات» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نەزىرىدە «ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى ۋەزىپە» ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ھالبۇكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى رىچارد نىكسون خىتاينىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقاندىن بۇيانقى يېرىم ئەسىردە ئامېرىكا كۆپلىگەن پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلەندۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭ باش كۆتۈرۈشىنى ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇنلاشقان ھالدا داۋام قىلدۇرماقچى بولغان بولسىمۇ بۇ ئارزۇ ئاقىۋەتتە رېئاللىققا ئايلىنالمىغان. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇس تۈپەيلىدىن ئىجرا قىلغان بىر قاتار تەدبىرلىرى خىتاي ئىقتىسادىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋەتكەن بولسىمۇ شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق نۇتقىدا بۇ نۇقتا زادىلا تىلغا ئېلىنمىغان. شۇنىڭدەك تەبىئىي تەرەققىياتنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلىنىشىدەك تۈپكى رېئاللىققىمۇ كۆز يۇمۇلغان.

شى جىنپىڭ بۇ قېتىملىق نۇتقىدا خىتاينىڭ تاشقى سىياسەت ساھەسىدىكى «تەرەققىياتى» ھەققىدە سۆز قىلىپ: «دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيانى قايتا قۇرۇپ چىقىشتىكى خەلقئارالىق تەسىرى ۋە قۇدرىتى ئۆتكەن ئون يىلدا زور دەرىجىدە يۈكسەلدى. دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئىنسانىيەتكە زامانىۋىلىشىشقا يېتىشنىڭ يېڭى تاللاشلىرىنى بەخش ئېتىدۇ» دەيدۇ. ئۇ بۇ خىلدىكى سۆزلەرنى 2017-يىلىدىكى پارتىيە قۇرۇلتىيىدىمۇ قىلغان بولۇپ «بىز شەرقتە گىگانتلارچە مۇستەھكەم قەد كۆتۈردۇق» دېگەن. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارى ۋە خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشلار يۇقىرى پەللىگە چىققان. رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىق ھەمدە تەيۋەن بوغۇزىدىكى كۈچ كۆرسىتىش دائىملىق ھادىسىگە ئايلانغان. كېيىنچە خىتاينىڭ دۇنياۋى تەرتىپنى قايتا بەلگىلەشكە ئۇرۇنۇپ ھاكىممۇتلەقلىق ۋە دىكتاتورا ئاساسىدىكى تۈزۈلمىنى دۇنياغا كېڭەيتمەكچى بولغانلىقى ھەمدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى ئورنىتىپ چىققان ئەركىن بازار ۋە دېموكراتىيە ئاساسىدىكى تەرتىپنى ئاغدۇرماقچى بولغانلىقى مەلۇم بولغان. ئەمدىلىكتە شى جىنپىڭنىڭ يېڭىدىن رەئىس بولۇش ئالدىدا بۇ خىلدىكى سۆزلەرنى قىلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئامېرىكادىكى مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇنىڭغا يوشۇرۇنغان مەنىلەرنىڭ قاتلىمىغا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دۇنيا ئۈچۈن نېمىدىن بېشارەت بېرىشىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق دوكلاتىدا تەيۋەن مەسىلىسى مەركىزىي تېمىلاردىن بولغان. گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم خىتاي ناۋادا تەيۋەنگە قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزسە ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا بىۋاسىتە ئارىلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، شى جىنپىڭ بۇ قېتىممۇ «بىز تەيۋەننى تىنچلىق بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىرادىمىزدىن ۋاز كەچمەيمىز. شۇنداقلا ھېچۋاقىت قورال كۈچى ئىشلەتمەيمىز، دەپ ۋەدىمۇ بېرەلمەيمىز» دېگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىلشات ھەسەن مۇشۇنىڭ ئۆزى شى جىنپىڭنىڭ كاللىسىدىكى «قەھرىمانلىق ئارزۇسى» نىڭ ئەكس ئېتىشى ئىكەنلىكىنى، ناۋادا بۇ ئارزۇ ئەمەلگە ئاشسا تەيۋەننىڭ تەقدىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن ھېچقانچە پەرق قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى چېكىنىشى ۋە بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئەجەللىك زەربە بولۇۋاتقانلىقى تاشقى دۇنيادا كۆپ قىسىم كىشىلەرگە مەلۇملۇق رېئاللىق بولسىمۇ بۇ مەسىلە خىتايدا ئاشكارا تىلغا ئېلىنمايدىغان تېمىلاردىن بولۇپ كەلگەنىدى. شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى نۇتقىدا 2017-يىلىدىكىدىن پەرقلىق ھالدا «تېجەشلىك ۋە ئىقتىسادچىللىق» بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدەك بۇنىڭ «ئورتاق گۈللىنىش» نىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. نۆۋەتتە بۇ ھال خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى ھەققىدىكى ۋاسىتىلىك بايان، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى شى جىنپىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان شۇنچە كۆپ ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ بۇ سىياسەتنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، شۇنىڭدەك بۇنىڭ ئۆزگەرتىلمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىلشات ھەسەن يالغۇز بۇنىڭلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى شى جىنپىڭ داۋاملىق رەئىسلىككە چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يوليورۇقلىرىنىڭمۇ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىگە كۈچ چىقىرىش، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق سۆزلىرىمۇ تاشقى دۇنيانىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.