ئىسلام دۆلەتلىرى خىتايغا قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇر ئۈچۈن نېمىشقا گەپ قىلمايدۇ؟

0:00 / 0:00

تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى شۇنچە تەلەپ، بېسىم ۋە چاقىرىقلارغا قارىماي، 40 ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانىدى. ئەمما كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلەر تايلاندنىڭ بۇ قىلمىشىغا سۈكۈت قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى قايتا ئىسپاتلىماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو 28-فېۋرال X ھېسابىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، تايلاندنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەپ: «تايلاند بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتتى، تايلاندنىڭ كونا ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز تايلاندنىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيەتكە خىلاپلىق قىلىشىدىن قاتتىق چۆچۈدۇق. ئامېرىكا بۇ قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. بىز تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي مۇئامىلە كۆرۈشىگە، ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز». دېگەنىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈرك (Volker Turk) 27-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى ۋە پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ: «بۇ قىلمىش ب د ت نىڭ ‹تەن جازاسى ياكى باشقا ۋەھشىيلىكلەرنى، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھلىك ۋە خورلاشلارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» نىڭ 3-ماددىسىغا، يەنى مۇساپىرلارنى تەن جازاسىغا، قىيناشقا ياكى باشقا ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان جايغا قايتۇرماسلىق پىرىنسىپىغا خىلاپ. ‹خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى» نىڭ 7-ماددىسىدىمۇ بۇ بەلگىلىمە بار. تايلاند بۇ ئەھدىنامىگە قول قويغان دۆلەت. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ (ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى) قايتۇرۇۋېتىشى كىشىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزلىرى ئېلىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى مەلۇم قىلىپ تۇرۇشقا، ئۇلارغا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپى بويىچە مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان، شۇنداقلا تايلاند ھۆكۈمىتىنى قالغان 8 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە ئۈندىگەن.

ھالبۇكى ھىندىستاندا چىقىدىغان «جۇمھۇرىيەت» گېزىتى 3-مارت ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ قېتىم خىتاينىڭ تەسىرى ۋە كۈچىگە يېڭىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ: «خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى كونترول قىلغۇسىز تەسىرى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارغا جاۋابكار بولىدىغان بۇ ئورگاننى چىرىكلەشتۈردى. ئەگەر بۇ ئىشتا خىتاي غەلىبە قىلىۋەرسە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى دۇنيادا باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلارنىڭ نازارەتچىسى ئەمەس، بەلكى مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ قونچىقى بولۇپ قالىدۇ» دېگەن سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

3-مارت كۈنى «خىتاينىڭ جەنۇبى يېرىم شاردىكى قۇرۇلۇشى» (CGSP) تور بېتىدە چىققان بىر ماقالىدە دېيىلىشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن غەرب دۆلەتلىرى ۋە ياپونىيە قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر تايلاندنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى، جۈملىدىن ھىندونېزىيە، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەر بۇنىڭغا ھېچنېمە دېمىگەن. كۆپىنچە مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى «تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» دەپ قارايدىكەن ۋە خەلقىنى شۇنىڭغا ئىشەندۈرىدىكەن. شۇڭا ھۆكۈمەتلەر تايلاندنى ئەيىبلىمىسىمۇ، دۆلەت ئىچىدە ھېچقانداق قارشىلىق ساداسى چىقمايدىكەن. ھىندونېزىيە، مالايسىيا، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەر «جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى» (ASEAN) نىڭ ئەزالىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ رامكا ئىچىدە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. ئەڭ مۇھىمى بۇ دۆلەتلەر ئىقتىسادىي تەسىرى كۈچلۈك خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشىنى خالىمايدىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى ھىندونېزىيە، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسەتكۈدەك كۈچىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى بولغان ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى (CAIR) 27-فېۋرال كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرغىنىنى قاتتىق ئەيىبلەشكە چاقىرغانىدى. مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا: «تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئۆز خەلقىنى باستۇرىدىغان، قىيىن-قىستاققا ئالىدىغان ۋە ئۆلتۈرىدىغانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇنداق زوراۋانلىق قىلمىشىنى چوقۇم ئەيىبلىشى كېرەك. بىز ترامپ ھۆكۈمىتىنى خىتايغا بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاياغلاشتۇرۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ئېدۋارد ئەھمەد مىشېل 4-مارت كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتىگە سۈكۈت قىلىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كۆپلىگەن مۇسۇلمان شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ باشپاناھسىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خىتايغا قايتۇرغىنىنى ئاشكارا ئەيىبلىدى، چۈنكى ئۇلار خىتايدا باستۇرۇشقا ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن. دەرۋەقە، كۆپلىگەن مۇسۇلمان ھۆكۈمەتلىرى بۇ توغرۇلۇق ھېچنېمە دېمىدى، بۇ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان ئەھۋال، چۈنكى ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد ۋە باشقا تەرەپلەردىكى تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بىز ئەلۋەتتە كۈچلۈك مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنى مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشقا ئاشكارا قارشى چىقىشقا ئۈندەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىكىر ئەركىنلىكى بولغان ئىسلامىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ھەر ۋاقىت مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشىنى قوللايمىز».

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە مۇسۇلمانلارنى ھاقارەتلەيدىغان كىچىككىنە بىر ئىش چىقسا، مۇسۇلمانلار ئۈممەت ئېڭى بويىچە تەرەپ-تەرەپتىن ئۇنى ئەيىبلەيدۇ؛ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىدۇ. ئەمما 40 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلسا ھېچ سادا يوق. مانا بۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرمەكتە ئىكەن.