كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەگە كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. بولۇپمۇ 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى تايلاندنىڭ تاغلىق رايوندىكى كاۋچوك دەرەخلىقىدىن تېپىلغان 220 ئۇيغۇر توغرىسىدىكى خەۋەر تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ تراگېدىيىسى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. 2014-يىلى تۈركىيەدىكى habervaktim.com تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئىگە چىقىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى. تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ياردەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى ياش-ئۆسمۈر ۋە ئاياللاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇلار تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن تۇرمۇشىنى قامدىماقتا ئىكەن. مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن مۇساپىر ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە قەيسەرى شەھىرىدە ياشىماقتا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندا ئاتا-ئانىسى يوق ياكى دادىسى ئۇيغۇر دىيارىدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەرمۇ بار ئىكەن.
تۈركىيەگە كەلگەن بۇ مۇساپىرلارنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالى قانداق؟ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ھەل بولدىمۇ؟ ئۇلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە؟ بولۇپمۇ قىش مەزگىلىدە ئۇلار قانداق تۇرمۇش كەچۈرمەكتە؟ دېگەن مەسىلىلەر بويىچە مۇساپىرلار ئىشلىرىغا ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، ئىستانبۇلغا جايلاشقان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق ئۇيۇشمىسى» دەپ ئاتالغان ئاممىۋى جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى سوغۇق قىشتا ئىستانبۇلدىكى يېتىم-يېسىر ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئىقامەت ئېلىش، گراژدانلىققا قوبۇل قىلىنىش ئىشلىرىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشى، تۈركىيەگە كەلگەن سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ كۆپلۈكى، تۈركىيەنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشى تۈپەيلى بولغانلىقىنى، يېقىندا ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇردىن 180 ئائىلە قەيسەرىگە جايلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئۇلار توغرىسىدا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى مەلۇمات بەردى.
رەسمىي بولمىغان ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا 2014-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈركىيەگە كەلگەن مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 7 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپى ئىستانبۇل ۋە قەيسەرى شەھەرلىرىدە تۇرماقتا.