خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىدىن قېچىپ تۈركىيەگە كەلگەن زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىك خەۋىرى تۈركىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇۋاتقان ئاچىسى جەننەتگۈل خانىم 27-ئىيۇل كۈنى تۈركىيەنىڭ سىڭلىسى زىننەتگۈل ۋە ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتىنى خىتايغا قايتۇرغانلىقى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاۋازلىق ئۇچۇر تارقاتتى. ئاۋازلىق ئۇچۇردا ئۆزىنىڭ يۇرتىدىكى ئانىسى بىلەن 25-ئىيۇل كۈنى تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىنى، ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا «سىڭلىڭنىڭ ئىككى بالىسى كەلدى، سىڭلىڭ يوقاپ كەتتى» دېگەنلىكىنى ھەمدە «تېلېفونۇڭدىن تېلېفون نومۇرۇمنى ئۆچۈرۈۋەت» دەپلا تېلېفونىنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. جەننەتگۈل تۇرسۇن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
بۇ خەۋەرگە تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە تۈرك ئاخباراتلىرىدا كەڭ-كۆلەمدە ئورۇن بېرىلدى. تۈركىيەدىكى «قارار» گېزىتى بۇ ھەقتە باش ماقالە ئېلان قىلىپ، «زىننەتگۈلنى قوغداپ قالالمىدۇق» دېدى. مەزكۇر باش ماقالە زىننەتگۈلنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇۋاتقان ئاچىسى ۋە تۈركىيەدىكى بەزى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ يېزىلغان بولۇپ، ماقالىنىڭ ئاخىرىدا تۈرك ھۆكۈمىتى ئەيىبلەنگەن.
مەزكۇر باش ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن 28-ئىيۇل كۈنى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ۋە تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئاياز ئەپەندى تۈركىيەنىڭ قەھرەمانماراش شەھىرىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى. مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىننى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيەلەر نەق مەيداندىن خەۋەر قىلدى. كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئاياز ئالدى بىلەن زىننەتگۈل تۇرسۇن توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تۈركلەردىن بولغان زىننەتگۈل قېرىندىشىمىز ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئۈچۈن بىزگە ئىلتىماس قىلىپتۇ. بىزنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىمىز ‹سېنىڭ شەرتىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئېلىشقا توشمايدىكەن› دەپ رەت قىلىپتۇ. ‹سەن قىسقا ۋاقىتلىق ئىقامەتكە ئىلتىماس قىل، بېرىمىز› دەپتۇ، ئۇنىڭغا قىسقا مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىمىز. بۇ ھەقتە بەلگىلىمىلەر بار.»
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا جەھەتلەردىن بېسىم سىياسىتى بار دۆلەتلەرگە ھېچكىمنى قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز مۇساپىرلارنى دۆلىتىدە كىشىلىك ھوقۇقى جەھەتتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان ياكى زۇلۇم قىلىنىدىغان دۆلەتلەرگە قايتۇرمايمىز. بۇنداق ئادەملەرنى تۈركىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس. مەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندىن بېرى ئىككى-ئۈچ قېتىم قايتۇرۇۋېتىش ئەھۋالى سادىر بولدى. مېنىڭ خەۋىرىم بولماستىن بىر كىشى مىسىرغا ئەۋەتىلدى. بۇ ھەقتە ۋىجدانىي جەھەتتىن ئۆزۈمنىڭ مەسئۇلىيىتىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن. بىز ھېچكىمنى قايتۇرمايمىز. بىز دۆلەت باشقۇرۇۋاتقان بىلەن يەنىلا ئىنسان بىز.»
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا زىننەتگۈل تۇرسۇن قىسقا مۇددەتلىك ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇ ئىقامەت بېرىلىدىكەن. ئۇنداقتا، تاجىكىستانغا ئەۋەتىۋېتىلگەن كىشى كىم؟ زىننەتگۈل تۇرسۇن قەيەردە؟ بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ ئىش توغرىلىق تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىنىڭ بۇ باياناتىدا ۋاسىتىلىك ھالدا بولسىمۇ زىننەتگۈلنىڭ خاتا ھالدا ئەۋەتىلىپ قالغانلىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغانلارنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن جازالىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
جەننەتگۈل خانىم سىڭلىسى زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەلمەيۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تۈركىيە ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەردىن سىڭلىسىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ ئەكېلىش مەسىلىسىدە ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ زىننەتگۈل توغرىسىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچ سائەت 12 يېرىمدا سۈرىيەدىن تۈركىيەگە قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەن، پاسپورت ۋە كىملىكى يوق، ئۆزىنى «خىتاي پۇقراسى زىننەتگۈل تۇرسۇن» دەپ تونۇشتۇرغان تاجىكىستانلىق رەھىمە ماخمۇدوۋانىڭ 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ھاتاي ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ خارماندالى قايتۇرۇپ بېرىش مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى يېزىلغان. مەزكۇر يازمىدا تاجىكىستان ئەلچىخانىسى بىلەن بىرلىكتە مىللىتىنى ئېنىقلاش نەتىجىسىدە ئۆزىنى «خىتاي پۇقراسى زىننەتگۈل تۇرسۇن» دەپ تونۇشتۇرغان ئايالنىڭ 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان رەھىمە ئاخمادوۋا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بالىسى ھىلال شەھىنۇر، بەرنا ئابدۇللاھ ۋە يولدىشى ئابدۇللاھ ئاھمادوۋنى ئىستانبۇل ئايرودرومىدىن تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىگە يول سېلىپ قويۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.
0:00 / 0:00