ياۋروپا بىرلىكىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىش سالاھىيىتى يوقمۇ؟

نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ مو يەنگە بېرىلىشى نارازىلىق قوزغىغانغا ئوخشاش، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە بېرىلىشىمۇ نارازىلىق پەيدا قىلدى.

0:00 / 0:00

ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا كۆرە، 10-دېكابىر كۈنى نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ياۋروپا بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن كومىسسىيون باشلىقى جوسې مانۇئېل بارروسو، پارلامېنت باشلىقى مارتىن شۇلز ۋە پالاتا باشلىقى ۋان رومپۇي قاتارلىقلار سەھنىگە چىقىپ، 930 مىڭ ياۋرو (8 مىليون كرون) پۇل چېكى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ مېدالى ۋە گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. مۇراسىمغا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىل ۋە فرانسىيە پرېزىدېنتى ھوللاندە قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى.

بۇ يىل 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتى بۇ مۇكاپاتنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندا، ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرى بەس-بەستە پىكىر بايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياجانلىرىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

ياۋروپا بىرلىكى كومىسىيۇنىنىڭ رەئىسى بارروسا ئەپەندى ئىپادە بىلدۈرۈپ «نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ بۇ قارارى 500 مىليون ياۋروپا پۇقرالىرىغا غايەت زور شەرەپ ئاتا قىلدى. بۇ، ئۆز نۆۋىتىدە ياۋروپا بىرلىكى پۇقرالىرىغا ۋە دۇنياغا بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت پەۋقۇلئاددە بىر لايىھىنىڭ توغرىلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر. ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى نۆۋەتتىكى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق مەزگىلىدە، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ يەنىلا دۇنيا ئەللىرى ۋە خەلقلىرىگە ئۈلگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت قۇدرەتلىك بىر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا موھتاج» دېگەن. ياۋروپا بىرلىكىنىڭ پالاتا باشلىقى ۋان رومپۇي ئۆزلىرىگە نېسىپ بولغان بۇ شەرەپتىن ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېگەن: «بىز ئۆز-ئارا قانچە ئەسىرلەپ ئۇرۇشتۇق. ئاقىۋەت ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. ياۋروپا بىرلىكى دۇنياغا كەلدى، ئەمدى ھەرگىزمۇ بۇنداق ئۇرۇش بولمايدۇ. سەۋەبى، ياۋروپا بىرلىكى ھەقىقەتەنمۇ بۇ دۇنيادا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ بۈيۈك تىنچلىق قۇرۇلمىسىنى قۇرۇپ چىقتى.» ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى مارتىن شۇلزمۇ پىكىر بىلدۈرۈپ «ياۋروپا بىرلىكى بولسا، تىنچلىق ئۇرۇشنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن، ئىتتىپاقلىق ئۆچمەنلىكنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن پەۋقۇلئاددە بىر قۇرۇلۇش. ياۋروپا بىرلىكىدە، ئۆز-ئارا چۈشىنىش بارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ قىملىنامىسىدۇر» دېگەن.

12-ئۆكتەبىردىكى «ياۋروپا بىرلىكىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى» ناملىق بۇ خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىل «نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ بۇ قالتىس ھۆكۈمى ياۋروپا بىرلىكىگە ئىلھام بېغىشلاپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا مەجبۇرىيەت ئاتا قىلدى. ياۋروپا بىرلىكىنىڭ پۇقرالىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 60 يىللىق تىنچلىق ناھايىتى ئۇزۇن بىر ۋاقىت. ئەمما تارىخ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچىلىك بولغان قىسقا بىر ۋاقىت. بىز چوقۇم تىنچلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك يولىدا ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ياۋرو بىز ئۈچۈن يالغۇز ئورتاق پۇل بولۇپلا قالماي، ئالدى بىلەن ياۋروپا بىرلىكى تىنچلىققا ۋە قىممەتكە ئىگە بىر جەمئىيەتتۇر» دېگەن بولسا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېستىر ۋېللې «ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشى تارىختىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تىنچلىق پىلانىدۇر. تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك ئىككى قېتىملىق قورقۇنچلۇق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ خارابىلىكىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ تاكامۇللاشتى. ياۋروپانىڭ ھەمكارلىق مودېلى ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدۇ» دېگەن ئىدى.

ئەمما نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە بېرىلگەنلىكىنى قارشى ئالمايدىغانلار، «نوبېلنىڭ ۋەسىيىتىگە خىلاپلىق قىلىنىۋاتىدۇ» دېگۈچىلەرمۇ ئاز ئەمەس.

گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىرىدىن كلاۋدىيا روت ۋە جەم ئۆزدەمىرلەر ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. سولقانات پارتىيە مەسئۇللىرىدىن ھۆگېرمۇ ياۋروپا بىرلىكىنى «بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق» دەپ قارىدى. گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 10-دېكابىردىكى «ياۋروپا بىرلىكىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى شۈبھە پەيدا قىلدى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە قارشى تۇرغۇچىلار نۆۋەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بەزى ئوبيېكتىپ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان:

مەسىلەن، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشتىن قېچىپ ياۋروپاغا ئېقىپ كىرىۋاتقان قاچاقلارغا پاناھلىق بېرىش مەسىلىسىدىكى توسالغۇلار، ياۋروپادىكى رومالارغا ئوخشاش بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھېلىمۇ مەلۇم دەرىجىدە كەمسىتىشكە ئۇچرىشى، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشقا يېتەرلىك دەرىجىدە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ئالالمايۋاتقانلىقى ۋە تاشقى سىياسىتىدىكى خاتالىقلار.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىش سالاھىيىتىنى بەلگىلەيدىغان نەتىجىلىرى ۋە بۇ سالاھىيەتنى ئىنكار قىلىدىغان سەۋەنلىكلىرى توغرىسىدا كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ۋولفگاڭ گرېنز «ياۋروپا بىرلىكىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىش سالاھىيىتى چەكلىك» دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش ئاپىتىدىن قېچىپ، ياۋروپاغا كېلىش ئۈچۈن دېڭىزدا يول يۈرۈش جەريانىدا قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ياۋروپا بىرلىكى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ياۋروپا پارلامېنتى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن فرانزىسكا كېللەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى، تاشقى سودا ۋە يېزا ئىگىلىك سىياسىتى باشقا رايونلاردىكىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۈچەيتىۋەتكەن.

جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ روھانىي داھىيسى دېسموند تۈتۈ باشلىق بىر قىسىم نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا بىرلىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ قىممەت قارىشىغا خىلاپلىق قىلغان. ئالفىرېد نوبېل 1895-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغاندا، بۇ مۇكاپاتنى تىنچلىق يولىدا كۈرەش قىلغان قەھرىمانلارغا بېرىشنى بېكىتكەن. دىسموند تۈتۈ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شىمالىي ئېرلاندىيىلىك ماگۇئىرە ۋە ئارگېنتىنىلىق پېرس قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانلىرى بىلەن بىرلىشىپ نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىغا ئوچۇق خەت يېزىپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە بېرىلگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن ۋە نوبېلنىڭ ۋەسىيىتىگە خىلاپلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.